Jump to content

تەقدىرىمىز شالغۇتلۇق ۋە ماڭقۇرتلۇق ئارىسىدا

ئورنى Wikipedia

تەقدىرىمىز شالغۇتلۇق ۋە ماڭقۇرتلۇق ئارىسىدا

ئىدېئولوگىيە مەنپەئەتپەرەسچىلىكى شالغۇت «زىيالىيلىق» نىڭ تىپىك نامايەندىسىدۇر. ئۇنىڭچە بولغاندا دىن كىشىلەرنى ئېغىزىغا قارىتىشقا ئەسقاتقىچىلىك مىقداردا ئىشلىتىلسە كۇپايە. ئۇنىڭچە ئېتىقاد پەقەت «كۆڭۈل مەھبۇسى» خالاس. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتنىڭ توغرا ياكى خاتا ئېلىپ بېرىلىشى، ھەقىقەت ياكى سەپسەتە ئۈچۈن بولۇشى مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەرسە پەقەتلا پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش. باشقىسى مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭچە بولغاندا مەۋقە، پىرىنسىپ، قىممەت قاراش، ئېتىقاد ھەممىسى پىدا قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەسقاتسا بولىدى. ئىدېئولوگىيەگە ئەقلىي تەسلىمىچىلىك ئوتتۇرىغا چىققاندا مەنتىقە سۇسلايدۇ. ماڭقۇرتلۇق ھۆكۈم سۈرگەن توپتا شالغۇتلۇق بازار تاپىدۇ. بۇنداق توپتا قارىماققا قاملاشقاندەك كۆرىنىدىغان، لېكىن ماھىيىتى سۇنۇق بولغان ئىدېئولوگىيەلەر ئوتتۇرىغا چىقسىمۇ دىققەت قىلىدىغانلار ئاز بولىدۇ.

شەخسىيىتىدە مۇستەقىل ئىدىيە قۇرۇپ چىقالمىغان شالغۇت زىيالىي ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىم بولۇشى مۇھىم ئەمەس، باشقىلارنىڭ ئۇنى كىم دەپ تونۇشى ياكى كىم دەپ تۇنۇشتۇرۇشى مۇھىم ئورۇندا. چۈنكى، ئۇنىڭ كىملىكى زىددىيەتلىك بىر كىملىك. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىگە ئىشەنچىسى يوق، چوقۇم تەستىققا ئېرىشمىسە كۆڭلى تىنمايدۇ. زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە بولغان زىيالىينىڭ دۇنياسىمۇ زىددىيەتلىك، پارادوكسلىق بولىدۇ. شۇنىڭدەك شالغۇت زىيالىينىڭ مىللەت ئۇقۇمىمۇ مۇجمەل، ھېسسىي كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن مىللىتىنىڭ كىم بولۇشى ئۈچۈنمۇ خالاپ-خالىماي باشقىلارنىڭ تەستىقىغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. مىللىتىمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە بېقىپ شەكىللىنىشى، باشقىلارنىڭ باھاسىغا بېقىپ يۈرۈش-تۇرۇش قىلىشى، باشقىلارنىڭ نەزەرىگە كىم بولۇپ تونۇلۇشى مۇھىم. بۇنداق بېقىندى مىجەزلىك شالغۇت زىيالىيلارنىڭ تۇراقلىق مەيدانى بولمايدۇ. تۇراقلىق خاراكتېرىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق تىپتىكىلەرنىڭ ئىشى پەدىگە بېقىپ ئۇسسۇل ئويناشتۇر. چۈنكى ئۇنىڭدا دۇتتارنى چالالىغۇدەك، پەدىسىنى ئۆز ئالدىغا باسالىغۇدەك مۇستەقىل روھ يوق. شۇڭا ئۇ ئۇسسۇلنى سازغا بېقىپ ئوينايدۇكى، تارغا تېگىۋاتقان قولنىڭ كىمنىڭ قولى ئىكەنلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇنىڭ مىللىتىنى تونۇشتۇرىدىغان پەلسەپەسى يوق، ئۇنىڭ بىلگەن تارىخىمۇ ساپ تارىخ ئەمەس. توغرىسى شالغۇت تارىخ، شالغۇت مەپكۇرە.

بۇ شالغۇتلار بىلىپ قويۇشى كېرەككى، بۇ مىللەت تارىخى بىلەن، مەدەنىيىتى بىلەن، سەنئىتى بىلەن، تىلى بىلەن قوشۇپ مۇستەھكەم يىلتىزىنى شەكىللەندۈرگەن ئۇلۇغ چىناردۇر. بۇ چىنارنى ياشارتىدىغىنى، ئۇنىڭغا روھ بېرىدىغىنى ئۇنىڭ دىنى. شۇنداقلا بۈگۈن بۇ مىللەتنىڭ بىرلا دۈشمىنى بار. ئۇ بولسىمۇ مىللەتنىڭ چىنارىغا پالتا ئۇرۇۋاتقان، پالتا ئۇرۇۋاتقان قوللارنىڭ بېلىدىن يۆلەۋاتقان مۇستەملىكىچىسى ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقلىرىدۇر. مەزكۇر دۈشمەن بۇ مىللەتنىڭ سەنئىتىگە، مەدەنىيىتىگە ئىچىدىن دۈشمەن يارىتىش ئۈچۈن مىللەت چىنارىنىڭ ھەر بىر شېخىنى ئايرىم-ئايرىم توپلارغا بۆلۈپ بېرىپ زىددىيەتكە سېلىش ئويۇنى ئوينىماقتا. بىرى مىللەتنى سەنئەت قۇتۇلدۇرىدۇ، بىرى دىن قۇتۇلدۇرىدۇ، بىرى مەدەنىيەت قۇتۇلدۇرىدۇ، بىرى ماددىي كۈچ قۇتۇلدۇرىدۇ، دەپ....

ئەمەلىيەتتە ھەممىسى بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلىغاندا ئاندىن ھەقىقىي قۇتۇلۇش ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ كۈرەش پەقەتلا تۇپراقنى ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇش كۈرىشى ئەمەس، روھنىمۇ، زېمىننىمۇ تەڭ قۇتۇلدۇرۇش كۆرۈشىدۇر. يۇقىرقىلار پۈتۈنلۈككە ئېرىشكەندىلا ئاندىن قۇتۇلۇش ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولىدۇ.

دېمەك، مىللەتنى قۇتۇلدۇرغۇچى بۇ ئۇنسۇرلارنىڭ بولۇشى مۇھىم بولغان ئىكەن، ھەر بىرىنى ئەسلى ماھىيىتى بويىچە چۈشىنىش، ئەسلىگە قايتۇرۇش، توغرا تەتبىقلاش زۆرۈر.

ئەگەر سەنئەت دەۋاسى قىلىپ بۇنىڭ چەك-چىگراسى ناخشا ئۇسۇل، سەنئەت كېچىلىكلىرىگە باغلاپ قويۇلغان، ئەخلاقىي قىممەتلەرگە ئورۇن بېرىلمىگەن بولسا، بۇ ھەقىقىي سەنئەت ئەمەس، ئۆزگەرتىۋېتىلگەن، خامېلېئونلاشتۇرۇلغان سەنئەتتۇر. ماتېرىيالىستلاشقان سەنئەتتۇر. سەنئەت دېگەن بىر مىللەتنىڭ روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، مىللەتنى ئۇنىڭسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىباھا مەنىۋى خەزىنىدۇر. بۇ خەزىنىنى قۇرۇپ چىقىشقا يارايدىغان ئاۋانگارتلار بۈگۈن قاماقتا ياكى تېخى بارلىققا كەلمىدى. ئۆتمۈشتىكى قۇرغۇچىلىرىنى بۈگۈنكىلەر تونۇغىسىز. بۇ دەرىجىدە قۇتقۇزۇشقا موھتاج خارابە سەنئەتنى بۈگۈنكىدەك كوللېكتىپ سىلكىنىش، مەنىۋى ۋە ئەقلىي يىڭىلىنىش تەقەززا بولۇۋاتقان چاغدا قايتا سەھنىگە كۆتۈرۈپ چىقماقچى بولۇش يا شالغۇتلۇقنىڭ ئالامىتى ياكى بولمىسا دۈشمەننىڭ ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى پىلان-لايىھەسىدۇر.

دىن بۇ مىللەتنىڭ ھاياتى ۋە ماماتى. بۇ مىللەت پەقەتلا دىنغا ئەگەشكۈچىلەرلا ئەمەس، بەلكى بۇ دىننى پەلسەپىۋى قاتلامدا يورۇتالىغان، ئەخلاقىي ۋە كۈلتۈر نۇقتىسىدىن يەر يۈزىگە ئۆرنەك بولغۇچى ئىدېئال بىر مەدەنىي سىستېمىنى قۇرغۇچى باشلامچىلار سېپىدىن ئورۇن ئالغان بىر مىللەت. بۇ مىللەت ئۆزىنى بۇ شەكىلدە تونۇپ چىقىدىغان بىلىم-سەۋىيەگە كۆتۈرۈلمەيدىكەن سەھنىگە «دىن» دەپ ئېلىپ چىقىلغان ۋە تېڭىلىش شەكلىدىكى «دىن» نىڭ چاقىرىقىلىرى بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىكەن، بۇنداق رامكا ئىچىدىكى دىنمۇ پەقەتلا ھەقىقىي دىننىڭ رولىنى يوق قىلىشقا خىزمەت قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان دىندۇر.

مەدەنىيەت بولسا، بۇ مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ۋۇجۇدىدۇر. بۇ ۋۇجۇتنى پارچىلاش، ئۇنى ئاتالمىش زامانىۋى مائارىپ، ئاتالمىش زامانىۋى ئىلىم-پەن، ئاتالمىش زامانىۋى ئىلغارلىق دېگەندەك شۇئارلارغا يەم قىلىش بىلەن، ئۇنىڭ يىلىكىدىكى جەۋھەرنى ئايرىشقا ئۇرۇنۇپ يېڭى ۋاكسىنىلارنى ئەملەشكە ھەرىكەت قىلىش بىلەن مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ئىگە چىقىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى بىر مەدەنىيەتشۇناس ئالىمى يوق تۇرۇقلۇق، شالغۇتلاشقان ۋە ياساپ چىقىش خەتىرىگە دۇچ كەلگەن بىر مەدەنىيەت ئوبرازىدىن يولغا چىققان ھالدا مەدەنىيەتنى تىرىلدۇرۇش، مەدەنىيەتنى قۇتۇلدۇرۇشتىن ئېغىز ئېچىش ئوخشاشلا شالغۇتلۇق ۋە دۈشمەننىڭ پىلان-لايىھەسىگە خىزمەت قىلىشتۇر.

يېغىپ ئېيتقاندا، دىن ۋە مەدەنىيەت گۆش بىلەن ياغدۇر. ھەقىقىي مەنىدىكى سەنئەت بولسا گۆش ۋە ياغدىن پۈتكەن بىر ۋۇجۇتنىڭ ھەيكىلى، ئوبرازىدۇر. بۇ ھەيكەلدە بۇ ۋۇجۇتنىڭ سىماسىدا ئۇنىڭ روھىيىتىنى كۆرگىلى، بۇ ۋۇجۇتنىڭ ئىلاھىيلىقىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولمىسا، بۇ مىللەتنىڭ تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىسە، مەنىۋىيىتىدىكى ئۆزىگە خاس بولغان ئېستېتىك گۈزەللىكنى يورۇتۇپ بېرەلمىسە، بۇ ۋۇجۇد سۇنۇق ۋۇجۇتتۇر. روھ بۇزۇق روھتۇر. سەنئەت خامېلېئون سەنئەتتۇر. بۇنى چۈشەنگىدەك بولماي تۇرۇپ، مىللەتنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى، يوقىتىپ قويۇلغان نەرسىلەرنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئەسلىگە قايتۇرۇش پېيىدە بولماي تۇرۇپ، كوممۇنىستلاشقان بىر جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ باغرىدا يېتىشكەن سەنئەتنى، ئەدەبىياتنى، تارىخنى، دىننى، مەدەنىيەتنى بازارغا سېلىش ۋە بۇنى چەتئەلدە قايتا راۋاجلاندۇرۇش مىللەت چىنارىغا ئۇرۇلغان پالتىغا ساپ بولۇپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر چەتئەلدە قالغان ئازغىنا ئۇيغۇرمۇ مۇشۇنداق كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بولسا، بىلىش كېرەككى، بىز ھېلىھەم بۇ زاماندا ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىدا ياشىمايۋاتىمىز. ھېلىھەم كېلەچىكىمىزنى باشقىلار قۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. ھېلىھەم بىز مۇسا پەيغەمبەر جان بەرگەن سەھرايى كەبىرنىڭ چۆللىكىدە ئايلىنىپ-ئايلىنىپ جايىمىزغا كېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ۋەتەن بولسا چۆللۈكتىن چىقىشىمىزنى، شەھەرلىرىمىز قوۋۇقىدىن تۇپراقلىرىمىزغا پىشانىسىنى تەگكۈزگەن، شۈكۈر سەجدىسى قىلغان ھالەتتە كىرىشىمىزنى كۈتمەكتە.

يازار: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى