تۈندە قۇشنىڭ بالىسى
كۆرۈنۈش
تۈندە قۇشنىڭ بالىسى
لى بەي
خۇاڭيۈن شەھرى سىرتىدا قۇش تەلپۈنەر قونماق بولۇپ،
سايرىشار قايتقان بۇ قۇشلار شاخ ئارا خۇشۋاق بولۇپ.
كىمخاب دۇكاندا تۇقۇيدۇ رەختنى جىڭچۈەنلىك جۇۋان،
توختىدى ئۇرچۇق قولىدا تىترىگەچ ياپراق بولۇپ.
خۇشنا پەنجىرنىڭ ساداسى ئەسكە سالغاچ يارىنى،
ئاقتى تەنھا ھۇجرىدا كۆزدىن يېشى مۇنچاق بولۇپ.
— بۇ شېئىرنى جىڭچۈەنلىك ئايالنىڭ ئۆز يولدىشىنى سېغىنىپ چەككەن دىل ئازابلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يازغان. بۇ لى بەينىڭ چاڭئەندە يېزىلغان شېئىرى ئىدى.