Jump to content

تەشۋىقات ساھەسىدە ئەھمىيەت بىرىشكە تېگىشلىك بەزى نۇقتىلار

ئورنى Wikipedia
مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

تەشۋىقات-مېدىيا ئۈستىگە ئالغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مېدىيانىڭ بۇ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشتىن باشقا ئۈنۈملۈك كۆرەش ئۇسۇلى يوق دىيەرلىك. ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا بىر قىسىم پىدائىيلار ھەرخىل ئۇسۇلدا ۋە ۋاستىلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى. بۇندىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى بىر قاتار كۆزدىن كەچۈرۈش، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى كۆزىتىش نەتىجىسىدە، بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا تەشۋىقاتنىڭ قايسى ساھەلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى، مىللىي، دىننىي، مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرىنى قايسى شەكىل ۋە قايسى خىل مېتودتا تەشۋىق قىلساق ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؟ دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ يازما مەزكۇر سوئاللارنىڭ جاۋابىنى قىسقىچە بولسىمۇ جاۋابلىيالىشى مۇمكىن.


بىرىنچى، تېلېۋىزىيە – تىياتىرلىرى ئارقىلىق تەشۋىقات

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىن زامان تارىخى ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە-تىياتىرلىرىغا مەبلەغ سېلىش. يېڭى مېدىيا ئىستېمال نەزەرىيەسىدە مېدىيادىكى بارلىق پىروگراممىلار كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلغان مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇشى شەرت. شەرقىي تۈركىستان پاجىئەسىنى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋە نازۇك نۇقتىلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. كۈندىلىك خەۋەرلەر تېز ۋاقتى ئۆتىدىغان مېدىيا مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە تەسىرى ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا سۇسلايدۇ. ئالاھىدە مەزگىللەردىن سىرت، خەۋەر پىروگراممىلىرىنى كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار، ئاخباراتچىلار، ياشانغانلار، ئائىلە ئاياللىرى كۆرىدىغان بولۇپ، ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاش ئىمكانىيىتىدىن يىراق. تېلېۋىزىيە-تىياتىرلىرىدىكى ۋەقەلىكلەر قىزىقتۇرۇش كۈچى ئارقىلىق ياشلارنىڭ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى چوڭ-كىچىك، ياش-قېرى، ئەر-ئايال ھەتتا كىچىك بالىلارنى قىزىقتۇرالايدۇ ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈمىنى ساقلاپ قالالايدۇ. تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بىر قاتار ئىجتىمائىي مۇھىت، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئىنسانىي كۆرەشلەرنى كۆرۈرمەنلەرگە سۇنىدۇ. ياخشى يېزىلغان بىر تىياتىر، ياخشى ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىشى بىلەن كۆرۈرمەننى پۈتۈنلەي ۋەقەلىككە باغلايدۇ. كۆرۈرمەننىڭ ھېسسىياتىغا خىتاب قىلىپ، ھېسداشلىق ۋە قوللاش تەلەپ قىلىدۇ.

ئىككىنچى، كىنو (فىلىم) لەرگە مەبلەغ سېلىش

كىنولار فانتازىيەلىك، كومېدىيەلىك، ھېكايە فىلىم قاتارلىق بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھېكايە فىلىم ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ، شەخسلەر بېشىدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىنى سىنارىستلارغا يازدۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. كىنو فىلىمنىڭ تەشۋىقاتتىكى ئورنىمۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، تىبەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى فىلىمدە باش رول ئالغان «Brad Pitt» خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن. بۇمۇ كىنو فىلىمنىڭ تەشۋىقاتتىكى رولىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنىڭ بىر ئىسپاتى.

ئۈچۈنچى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار تەشۋىقات مەركىزى تەشكىللەش

يېڭى مېدىيا ياكى رەقەملىك مېدىيا دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار (فېيىسبۇك، تىۋىتتېر، ئىنسىتاگرام، يوتۇب، لىنكىد قاتارلىقلار) نۆۋەتتىكى جەمئىيەتنىڭ ئۆزئايان كۆرۈنۈشى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېزىق، رەسىم، ۋىدىيو (سىن) قاتارلىقلار بىرىكتۈرۈلۈپ تارقىتىلغاچقا ئوقۇرمەننى جەلپ قىلىش تەسىرى كۈچلۈك. مەزمۇن قىسقا بولغاچقا، ئوقۇرمەننىڭ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي ئۇسۇللار بىلەن مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ ئەگشكۈچىگە ئېرىشكىلى ۋە بۇ ئەگەشكۈچىلەرنى خالىغان دۆلەتتىن تاللىغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تەشۋىقات ئۇسۇلى تېخنىكا، مۇخبىر (مەزمۇن تەييارلىغۇچى) ۋە تارقىتىشىپ بەرگۈچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپىدىن تەشكىل تاپىدۇ. مەزمۇنلار ناھايىتى سۈپەتلىك، جانلىق، تەسىرلىك بولۇش ئۈچۈن مۇنتىزىم ئورۇن ۋە خىزمەتچىگە ئېھتىياجلىق. خۇلاسە شۇكى، ئاز چىقىم، قىسقا ۋاقىت، كۆپ كۆرۈرمەن، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرى تەشۋىقات مەركىزى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان جەرياندۇر.

تۆتىنچى، يۈزمۇ يۈز تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىش

گەرچە تېخنىكا ۋە مېدىيا شۇنچىلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يۈزمۇ يۈز تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى ھەممىدىن كۈچلۈك دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر داۋاگەرلىرى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار (جەمئىيەتلەر) غا بۆلۈنۈپ زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى ئېلىپ بارغاندا، قارشى تەرەپ بىۋاسىتە بىرىنچى مەنبەدىن ئالغان مەنبەلەر بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئەزاسى كۆپ بولغان تەشكىلاتلارنى تاللاپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، كونفېرانس، نامايىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرسا، ھازىرقى تەشۋىقات ئۈنۈمىدىن يۇقىرىراق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

بەشىنچى، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ شەخسىي تور بېتى، بىلوگ ئېچىش قاتارلىق يۈزلىنىشلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇغا ئەھمىيەت بېرىش

بۇ يەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى سىياسەتچىلەر، تەشكىلات رەھبەرلىرى، يازغۇچىلار، دىندارلار، بايلار قاتارلىق جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىرى بار، تونۇلغان كىشىلەرنى مەقسەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ سىياسىي رەھبەرلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، زۆرۈر تېپىلسا شەخسىي تاراتقۇلىرىنى باشقۇرىدىغان مەخسۇس خادىم ئىشلىتىشى كېرەك. مەۋھۇم كۆرۈنۈش ياكى مېدىيادا نامايان بولۇش دېگەن يېڭى ئۇقۇمدا دېيىلىشىچە، كىشىلەر مەلۇم بىر خىل كىشى ياكى ئورگانلارنى ئۇلارنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى سىماسىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىشنى باشلايدىكەن.

ئالتىنچى، مەخسۇس تەشۋىقاتچى (ناتىق) يېتىشتۈرۈش

تەشكىلاتلار ياكى ئىلمىي جەمئىيەتلەر شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس تەشۋىقاتچى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. نۆۋەتتە ئىنتېرنېت ۋە مېدىيالاردا كۆزىمىزگە چېلىقىۋاتقان كىشىلەر بىر قانچە تەشكىلاتنىڭ ئىككى ياكى ئۈچ سىماسىدىن ئىبارەت. مېدىيا ساھەسى ئۇيغۇر داۋاسى قىلىدىغان بىر قانچە كىشىلا بار ئىكەن دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقى كېرەك. مېدىيا زىيارىتى قوبۇل قىلىۋاتقان ياكى كونفېرانسلاردا سۆزلەۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستاندىن كىچىكلا ئايرىلىپ كەتكەن ياكى ۋەتەننى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەر بولغاچقا، زىيارەت ئەسناسىدا بەزى رېئاللىقلارنى تەسۋىرلەشكە ئاجىز كەلگەن ئەھۋاللار كۆرۈلدى. تۈركىيەدە مەيلى ئوقۇغۇچىلار مەيلى سەگەك ئامما بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر مەخسۇس كونفېرانس ۋە زىيارەت ئۈچۈن تەربىيەلىنىشى زۆرۈر.

يەتتىنچى، مەخسۇس تالانتلىق ئۆسمۈر يېتىلدۈرۈش

شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، قىرائەت قىلىش، مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل، تەنھەرىكەت قاتارلىق ساھەلەردە ئارتۇقچىلىقى بار بالىلارنى ئالاھىدە تەربىيەلەش. خەلقئارا بالىلار بايرىمى، دىيانەت قىرائەت مۇسابىقىسى، تۈركىي مىللەتلەر سەنئەت كېچىلىكى، تالانت سەھنىسى قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك سەھنىلەردە ئۇيغۇر ئوبرازى ۋە شەرقىي تۈركىستان سىماسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. تالانت ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادچان، تىرىشچان، تىز پۈكمەس روھىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىغا قىزىقتۇرۇش لازىم.

سەككىزىنچى، ۋاسىتىلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىىلىق تەشۋىق قىلىش

بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان تۇنجى ئوبىيېكت ئادەم ۋاسىتە، يەنە بىرى ئادەمنىڭ ۋاسىتىسى. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان جەمئىيەت تەسىرى بار سەرخىل كىشىلەرنى مەخسۇس زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان پوزىتسىيەسى ۋە ھېسداشلىقى بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى، چوقۇنغۇچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان تېمىسىغا يۈزلەندۈرۈش. مەسىلەن، تۈركىيەدىكى بەزى داڭلىق يازغۇچى، تارىخچى، يوتۇبېر ياكى ئارتىسلارنىڭ تىۋىتتېر ۋە باشقا تاراتقۇ ھېسابىدا مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بارلىرى بار. بۇ خىل كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە زىيارەت قىلغاندا نەق مەيداننى تارقىتىش ئارقىلىق كۆرۈرمەننى ئاۋۇتقىلى بولىدۇ. يەنى، زىيارەت قىلىنغۇچى شەخسمۇ كۆپىنچە ھاللاردا زىيارەت جەريانىنى بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.

توققۇزىنچى، تەشۋىقات ماتېرىيالى ئامبىرى قۇرۇش

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۈزگۈچتىن ئۆتكەن ئىشەنچلىك خەۋەر، رەسىم، مۇزىكا، ۋىدىيو، ھۆججەتلىك فىلىم، كىرىشتۈرمە پىروگراممىلارنى ئىزدەپ تاپالايدىغان ۋە خاتىرجەم ئىشلىتەلەيدىغان مەنبە كەم بولماقتا. بۇ خىزمەتنى مەلۇم ئورگان ياكى شەخس ماددىي ۋە مەنىۋىي شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇشى مۇمكىن.

ئونىنچى، ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقاتقا يۈزلىنىش، يۈزلەندۈرۈش

ھەربىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونى بار شەرقىي تۈركىستانلىق ئىشلىتىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇ ئاددىي ئەمما مۇھىم خىزمەتنى ئورۇندىيالايتتى. ئەمما نۆۋەتتە تەشۋىقات خىزمىتىنى ئاكتىپ قىلىۋاتقان ساناقلىق كىشىلەر بار. شۇڭلاشقا دەۋەتچىلەر، ناتىقلار، يازغۇچىلار مىللەتنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقاتقا ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنىشى كېرەك.


خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا يۇقىرىقىلار مېنىڭ يېڭى يىلدا ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك تەشۋىقات خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم. بەزىلىرى ئىھتىمالىدىن بەك يىراق كۆرۈنىدۇ، بەزىلىرى ناھايىتى ئاددىي. ئەمما، بۇلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە تەتبىقلاش مەسئۇلىيەت، مۇھەببەت ۋە مەجبۇرىيەت تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار بولغاچقا، بۇ خىل ئاڭ ۋە سەزگۈگە ئىگە كىشىلەرنىڭ كەم بولۇشى ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاقساتمىسمۇ، ئىلگىرىلەش ئانچە تېز بولمايۋاتىدۇ. سەمىمىيەتنى ئاساس قىلغان تەشكىلاتلار، ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسىدە راستچىل بولغان زىيالىيلار ۋە مىللەتپەرۋەر بايلارنىڭ ياردىمىدە يۇقىرىقى ئون تەكلىپنىڭ بىرەسى ئىشقا ئېشىپ قالسا، بۇ يازمىنى يېزىشنىڭ مۇددىئاسى ھاسىل بولاتتى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى