Jump to content

تۈتۈن پىرقىسى دىۋان بېگى

ئورنى Wikipedia

تۈتۈن پىرقىسى دىۋان بېگى (خەنچە مۇرەككەپ: 戶部尚書 ئاددىي: 户部尚书؛ پىنيىن: Hùbù shàngshū) ئەسكى جۇڭگودا ئەمەل نامى. ئالتە ۋازارەتتىن بىرى بولغان تۈتۈن ۋازارىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدارى. كۈنىمىزدىكى مالىيە مىنىستىرىغا باراۋەردۇر. تارىختا ئەمرى زېمىن (司徒\Sī tú)، يەر مەھكىمىسى (司农\Sī nóng)، خەلق پىرقىسى (民曹\Mín cáo) ۋە يەربېگى (地官\Dì guān) دەپ ئاتالغان.

تەرەققىياتى

[تەھرىر]

بۇ ئەمەلنى خەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا تۆرت دىۋانبېگى (尚书郎) تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى پۇل - پىچەك، تۇشۇش - توشۇتۇش، يەنى دۆلەتنىڭ مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىنغان.

ساۋ ۋېي دەۋرىدە (220—266) خەزىنە بېگى (度支尚书寺) بۇتخانىسى قۇرۇلۇپ ، ھەربىي چىقىمنى پىلانلاشقا مەسئۇل قىلىنغان. سۈي سۇلالىسىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولغان، كەينىدىنلا قۇرۇلغان تاڭ سۇلالسى 618 - (ۋىدېنىڭ 1 -) يىلى خەلق ئىشلىرى پىرقىسى دىۋانبېگى (民部尚书) تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇردى.

ۋاقتاكى 649 - (جىنگۈەن 23 -) يىلى لى شىمىن ئىسمى ئۆزگەرتىلمىسۇن ئ‍ۈچۈن بۇ ۋازارەتنى تۈتۈن پىرقىسى (户部尚书) قىلىپ ئۆزگەرتتى.656 - (شيەنچيڭ 1 -) يىلى خەزىنە پىرقىسى قىلىپ ئۆزگەرتتى. 662 - (لوڭشو 2 -) يىلى «ئەمرى زېمىن مۇراسىم دىۋانى» (司元太常伯) غا ئۆزگەرتىلدى. 670 - (شيەنخېڭ 1 -) يىلى قايتا تۈتۈن پىرقىسى ئىسمىغا قايتتى. 684 - (گۇاڭجەي 1 -) يەربېگى دىۋانى (地官尚书) دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 705 - يىلى (شېنلوڭ 1 -) يىلى قايتا تۈتۈن پىرقىسىغا ئ‍ۆزگەرتىلدى. بۇ ئەمەل كېيىنكى سەلتەنەتلەردە دائىما بار بولۇپ كەلدى.

تۈتۈن پىرقىسى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا مەسئۇل بولۇپ ، نۇپۇس، باج، دېھقانچىلىق ، سودا ۋە دۆلەت مەبلىغىنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  1. 后周、北宋王溥,《唐会要》卷第58·尚书省诸司中
  2. 严耕望《唐仆尚丞郎表》