تۇڭرا

ئورنى Wikipedia

تۇڭرا: تۇڭرالار ھەققىدە «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «سىر-تاردۇشلارنىڭ شىمالىغا، دولانغۇتلارنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 30 مىڭ» [13] دېيىلگەن. تۇڭرا قەبىلىسى ئەسلىدە ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالدىكى تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا ياشىغان بولۇپ، 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەبىلە باشلىقى ئابۇس بىر قىسم قوۋمىلىرىنى باشلاپ جەنۇپقا كۆچۈپ ئوردۇس ۋادىسىغا كەلگەن، ئوڭلۈك ئىسىيان كۆتۈرگەندە تۇڭرا قەبىلىسىدىكىلەردىنمۇ خىللانغان ئاتلىق قوشۇن تەشكىل قىلغان. ياپۇنىيىلىك تەتقىقاتچى شىياۋېي چۈەنشۇ ئەپەندى تۇڭرا قەبىلىسنىڭ نامى تۇغلا دەرياسىنىڭ نامىدىن كەلگەن، دەپ قارايدۇ.