تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتگە قارىتا ئىنكاسلار ئۈستىدە مۇلاھىزە

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر لارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى بەك ئۇزۇن، مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمىز مۇ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان بولسىمۇ1949-يىلى قىزىل كومۇنىستلار ئىشغالىيىتىدىن كېيىن بىز پەقەتلا باش كۆتۈرەلمىدۇق.

خىتاي بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقان ھەرقانداق دۆلەت خىتاينىڭ پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەپ بىر يەرنىڭ يوقلىقىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن دىپلوماتىك ۋە باشقا نورمال ئالاقىلىرىنى باشلىيالايدۇ.

بىز ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىن ياكى باشقا ھېچقانداق دۆلەتتىن ئاغرىنىش، قېيداش ھەققىمىز يوق. بىز قاچان ئۆزىمىزنىڭ ھەقلىق داۋايىمىزنى دۇنيا دۆلەتلىرىگە قولىمىزدىكى كوزىر ئارقىلىق ئېتىراپ قىلدۇرالىساق، ئاندىن تۈركىيە بولسۇن باشقىسى بولسۇن بىزنى قوللايدۇ.

بىزدە كۈچ ياكى باشقا دۆلەتلەرنى ئۈمىتلەندۈرگىدەك ئىمكانىيەت بولمىسا، ئۇيغۇر ئۈچۈن خىتاي بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىسىنى كىسىدىغان ياكى دۈشمەنلىشىدىغان دۆلەت يوق.

بىز ئۆز ئارا فىتنە، جىدەل، شەخسى ھاياتىمىز بىلەن ئاۋارە يۈرسەك، بىز ئۇچۈن خىتاي بىلەن قايسى دۆلەت ئېيتىشىپ بىرە؟!

خىتاي لاگىرلارغا 5-6مىليۇن ئىنساننى قاماپ يوقىتىشقا ھەركەت قىلىۋاتقان بولسا، ئەسەد سۈرىيەدە بىر يېرىم مىليۇننى ئۆلتۈرۈپ، 12مىليۇننى يۇرتلىرىدىن پالىدى دۇنيا قاراپ تۇردى، بەلكى كۆپ دۆلەتلەر ھەسسە قوشتى، خىتايمۇ بۇ ئويۇننىڭ ئىچىدە بار. ئەھۋال بۇ ئىكەن، ئۇيغۇر خەلقى كەلگۈسىدىكى ھايات-ماماتلىق يولىنى ياخشى، ئەقىللىق، ھىكمەت-پاراسەت بىلەن تاللىشى كېرەك.

ئەھۋال بۇ شەكىلدە بىر قانچە يىل داۋام قىپ قالسا ۋەتەندە ئۇيغۇر يوقاپكىتىشى مۇمكىن، جاڭ زىمىننىڭ تەشەببۇسى بويىچە شەرقىي تۈركىستاندا200مىليۇن خىتاينى يەرلەشتۈرۈش پىلانى ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئاقىۋەت نېمە بولماقچى!؟

بۈگۈن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز خىتاينىڭ مۇدھىش قەتلىئام جىنايىتىگە قارشى چارىسىزلىك ئىچىدە تۇرۋاتىمىز، غەرپ، شەرقتىن ئۇمىت كۈتۈپ بېقىۋاتىمىز، ئۇ بۇ دۆلەتلەردىن، تەشكىلاتلاردىن ئاغرىنىۋاتىمىز، نەتىجە بەرمەيۋاتىدۇ.

يەر يۈزىدىن ئۈمىت ئۈزۈلگەندەك قىلىدۇ، يەريۈزى ۋە پۈتۈن ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھتىن ئۇمىت ئۈزمەيلى!

ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن، لېكىن قويۇۋەتمەيدۇ..

مۇھىم بولغىنى بىز ئاسارەتتىن قۇرتۇلۇش يولىدا ئەقىل بىلەن تەمكىن ھەرىكەت قىلالامدۇق يوق، سەۋەبلەرنى لايىقىدا قىلدۇقمۇ يوق بۇنىڭ ھېساۋىنى كۆرىشىمىز كېرەك..

دۇنيادا زالىم ھاكىمىيەت داۋام قىلغان ئەمەس، خىتايدەك زالىملارنىڭ ھالاكىتى بەك ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئاللاھقا بولغان ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرەيلى، ئۈمىتلىك بولايلى.

ئاللاھ بىزلەرگە نېمىنى تەقدىر قىلغان بولسا، شۇنى كۆرمەي چارە يوق.!

خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ-زارلىرىنى ئاللاھ زايا قىلىۋەتمەيدۇ...

بىلال ئەزىزى