Jump to content

تېتىقىسىز سۈنئىي ئەقىل

ئورنى Wikipedia
راك ئەيسا ئەلەيھىسالام (تېتقىسىز س ئە مەھسۇلاتى)

 «تېتىقىسىز سۈنئىي ئەقىل » ۋە ياكى "تېتىقسىز س ئە" (ئېنگلىزچە:AI slop، يەنى ئەخلەت سۈنئىي ئەقىل دېگەن مەنىدە) كۆپىنچە ئاددىيلا « تېتىقسىز سە » بولۇپ ، سۈنئىي ئەقىل بىلەن ياسالغان تۆۋەن سۈپەتلىك تاراتقۇ مەزمۇنلارنىڭ ئاتالغۇسىدۇر. ئۇ ئۆزىگە خاس تىرىشچانلىقنىڭ كەملىكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولۇپ ، ھازىر ئۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ مىقداردا ھاسىل قىلىنىۋاتىدۇ. 2020-يىللاردا ياسالغان بۇ ئاتالغۇنىڭ « ئەخلەت خەت » كە ئوخشايدىغان يېقىشلىق مەنىسى بار. تېتقىسىز س ئە مىسالىدىن مەسلەن مۈڭگۈزى بار بېلىق، قۇيرۇقى بار ئىنسان. تېتىقسىز سۈنئىي ئەقىل ئاساسەن ھېچقانداق مەنتقىسىز، رىئاللىغا، فىزىكىغا ماس كەلمەيدىغان، خىيالىۋى، ئاجايىپ-غارايىپ س ئە بىلەن ياسالغان ئويدۇرما تاراتقۇ مەزمۇنلىرىدۇر.

تېتىقىسىز سۈنئىي ئەقىل «رەقەملىك قالايمىقانچىلىق» ، «تولدۇرغۇچى مەزمۇن"، "سۈرئەت ۋە مىقدارنى ماددا ۋە سۈپەتتىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش» ، ۋە « ئىجتىمائىي تاراتقۇ ، سەنئەت ، كىتاب ۋە [...] ئىزدەش نەتىجىسى» دىكى «ناچار ياكى كېرەكسىز سۈنئىي ئەقىل» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.

نيۇ-يورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەلسەپە پروفېسسورى جوناتان گىلمور بۇ ماتېرىيالنى «ئاجايىپ چەكلەنگەن ، رېئال ئۇسلۇب» بار دەپ تەسۋىرلەپ ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ نېرۋا سېستىمىسنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى ئاسان دەپ قەيىت قىلغان.

مېتا تېتىقسىز س ئە ھاسىلاتى، "راك ئەيسا ئەلەيھىسالام"