Jump to content

تەقدىرىمىزنىڭ تەقدىرى ھەققىدە

ئورنى Wikipedia

تەقدىرىمىزنىڭ تەقدىرى ھەققىدە

ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ئىدىيە تايانچ ۋە ئاساستۇر. ھېچبىر ھەرىكەت مەيلى توغرا ياكى خاتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىدىيەسىز بارلىققا كەلمەيدۇ. توغرا ھەرىكەت، ساغلام ئۈنۈم ۋە ئۇتۇقلۇق نەتىجە يارىتىشنىڭ تۈپ ئامىلى توغرا ئىدىيەدۇر. توغرا ئىدىيە بولماي تۇرۇپ كىرىزىسلارغا چارە تېپىش مۇمكىن ئەمەس. مىللەت سىياسىي مەھكۇملۇق، ئىقتىسادىي بوھران، مەدەنىي ياتلىشىش ۋە ئىلمىي چېكىنىشتىن ئىبارەت ئېغىر كىرىزىسلارنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن بىرگە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەلەشتۈرۈلۈشتىن ئىبارەت دەھشەتلىك بىر قاباھەتنى ياشاپ تۇرۇپتۇ. سەۋەب - نەتىجە قانۇنى سەلتەنەت سۈرگەن بۇ ئالەمدە، يۇقىرىقىدەك ئاقىۋەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە سەۋەبلەرنىڭ رول ئالغانلىقى مۇقەررەر. غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ رەقىبلەر ئارىسىدا ئالمىشىپ تۇرىدىغانلىقى كۆز يۇمغۇسىز رېئاللىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ رېئاللىقنىڭ يۈز بېرىشىنى سەۋەب - نەتىجە قانۇنىيىتىنىڭ دائىرىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش يولىدا تىنىمسىز ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە قارىماي ئىزچىل مەغلۇبىيەتنىڭ مېھمىنى بولۇپ كېلىۋاتقان بولساق، شۇنداقلا بۇ ئۇزۇن يىللىق كۈرەشلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى كۈنىمىزدىكى تىراگېدىيەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە بەلگىلىك توسالغۇلۇق رولىنى ئوينىيالمىغان بولسا، بۇ ئېنىقلا مەسىلىنىڭ شاختا ئەمەس، يىلتىزدا، ھەرىكەتتىنمۇ بەكرەك ئىدىيەدە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئىدىيەدىن ئىبارەت تۈپ ئامىلدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ھەرىكەت، ئۈنۈم ۋە ئۇتۇقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە توسالغۇ بولغۇچى كاشىلىلار بۈگۈنگە قەدەر بىزنىڭ ئۆزىمىزنى تونۇش، ئۆزلۈكىمىزنى قۇرۇپ چىقىش، بىزنى بىر قىبلىنىڭ، بىر كىتابنىڭ، بىر پەيغەمبەرنىڭ، بىر ئىقلىمنىڭ مەنسۇپلىرى سۈپىتىدە تۇتۇپ كەلگەن مەدەنىي ۋە سىياسىي مۇستەقىللىقىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىش يولىمىزغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاتالمىش «ئىلغار ۋە قالاقلىق»قا ئوخشاش ماددىيلىقنى مەركەز قىلغان سۇيىئىستېمالچىلىق ئىدىيەلىرىنى، «جاھاننىڭ كەينىدە قالماسلىق»قا ئوخشاش ئۆتمۈشنى ئەسلەشتىن، مىللەتنىڭ تارىخىي خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ۋە ئۇنتۇلدۇرۇلغان ئۆزىگە تەۋە خاسلىقلىرىنى بايقاپ چىقىشتىن ۋاز كەچكۈزۈپ،  ئۆزلۈكنى ئىزدەش يولىمىزدىن يالتايدۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان شوئارلارنى، ئاتالمىش «فېئودال جەمئىيەت»تىن قۇتۇلۇش مەزمۇن قىلىنغان «ھېچقاچان ئارقىغا قاراپ قالماي زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش» سەپسەتىسى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. قىسقىسى، يۇيۇلغان مېڭىلەرنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خاتىرىسىنى، تارىخىنى ۋە كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرىنى ئالغان نېمە بولسا شۇنى «ئۇر - ئۇر»غا چىقىرىپ يوقىتىش ئاسارەتلىك ھاياتىمىزدا ئىزچىل باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن قىسمىتىمىز بولۇپ كەلدى. پات - پات بىر قىسىم شالغۇت زېھنىيەتلەرنىڭ تىلىدا پەيدا بولۇپ قالىدىغان «پانئىسلامىزم»، «سىياسىي ئىسلام»، «ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى» كەبى بىزگە دوست ئەمەس ياۋ بولغان تەرەپلەرنىڭ «ئۇر -  ئۇر»غا چىقارغان «تاۋار»لىرىغا بازارلىق تەييارلاۋاتقان رەزىل كومپانىيەلەرنى ئاۋات قىلىپ بېرىشلەرمۇ بۇنىڭ ئىپادىلىرىدىن ئەلۋەتتە!

ئاتالغۇلارنى بىراۋلارنىڭ قويۇپ بەرگەن تەبىرى بويىچە شەرھلەپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بەرگەن ئىسمى بىلەن ئاتاپ، گويا بۇ ئاتالغۇلارنى «بۆ، بۆ» قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە، ئىلمىي ۋە سىياسىي خاراكتېرىگە ئۇلارنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ تۇرۇپ ئۈركۈتۈۋاتقان بۇنداق پارازىت ئىدىيەچىلەرنىڭ «ئۇيغۇرلۇق» نامىنىڭ ماھىيىتى ۋە خاراكتېرىگە قارىغاندا، شەكلىگە ۋە ئاتاققا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇپ سۇيىئىستېمالچىلىق تىپىدىكى تەپسىلاتلارنى جانلاندۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىغان ۋاقىتتا، بۇ دەل مىللەتنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن، ئۆتمۈشىنى ۋە ئۆزىنى تونۇپ قېلىشىدىن ئۈركۈيدىغان قارا سايىنىڭ «قولىدىن كەلگىنىنى قىلىش» پەيلىدىن يانمايۋاتقانلىقىدەك بىر رېئاللىقنى كۆرۈپ يېتىشكە بولىدۇ. ۋەتەندىن ئون يىللاپ ئايرىلىپ ياشاپمۇ ۋەتىنىنىڭ نامىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاشقا تىلى بارمايدىغان، ئاتاشقا توغرا كەلسىمۇ ئىككى يېنىغا بىرنى قارىۋېتىپ دەيدىغان پىسخىكا ئارقىسىدىمۇ دەل ئاشۇ «ئۇر - ئۇر»غا چىقىرىپ كۆنۈكتۈرۈۋەتكەن قارا سايەنىڭ بارلىقىنى، خاتىرىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىپ قالماسلىقى، ئاسارەتتىن ئاۋۋالقى مىراسلىرىمىزنى ئۇنىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى، مىراسخورلىرى سۈپىتىدە ئۆز ئىلكىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىشتەك ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلىرىمىز ئۈستىدە تېرىقچىلىك پىكىر ۋە مۇلاھىزە قىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومپانىيەلىرىنىڭ رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى بۈگۈننىڭ ۋەزىيىتىدە كۆرۈپ يەتمەك ئانچە تەس بولمىسا كېرەك. دېمەك، «بىز» ئەنە شۇنداق شانلىق تارىخ ياراتقان شەرەپلىك ئەجدادنىڭ شەرەپسىز ئەۋلادلىرىغا ئايلاندۇرۇلۇش خەتىرىدىن ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقالىغان، يۈزى ئاق كېتىشى ئۈچۈن، ئاقىۋىتىنىڭ مەغلۇبىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەۋلادنىڭ يولىنى ئېچىش يولىدا ئىسسىق قانلىرىنى پىدا قىلالايدىغان دەرىجىدىكى ئەزىمەت ئاتىلارنىڭ قارا يۈز ئەۋلادلىرى بولۇپ يېتىشتۈرۈلۈش پىلانىدىن ئۆزىمىزنى كوللېكتىپ ھالدا تارتىپ ئېلىپ چىقالىغان يەردە ئەمەسمىز. تېنىمىزنى تارتىپ ئېلىپ چىقالىغان بولساقمۇ، زېھنىمىز ھېلىھەم شۇنىڭ ئىستەكلىرى بىلەن زەرەتلىنىشتىن خالىي بولالىغىنى يوق. مەسىلەن بىزگە يۇقتۇرۇلغان ئاتالمىش ئىدىيەلەردىن «كونىلىقنى تاشلاپ ئارقىغا قارىماي توختاۋسىز ئىلگىرىلەش»، ئاتالمىش «كونىلارنىڭ ئىزىنى قايتا بېسىپ ئاۋارە بولماسلىق»، «زامانغا لايىقلىشىش»، «زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ سەھنىسىدىن بىر كىشىلىك ئورنى بار مىللەتكە ئايلىنىش» (باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ تاسمىسىغا باغلىنىپ بېقىنىپ ياشاش)، «باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان تەرزدىكى مىللەت بولۇش»، ئۇلارنىڭ ئىستىكىگە، رايىغا باقىدىغان مۇسۇلمانلاردىن بولۇش، نۆۋىتى كەلسە ئاتالمىش «ئازادلىق» ئۈچۈن دىننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش قاتارلىق سەپسەتىلەر قاينىمى بىزنى ئىچىگە سۆرەپ تۇرۇپتۇ. بۇ سەپسەتىلەر ئىلمىي سالاھىيەتتىن، ساغلام بىلىم قۇرۇلمىدىن، سۈزۈك روھىيەتتىن نېسىۋە ئالمىغان، ئەكسىچە ئالدىمىزغا ياساپ چىقىرىلغان ماڭقۇرت يازارمەنلەرنىڭ قولىدا ئۇستىلىق بىلەن يېزىلماقتا. مانا بۇلار بىزدە ئۆزىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە ھەر تەرەپلىمە مۇكەممەللەشكەن ساغلام بىر ئىدىيە خەرىتىسىنىڭ بولمىغانلىقىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلىرى. ئېنىقىنى ئېيتقاندا، بىزنى «بىز» قىلىپ قۇرۇپ چىققان ھەقىقەتلىرىمىزنى ۋە قۇرۇپ چىقىدىغان دەستۇرلىرىمىزنى يوقىتىپ قويغانلىقىمىزنىڭ، بۇزۇۋېتىلگەن كىملىكىمىزنى تولۇق شەكىللەندۈرۈپ بولالمىغانلىقىمىزنىڭ، مەدەنىي مىراسلىرىمىز، دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى ساپلاشتۇرالمىغانلىقىمىزنىڭ، يېغىپ ئېيتقاندا، بىزنى تۈركىي ئەجدادنىڭ داۋامى قىلىپ ياراتقان، مۇسۇلمانلىق شەخسىيىتىمىزنى بۈگۈنكى «ئۇيغۇرلۇق» ئېڭىمىز بىلەن گىرەلەشكەن ھالىتىدە شەكىللىنىشى ۋە ساقلىنىپ مېڭىشىغا مۇيەسسەر قىلغان، بىزگە ئاتا قىلىنغان زېمىننىڭ قۇرغۇچى، ئاۋات قىلغۇچى ۋە ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلغۇچى ئىلاھىي ئورۇن باسارلىق مەسئۇلىيىتىنى قولىمىزغا تۇتقۇزغان جانابى ئاللاھنىڭ بىزگە بەخش ئەتكەن قۇرئان ۋە سۈننەتنى مىزان قىلغان ئىلاھىي يولىمىزدىن، ساغلام تۇتقىغا ئىگە دەۋايىمىزدىن ئاداشقانلىقىمىزنىڭ ئاقىۋىتى. بۇ خىل ئىچكى يىمىرىلىشلەر چوقۇمكى، بىزنى ئىچ - تېشىمىزدىن قورشاپ تىزگىنىگە ئالماقچى، ئالغاندىمۇ ھېچقاچان قويۇپ بەرمەسكە ئېلىۋالماقچى بولغانلىقىدا، ھەمدە بۇنىڭ رەزىل نىيەتلىرىنىڭ قۇربانى قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن ھەر ۋاقىت پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىدا شەك يوق.

بۈگۈن تىل ساپايىمىز «پاراڭ» سەۋىيەسىگە چۈشۈپ قالغان، ھەتتا ئوخشاش تىلدا پاراڭلىشىپ تۇرۇپ چۈشىنىشمەسلىكتىن زىددىيەتلىشىپ قالىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان بولساق، تەپەككۇر تىلىمىز گاچىلاشقان، تەپەككۇرىمىز مەنتىقىلىشىش ۋە چوڭقۇرلىشىشتىن كۆرە ماشىنىلىشىپ كېتىۋاتقان، ئەقلىي ساپايىمىز تېيىزلىق پاتقىقىدىن چىقالماي تولغىنىۋاتقان بولسا، شۇنىڭدەك، مەيدانلىرىمىز ئاتاقتا بار قاپاق موللىلارنىڭ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى 70 يىلدىن ئاشۇرماي تەتقىق قىلىدىغان ھارامتاماق زىيالىيلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان بولسا، شۇنداقلا مىللىي مائارىپىمىز سىستېمىلىق تەربىيە كۆرمىگەن مائارىپچىلارنىڭ رەھبەرلىكىگە تايىنىپ قالغان بولسا، مىللىيلىك، ئۇيغۇرلۇق، مۇسۇلمانلىق قاتارلىق سالاھىيەتلىرىمىزنىڭ شەكىللىنىشى نائەھلىي دىپلوملۇق قارا ساۋاتلارنىڭ، شالغۇت مائارىپنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېزىپ چۈشەنچە بېرىشىگە قاراشلىق بولۇپ قالغان بولسا، ئېنىقكى بىز ئۆمۈچۈك تورى ھالىغا كەلگەن غايەت زور كىرىزىسلار ۋادىسىغا قاپسىلىپ قىلىش ھادىسىسىگە دۇچ كېلىپ بولدۇق. تورلاشقان بۇ كىرىزىسلاردىن بۆسۈپ چىقماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ باغلاقلىرىدىن يېشىنمەي تۇرۇپ بىز كۈتۈۋاتقان ئىدىيە قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىش پەقەتلا چۈش خالاس! شەرقنىڭ بۈيۈك پەيلاسوپلىرىدىن جامالىددىن ئافغانىي شۇنداق ئېيتىدۇ: «بىر مىللەتنىڭ تىلى بولماي تۇرۇپ بىرلىكى بەرپا بولمايدۇ. تارىخى بولمىغان مىللەتنىڭ تىلى يوقايدۇ. ئەگەر مىللەتتە يۇرت ماكانلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان، مىللەتنىڭ شانلىق تارىخىي ئىزلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىدىغان ئاۋانگارتلىرى بولمايدىكەن، مۇھەققەقكى، ئۇ مىللەتنىڭ تارىخىمۇ يوقايدۇ».

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئەگەر بىز مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلايمىز دەيدىكەنمىز، پاراڭلىشىشنى غايە قىلغان، گىرامماتىكا ۋە لېكسىكا قىسمىدىن ھالقىمايدىغان «ئانا تىل» سەۋدالىقىغا قامىلىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز نۆۋەتتە بىرلىكىمىزنى قۇرۇپ چىقىدىغان «تەپەككۇر تىلى»غا موھتاجمىز. ئېتىقادىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنەلەيدىغان تەپەككۇر تىلىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقىشقا ئېھتىياجلىقمىز. ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان بىزلەرگە تەپەككۇرىمىزنى گاللاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا ماجىراغا سۆرىلىشكە ۋە بىر - بىرىمىزنى قارىلاشقا ئەسقاتىدىغان تىل بىزگە كېرەك ئەمەس. بىزگە ئەقلىي تىل كېرەك، ئىلىم تىلى، تەپەككۇر تىلى، دىيالوگ تىلى، لوگىكا تىلى كېرەك. شۇندىلا بۇ بىرلىكنى قۇرۇش يولى راۋانلىشىدۇ. ساغلام ئىدىيەمۇ بارلىققا كېلىدۇ. بىز بۇنى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ھەرقاچان بۇنىڭ سالاھىيەتلىك ئادەملىرىگە ھاجىتىمىز چۈشىدۇ. ئەگەر ئارىمىزدا ھەقىقەتەن سالاھىيەتلىكلەر بولسا ئۇنداقلارنى دەستەكلەشنى بىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ يولىنى ئېچىشنى، خىزمەتلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشنى كېچىكتۈرمەسلىكىمىز كېرەك. ھەتتا بىز شۇنداقلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنى قېلىشقا مەجبۇرمىز. ئەجدادنىڭ «ھەقىقەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ تېگىگە يېتىدىغان بولساق، شۇنى ئاڭقىرىپ يېتىشىمىز كېرەك! ئەگەر بىز كېلەچىكىمىزنى ئويلىساق، كۆزىمىزنىڭ يورۇقىدا ئىككىنچى بىر ئەۋلادنىڭ دەۋرى كېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىزنى بىر تۇتقۇ ئەتراپىغا يىغالايدىغان سىستېمىلىق بىر ئەندىزە، ساغلام ئىدىيە خەرىتىسى قۇرۇپ چىقىشىمىز زۆرۈر. ئۇنداق قىلالماي كېتىپ قالىدىكەنمىز، تەقدىرىمىزنىڭ پەقەتلا سىياسەتچىلەرنىڭ قۇربانلىقى بولۇش قىسمىتىدىن قۇتۇلالىشى، شاھمات تاختىسىدا پېشكا بولۇش ھالىتىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەقىل بايلىقىمىز بولماي، جان سانىمىزنىڭ كۆپىيىشى بىزنى ھېچقاچان ئالغا باستۇرمايدۇ. شۇنداقلا ئارىمىزدا مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنى قېزىپ چىقىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۇنتۇلغان خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇلارغا ئەسلىنى تونۇتۇش يولىدا بارلىقىنى ئاتايدىغان ئاۋانگارتلار مەيدانغا كېلىشى كېرەك. مۇتەخەسسىسلىك، مۇتەپەككۇرلۇق سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئاۋانگارتلار ئالىملىق، ئارىفلىق ماقامىغا يۈكسەلگەن يولباشچى سەركىلەر مەيدانغا كەلمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ يولى ئېچىلمايدىكەن سىياسىي مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، نەسلىمىزنىڭ قۇرۇپ تۈگىشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، پەقەت ئۆزىمىزگىلا ئەمەس، ئىنسانىيەتكىمۇ ھەسسىسى يەتكەن شانلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىزىمۇ ئۆچۈپ تۈگىشى، پەقەتلا تارىخىي كىتابلاردا زىكرى قىلىنىشتىن ئارتۇق قىممىتى بولمىغان ئۆلۈك بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ.

-بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى