تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا تەلەپلىرى
تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا تەلىپى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەقاملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە پۇقرالىرىغا قويۇلغان مەمۇرىي كىرىش چەكلىمىلىرىدىن ئىبارەت.
تۈركىيە پاسپورتى نىڭ تۆت تۈرى بار: ئادەتتىكى پاسپورت، ئالاھىدە پاسپورت، خىزمەت پاسپورتى ۋە دىپلوماتىك پاسپورت.
ۋىزا تەلىپى خەرىتىسى
[تەھرىر]ئادەتتىكى پاسپورت ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋىزا تەلىپى
[تەھرىر]قازاقىستان
[تەھرىر]تۈرك پۇقرالىرى قازاقىستانغا ۋىزىسىز كىرەلەيدۇ ۋە ئەڭ كۆپ 30 كۈن تۇرالايدۇ.
2026-يىلى 1-نويابىردىن باشلاپ ئېلىكترونلۇق ساياھەت رۇخسىتى ئۈچۈن QazETA يۇمتالىدىن 3900 تەڭگەگە ساياھەتتىن 72 سائەت بۇرۇن ئىلتىماس قىلىنىشى كېرەك. رۇخسەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 180 كۈن.
ترابزون دىن سارپ چېگرا ئېغىزىغا تەخمىنەن 185 كىلومېتىر كلىدۇ. 400 لىراغا بارالايسىز.
رىزە دىن سارپ چېگرا ئېغىزىغا تەخمىنەن 115 كىلومېتىر كلىدۇ.
شېنگىن رايونى
[تەھرىر]ۋىزا ئىلتىماسىنى ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي ھەمكارلاشقۇچى ئورگىنى بولغان VFS Global / Consortium for Italian Visa Services ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەركەزلەرنىڭ بىرىگە بېرىپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ:
رىياد (Riyadh): Localizer Mall, Ground Floor, Gate 2, Al Olaya
جىددە (Jeddah): TasHeel Commercial Plaza, Ground Floor, Al Mohammadiyah District 1
داممام (Dammam): LuLu Mall, First Floor, Al-Adhamah District
بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچلىرى
1. ئۇچرىشىش ۋاقتى (Appointment) بەلگىلەش
Consortium for Italian Visa Services / VFS Global KSA نىڭ رەسمىي تور بېكىتىگە كىرىپ ھېسابات ئېچىڭ.
ۋىزا تۈرىگە قىسقا مۇددەتلىك ساياھەت ۋىزىسى (Tourist Short-Stay C-Visa) نى تاللاڭ ھەمدە ئۆزىڭىزگە يېقىن مەركەزدىن (رىياد، جىددە ياكى داممام) ئۇچرىشىش ۋاقتى ئېلىڭ.
2. تەييارلايدىغان ھۆججەتلەر
پاسپورت: شېنگېن رايونىدىن قايتىدىغان ۋاقتىڭىزدىن كېيىن ئازدىگەندە 3 ئاي كۈچكە ئىگە بولۇشى ھەمدە ئازدىگەندە 2 بوش بەت بولۇشى كېرەك.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىقامىتى: قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتىڭىزدىن كېيىن ئازدىگەندە 3 ئاي كۈچكە ئىگە بولۇشى ھەمدە ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بولۇشى كېرەك.
قايتىش ۋىزىسى (Exit/Re-Entry Visa): سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىپ-كىرىش ۋىزىڭىز ساياھەت ۋاقتىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
شېنگېن ۋىزا ئىلتىماس جەدۋىلى: تولۇق توشقۇزۇلغان ۋە ئىمزالانغان بولۇشى كېرەك.
رەسىم: يېقىندا تارتىلغان، ئاق ئارقا كۆرۈنۈشلۈك 2 دانە پاسپورت رەسىمى.
خىزمەت ئىسپاتى: سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شىركىتىڭىزدىن ئېلىنغان، مەنسىپىڭىز، مائاشىڭىز، خىزمەتكە كىرگەن ۋاقتىڭىز ۋە رۇخسەت قىلىنغان تەتىل ۋاقتىڭىز يېزىلغان ھەمدە تامغا باسقان خىزمەت ئىسپاتى (NOC / Salary Letter) (زۆرۈر تېپىلسا سودا-سانائەت ئۆيى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇشى كېرەك).
بانكا كۆچۈرمىسى (Bank Statement): ئاخىرقى 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بولغان، بانكىنىڭ ئىسپات تامغىسى باسقان، يېتەرلىك پۇل بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئارخىپ.
ساياھەت پىلانى: ئايروپىلان بېلىتى زاكاز ئىسپاتى ۋە ئىتالىيەدىكى مېھمانخانا زاكاز نومۇرلىرى.
ساياھەت سۇغۇرتىسى: ئازدىگەندە 30,000 ياۋرو كاپالەت مەبلىغى بار، جىددىي داۋالىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شېنگېن ساياھەت سۇغۇرتىسى.
3. ئۇچرىشىشقا بېرىش
بەلگىلەنگەن ۋاقتىڭىزدىن 15 مىنۇت بۇرۇن VFS مەركىزىگە بېرىڭ.
ئىلتىماس جەدۋىلى ۋە ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇڭ.
شېنگېن ۋىزا ئۆلچەملىك ھەققى (چوڭلار ئۈچۈن 90 ياۋرو) ۋە VFS مۇلازىمەت ھەققىنى تۆلەڭ.
بايو-مېتىرىك (كۆزى ۋە بارماق ئىزى) ئۇچۇرلىرىڭىزنى بەرسىز.
4. ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە پاسپورتنى ئېلىش
بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتى ئادەتتە 15 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ (ساياھەت قىزغىن مەزگىللىرىدە سەل ئۇزارغىلى بولىدۇ).
ئىلتىماس ئاقىبىتىنى SMS ياكى ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق كۆزىتەلەيسىز.
تەستىقلانغاندىن كېيىن، پاسپورتنى مەركەزدىن بېرىپ ئالسىڭىز ياكى كۇرىئېر (پوستىخانا) ئارقىلىق ئۆيىڭىزگە ئالدۇرسىڭىز بولىدۇ.
باشقىلار
[تەھرىر]