تەكشۈرمەيلا يەكۈن چىقارما
تەكشۈرمەيلا يەكۈن چىقارما
بۆرە بىلەن تۈلكە بىر يەردە ياشايدىكەن. بىر كۈنى بۆرە بىر توخۇنى تۇتۇۋېلىپ خۇشال ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ - دە، ئۇنى تۈلكىگە بېرىپ:
_ بۇنى ئوبدان تازىلاپ يۇيۇپ پىشۇرغاچ تۇرغىن. مەن بېرىپ ئېيىقنى تەكلىپ قىلىپ كېلەي، _ دەپتۇ - دە، ئېيىقنى چاقىرغىلى كېتىپتۇ.
تۈلكە توخۇنى پىشۇرۇشقا باشلاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن توخۇ پېشىپتۇ. تۈلكىنىڭ نەپسى تاقىلداپ، ئاغزىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قازاندىكى توخۇنىڭ بىر پۇتىنى سۇندۇرۇپ ئېلىپ يەۋاپتۇ. ئۇنى يەپ بولۇپ يەنە يېگۈسى كەپتۇ - دە، بىر قانىتىنى سۇندۇرۇپ ئېلىپ يەپتۇ. ئۇ يېگەنسېرى تويماپتۇ. شۇنداق قىلىپ توخۇنى پۈتۈنلەي يەپ بوپتۇ.
بۆرە قايتىپ كېلىپ:
_ تۈلكىۋاي، توخۇ پىشتىمۇ؟ _ دەپتۇ. تۈلكە يالغاندىن:
_ ئاز قالدى، _ دەپتۇ. بۆرە:
_ مەن ئالدى بىلەن پىچاقنى بىلىگەچ تۇراي. ئېيىق كەلسە، توخۇنى پىچاق بىلەن پارچىلاپ يەيلى، _ دەپ، ئۆينىڭ كەينىگە ئۆتۈپ پىچاق بىلەپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن ئېيىق كەپتۇ. تۈلكە ئېيىققا قاراپ:
_ ئېيىق ئاكا، ئىتتىك قاچ! بۆرە سېنى ئالداپ كېلىپ قۇلىقىڭنى يېمەكچى. ئىشەنمىسەڭ، ئاڭلاپ باقە، بۆرە شۇ تاپتا پىچاق بىلەۋاتىدۇ، _ دەپتۇ. ئېيىق شۇنداق قۇلاق سالسا، راستتىنلا پىچاقنىڭ تاشقا سۈركەلگەندىكى «شارت - شۇرت» قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئېيىق قورققىنىدىن كەينىگە قاراپ بەدەر تىكىۋېتىپتۇ. تۈلكە ئېيىقنىڭ قاچقىنىنى كۆرۈپ ئاللا - توۋا كۆتۈرگىنىچە ئۆينىڭ ئارقىغا ئۆتۈپ بۆرىگە:
_ قارا، سېنىڭ ئېيىق دوستۇڭ بەك يولسىز ئىكەن. سەن ئۇنى ياخشى كۆڭلۈڭ بىلەن توخۇ يېيىشكە تەكلىپ قىلساڭ، ئۇ توخۇيۇڭنى بۇلاپ كەتتى! _ دەپتۇ.
بۆرە بۇنى ئاڭلاپ ئىشىنىپتۇ - دە، ئاچچىقىدىن سەكرەپ كېتىپتۇ. ئۇ قولىدىكى پىچاقنى قويۇپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. بۆرە يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسا، ئېيىق ھەدەپ يۈگۈرۈپ قېچىۋاتقان. شۇنىڭ بىلەن بۆرە بىر تەرەپتىن قوغلاپ، بىر تەرەپتىن ۋارقىراپتۇ:
_ ھەي ئەخمەق ئېيىق، قايتىپ كەل!
_ ئېيىق شۇنداق قارىسا، بۆرە پىچاق كۆتۈرگەن ھالدا قوغلاپ كېلىۋاتقان. ئۇ، بۆرە راستتىنلا قۇلىقىمنى كەسمەكچى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ - دە، جېنىنىڭ بارىچە قېچىپتۇ. ئېيىق قانچىكى تېز قاچسا، بۆرە شۇنچە تېز قوغلاپتۇ. ئاخىرى بۆرە ئېيىققا يېتىشىۋاپتۇ - دە، كەينىدىن بىرلا قاماللاپ تۇتۇۋېلىپ:
_ ھۇ قارايۈز، مەن سېنى ياخشى كۆڭلۈم بىلەن توخۇ يېيىشكە تەكلىپ قىلسام، توخۇنى بۇلاپ قاچىسەن؟ _ دەپتۇ. ئېيىق قاتتىق رەنجىگەن ھالدا:
_ سەن نېمىشقا قۇلىقىمنى كەسمەكچى بولىسەن؟ _ دەپتۇ.
_ كىم شۇنداق دەيدۇ؟! مەن نېمىشقا سېنىڭ قۇلىقىڭنى كەسكۈدەكمەن؟! _ دەپ ھاڭ - تاڭ بولۇپتۇ بۆرە.
_ مەن نەدىمۇ سېنىڭ توخۇيۇڭنى بۇلاي، _ دەپتۇ ئېيىق. ئۇلار شۇ چاغدىلا ئۆزلىرىنىڭ تۈلكىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئۇلار دەررۇ تۈلكىنى تۇتقىلى بېرىپتۇ. لېكىن تۈلكە ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەن ئىكەن(1).
ھېكمەت:
يۇقىرىقى ھېكايەتتىن مەلۇمكى، سەن ھەرقانداق ئىشتا بىردەملىك ھېسسىياتنىلا ئويلاپ، ھۆكۈم قىلساڭ پۇشايماندا قالىسەن. ئۆزگىنى ھەم ئۆزۈڭنى بىھۇدە ئاۋارە قىلماي دېسەڭ، ئۆز ئەقلىڭگە ۋە كۆزۈڭگە ئىشەن. باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشقا بولىدۇ. لېكىن ھۆكۈم قىلىش ئۆزۈڭگە باغلىق.
(«بوۋام ئېيتقان ھېكمەتلەر»، 18 – 20 - بەتلەر)
_________________
(1) نۇردۇن ئاخۇن ئېيتىپ بەرگەن، پازىل قادىر توپلىغان. «ئۈرۈمچى تيانشان رايون خەلق چۆچەكلىرى»، 1994 - يىلدىكى نەشرىدىن ئېلىندى.