Jump to content

تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ

ئورنى Wikipedia

تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ

زىياكار


ئايالىمنىڭ ئۈندىدارىغا بىر ئايال تەرپىدىن قالدۇرغان سۆزنى مەنمۇ ئاڭلىدىم. ئۇ ئايالنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئەسلىدە خېلى بەختلىك، ئىقتىسادىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن. ئەمما تۆت يىل ئىلگىرى ئۇلارغا كۆز تېگىپتۇ— ئېرى ئېغىر كېسەل بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئايال ئېرىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى، شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق ھەممە يەرگە ئاپىرىپتۇ. لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا بولىدىغان ئىش بوپتۇ — ئېرى بىر يېرىم يىل بۇرۇن بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىپتۇ. ئېرىنى داۋالىتىش يولىدا كۆپ چىقىم كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسەن قۇرۇپ كەتكەنىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىر يېرىم يىلدىن بېرى ناھايىتى تىجەشچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. ھازىرغا كەلگەندە بىر ئائىلىنىڭ، ئائىلىدىكى ئۈچ بالىنىڭ چىقىمى ئۇنى قىيناپ، ھالسىرىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۈندىداردا سودا قىلىپ بېقىشنى ئويلاشقانىكەن. ئۇ قايسىدۇر بىر گىرىم بويۇملىرى مەھسۇلاتىنى تاللاپ، ئۈندىدار چەمبىرىكىگە چىقارغانىكەن، ئۇنى سېتىپ چىقىرىش ئورنىغا خېلى كۆپ كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋاپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، چەمبىرەككە ئېلان چىقارغان كۈنى بەزى دوستلىرى ياكى تونۇشلىرى شۇ ئېلاننىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ: «چەمبىرەك سودىسى قىلمىغان سەن قالغانمىدىڭ ئەمدى؟» دەپ ئۇنى ئەيىبلەپتۇ، «بېيىپ كېتەي، دەپسەن-دە؟» دەپ مەسخىرە قىپتۇ. ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى، سۈرەتلەرنى چىقارسا يېغىپ كېتىدىغان يۈرەكلەردىن بۇ قېتىمدا پەقەت ئىككى – ئۈچ تاللا پەيدا بوپتۇ. شۇڭا بۇ ئايال قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قاپتۇ...

ئايالنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مەشھۇر پىروفىسسور دەي جيەنيىنىڭ بىر نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى. شۇ چاغدا پىروفىسسور دەي جيەنيى لېكسىيە سۆزلەۋاتقاندا، تىل – ئاھانەتكە قالغان، بەزىلەر نەق مەيداندىلا: «دەي جىيەنيى، سېنىڭ پۇلنى دەپ كىرمىگەن تۆشۈكۈڭ قالماپتۇ-دە!» دەپ غورۇرىنى سۇندۇرغانىدى. شۇ چاغدا كىشىلەر دەي جىيەنيىنىڭ ئۆكسۈپ يىغلىغانلىقى كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما پىروفىسسورنىڭ خوتۇنىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى، بىر قېپىدىن 30 تال چىقىدىغان دورىنى 50 مىڭ يۈەندىن سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. دەي جىيەنيىنىڭ لېكسىيە سۆزلىشى ئاز – تۇلا دورا پۇلى تېپىپ، نەچچە ئون يىللىق قەدىناسى— خوتۇنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىدى...

بىزدە «تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ» دېگەن گەپ بار. ھەر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە يارىشا قىيىنچىلىقى، ئېھتىياجى، تاللىشى بولىدۇ. ئائىلىدە كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنىڭمۇ كۆپىنچىسى ئىقتىساد سەۋەب تۇغۇلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، بىراۋنىڭ توغرا، قانۇنلۇق يول بىلەن كىرىم قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ئەقلى سەگەك ئادەم ئۈچۈن قوللىمىسىمۇ، ئەيبلەيدىغان، قۇسۇر تاپىدىغان ئىش ئەمەس.

يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەھەرلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قالايمىقان يايما يېيىش، ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئۇنى – بۇنى سېتىش ئەھۋاللىرى تۈزىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ھارۋىلاردا، كارۋاتلاردا، كۆتۈرۈپ يۈرۈپ پارچە – پۇرات سودا قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغانلار ئازىيىپ كەتتى. ئەمما پارتىيە - ھۆكۈمەت زامانىۋىي سودا بازىرى— تور سودا بازىرىنى خەلققە كەڭرى ئېچىۋەتتى، تور بازىرى سودىگەرلەرنىڭمۇ، سېتىۋالغۇچىلارنىڭمۇ قانۇنلۇق سودا سەھنىسىگە ئايلاندى. بۇ بازاردا ھارۋا ئىتتىرىپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ، ئورۇن تالىشىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، خالىغانلار دوكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، خالىمغانلار ھەقسىز دۇكانلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ.

دېمەك، تور سەھنىسى— بۈگۈنكى كۈندە سودا ماھارىتى، سودا ئەخلاقى يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق ئادەم كىرسە بولۇۋېرىدىغان سەھنە ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەھنىگە كىرگەنلەر قانۇنغا، مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە، سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىدىغانلا بولسا، ھېچكىمنىڭ «ئۇنداق قىلدىڭ، مۇنداق قىلدىڭ» دەپ قول شىلتىيدىغان ھەققى يوق!

ئايالىم ھېلىقى ئايالنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇنداق مەسلىھەت بەردى: «ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ گەپ – سۆزلىرىگە ئاساسەن ئىش كۆرىمەن، دېسىڭىز مەڭگۈ ھېچ ئىش قىلمىسىڭىز بولىدۇ. يېڭى بىر ئىش باشلىغان چېغىڭىزدا، ئەڭ كۆپ قۇسۇر ئىزدەيدىغانلىرى سىزنىڭ يېقىنلىرىڭىز بولىدۇ، يېقىنلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە سىزنى قوللايدىغانلىرىمۇ ئاز بولىدۇ. بەلكىم، سىزنى ئەيىبلىگەن، قۇسۇر ئىزدىگەن ئاشۇ كىشىلەرمۇ <ئىسنىڭ ئاچچىقىنى ئىچىدە بىلىشى> مۇمكىن. چۈنكى، بۇ ھاياتتا ھېچكىمنىڭ تۇرمۇشى مۇكەممەل ئەمەس. ئۇلارمۇ كۈنلەرنىڭ بېرىدە چۈشىنىپ قالىدۇ. بەلكىم، يېڭى يول تاللىغانلىقىڭىز سەۋەبلىك ھەتتا بەزى دوستلىرىڭىز سىزدىن يىراقلىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ تەنھا قالغانلىقىڭىز ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزگە خاس مۇستەقىل يول تاللىغانلىقىڭىز. شۇڭا ئۆزىڭىز تاللىغان يولنى توغرا، دۇرۇس دەپ قارىسىڭىز، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن ئارتۇقچە ھېسابلىشىپ كەتمەڭ! كۆڭۈلسىز گەپلەرنى ئەرزىمەس ئادەملەرنىڭ جۆيلۈشى دەپ ئېسىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ...»

توغرا، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس تاللىشى، ئۆزىگە خاس يولى بولىدۇ. سېنىڭ يولۇڭ ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ يولى بۇنىڭغا ماس ياكى توغرا كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزۈڭگە توغرا بىلىنگەن سېنىڭ قاراشلىرىڭنىڭڭمۇ ھەممەيلەنگە ماس كېلىىپ كېتىشى ناتايىن. مۇشۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئالدىراپ، ئۆز قارىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ باھا بېرىش ئەقلىي تەنتەكلىكنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. كىم نېمىنى خالىسا شۇنى دەيدىغان تور دۇنياسىدىكى ھە دېسە بىراۋنىڭ ئىشلىرىنى باھالاپ، ئاللىقانداق مەسخىرە، چۆكۈرۈش، ئەيىبلەش بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان، دەبدەبىلىك پىكىرلەرنى بايان قىلىپ، ئىشلارنىڭ يامان تەرپىنىلا ئىزدەيدىغانلار ئەمەلىيەتتە ئەدەب – ئەخلاق، ئادىمىيلىك مىزانلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ياشايدىغان «ساختا ئالىيجاناب»لاردۇر.

ئاخىردا دەيدىغىنىم، باشقىلارنىڭ ھاياتىنى، تۇرمۇشىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى باھالاپ يۈرمەيلى؛ ئەگەر باشقىلارغا بەك كۆڭۈل بۆلگىمىز كەلسە، ئۇنىڭ ئىشدىن قۇسۇر تېپىش ئورنىغا ئىشلىرىنى، تۇرمۇشىنى رەتكە سېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلايلى، ئىلھاملاندۇرايلى. ئەگەر بۇلارمۇ قولىمىزدىن كەلمىسە، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلايلى!