تەنقىدنى ئەرەب ئۆلىما قىلىشى كېرەكمىدى؟
تەنقىدنى ئەرەب ئۆلىما قىلىشى كېرەكمىدى؟
«ئۆلىمالارنىڭ ھەقنى يوشۇرۇشى باتىلنى سۆزلىگىنىگە ئوخشاشتۇر...جانابى ئاللاھ ھەقنى دېمەي ئۆتكۈزۈۋېتىشنى: ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، دەپ ئاتىغان... بىر تۈركۈم ئۆلىمالار ئويلايدىكەنكى، ئۇلار باتىلنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇنى (تەشۋىق قىلىپ ياكى قوللاپ) سۆزلەپلا قالمىسا، (ھەقنى يوشۇرغانلىق مەسئۇلىيىتىدىن) قۇتۇلۇپ قالارمىش، (ھەق ھۇزۇرىدا) ئامان قالارمىش. چۈنكى باتىلنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇنى سۆزلەپ (تەشۋىق قىلىشىپ) بەرمىسىلا ئاللاھ ئالدىدا جاۋابكارلىقى بولمايمىش. بۇنداقلارغا دەيدىغىنىمىز شۇكى، سېنىڭ بۇ خىل تۇتۇمۇڭ ئەمەلىيەتتە ئاللاھ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ جىنايەتلەردىندۇر. چۈنكى سەن ئامانەتنى (نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقىنى) بىلدىڭ. ئاندىن سەن باتىلغا چۆكۈپ ھالاك بولۇپ كېتىۋاتقانلارنىمۇ كۆردۈڭيۇ، ئەمما ئۇلارغا ھەقىقەتنى بايان قىلمىدىڭ. بۇنداق ئەھۋالدا سېنىڭ بولغانلىقىڭنىڭ ئۆزىلا خەلق ئىچىدە بىر تۈركۈملەرنىڭ چىقىپ: پالانى ئۆلىمامۇ جىممىدە تۇردىغۇ ئەنە، دېيىشىگە باھانە بولۇشقا يارايدۇ. دېمەك سېنىڭ (باشنى ئىچىگە تىقىپ) لام جىم دېمەي تۇرۇۋالغىنىڭنىڭ ئۆزىلا بۇ ئۈممەت ئىچىدە مۇنكەر ئىش يوق دېگىنىڭگە تەڭدۇر. مانا بۇ ئىلىم ئەھلى سانالغان نۇرغۇنلارنىڭ بېشىغا سىناق بولۇپ كېلىۋاتقان شەررى ئەزىم (چوڭ شەر) جۈملىسىدىندۇر».
− شەيخ ئابدۇلئەزىز تەرىيفىي
ئىلاۋە:
تەنقىدكە قارشى تەنقىد چىقىرالماي، ئورنىغا داڭگالغا ئايەت سۈفلەپ چالما ئېتىش ئويۇنى ئويناشلارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. قارىغاندا مۇزەبزەب ئۆلىمالىقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە مىلىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان، ھەمدە شۇنداقلارنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە يۈرىدىغان تىپلارغا ھەقنى سۆزلەشتىن، ھەقنى سۆزلەش يولىدا بەدەل تۆلەشتىن قاچمايدىغان، سەپسەتىچىلىك ئالدىدا سۈكۈتۋازلىقنى تاللاش يولى قىلىۋېلىشنى نومۇس بىلگەن بىر قىسىم ئەرەب دەۋەتچى شەيخلەرنىڭ پوقى دورا بولۇۋېتىپتۇ. ئىلىم ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ ھەققىنى بېرىپ تەنقىد قىلىۋاتقانلارغا مۇناپىق تامغىسى تەڭلەش، قارىسىغا نىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ چىچاڭشىپ كېتىشلەر بەكلا بىچارىلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەقنى ئۇيغۇرچە سۆزلىسە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتىنىڭ تىلىدا تەنقىد قىلسا، تەنقىدكە تېتىغۇدەك رەددىيە بېرەلمەي ئۇ يەر بۇ يەردە ئايەتلەرنى سۈيئىستېمال قىلىپ تىللاپ ئويناۋاتقان مونوپولچى موللەكلەرنىڭ، يوغان ئۇستىخىنىغا پاي كەلمىگەن گۈدەك ئەقلى بىلەن ئۆزىنى پىر چاغلاپ ھەممىگە ئىش ئۆگەتكۈسى كېلىدىغان موللىچاق تىپلارنىڭ تىمسىقلاپ يۈرۈشى، دەرھال قالپاق ھازىرلاپ دۈشمەن ئېلان قىلىشقا ئاران تۇرۇشى ئەمەلىيەتتە ئۆلىما ياكى ئىلىم ئەھلىگە خاس يول تۇتقىنى بولماستىن ئۆزىنىڭ مەرەز زېھنىيىتىگە ياراشقان ئىشنى قىلغانلىقى، خالاس.
دېگەندەك، ئۆرنەك ئالىدىغان ئۇستازنى خاتا تاللاپ قالغان تەلەيسىزلىك ۋە بىچارىلىكنىڭ ئاقىۋىتى ھەقنىڭ مەيدانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن بىر - بىرلەپ سازايى بولۇشقا باشلاۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.
مانا، ئۇيغۇرنىڭ تەنقىد - ئوبزورى يىلان - چايانلىق، سۆزگە ئۇستىلىق قىلغانلىق بولسا، يۇقىرىقىسى شەررى ئەزىم دەپ قوغلاندى شەيتاننى تەرىپلەيدىغان تىلدا تەنقىد قىلىۋاتقان ئەرەب موللىنىڭ تەنقىدى. شۇنداقلا ئاتالمىش «چۈشىنىكسىز»، «نېمە دېگەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايدىغان» دەپ تولغاپ باققىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە كەسكىن، «زەھەرلىك چايان» دەپ ھاقارەت قىلىشقا باھانىمۇ كەتمەيدىغان دەرىجىدە ئىسلامىي نۇقتىئىنەزەردە تۇرۇپ ئوخشاش كىرىزىسنى ياشاپ، ئوخشاش مەرەزلىكنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئەرەبنىڭ «ئۆلىما» ئاتىقىنى كىيىپ يۈرۈۋاتقانلارغا قىلغان تەنقىدى. ھالبۇكى مەزكۇر ئەرەب شەيخنىڭ ئىسلام نۇقتىئىنەزەرىدە تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان تەنقىد زاكونى نۆۋەتتە سەھىپىدە قىلىنىۋاتقان تەنقىدلەردىكى زاكون بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەرقى يۇقىرىقى شەيخنىڭ ئەرەبچە بولۇپ كېيىن تەرجىمە قىلىنغانلىقىدا، خىتايلار بىلەن لەپەرداشلىق ئويناۋاتقان سىياسىي ئانسامبىلچىلارنى تەنقىدلىمىگەنلىكىدە، مىللەت قايمۇقتۇرۇلۇۋاتقاندا چىقىپ ئىككىلىك ھەق سۆز بىلەن خەلقنىڭ قايمۇقۇپ قالماسلىقى، دۈشمەن بىلەن لەپەرداش ئوينىغانلىقنىڭ دىنى ئىسلامغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى دېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە ئۆرنەك ياكى مىسال بەرمىگەنلىكىدە، خالاس!
دېگەندەك، ئىلىمنى ساغلام مەنبەسىدىن ئەتراپلىق ۋە ساغلام تەرىقىدە ئالماي، ئۆلىماغا لايىق ساپا ۋە تەنقىد ئېڭى يېتىلدۈرمەي دىننىڭمۇ، مىللەت نەزىرىدىكى ئۆلىما ئوبرازىنىمۇ پوققا چىلاشتۇرۇپ يۈرۈۋاتقان خاراكتېرسىز تىپلارغا ئۇيغۇرچە تەنقىد بەك ئېچىشتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئەرەبنىڭ تەنقىدىگىمۇ قولاق سېلىپ باققاي. ئۇنىمۇ «زەھەرلىك چايان» دەپ ھاقارەتلەشكە باھانە تاپالامدۇ يوق، «دەۋەتچى بولغانكىن تىل ئۇستىسى ناتىق»، «چۈشەنگىلى بولمايدىكەن» دېگەندەك گەپلەر بىلەن مەسئۇلىيەتتىن قايسى ئۇسۇلدا قېچىپ باقىدۇ، ياكى بولمىسا «يېقىندىكى موللام جا موللام، يىراقتىكى موللام جىڭ موللام» مەنتىقىسى بويىچە ئەرەب ئۆلىمانىڭ سۆزىدىن تەسىرلىنىپ بولسىمۇ ھەققانىي تەنقىدكە ئادەمدەك پوزىتسىيە تۇتۇشقا باشلاشنىڭ ئاقىلانىلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلامدۇ يوق، كۆرۈپ قويساق يامىنى كەلمەس. ياكى ئەرەبنىڭ ئالىمىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ھەقنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىمۇ خىتايغا ئىشلىگەن، دېگەندەك بىمەنە قالپاقنىڭ ۋارىيانتلىرىنى كىيگۈزەمدۇ يوق، كۆرۈمىز .
داۋامى بار...
---
قارلۇق بۇغراخان
تەنقىت تەنقىتچە بولغىنى ياخشى. ئاشۇرۇپ يوغان ئۇستىخنىغىچە شەخسىلەشتۈرۈپ تىل ئۇزىتىش ياخشى بولمىدى. بەزى سۆز - ئىبارىلەر بەكلا ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. تەنقىت قلىنىۋاتقانلارنى مەنسىتمەسلىك ئېغىر. باشقىسىنى دېمىگەندىمۇ بۇ تەنقىتتىن كۈتكەن نەتىجە چىقىشىنى توسۇپ قويىدۇ. ئۇنۇتمايلىكى تەنقىت قىلىنىۋاتقانلار پەرىشتىلەر ئەمەس، نەپىس ئېگىلىرى. ئەگەر مەقسەت ھەقىقى تەنقىت ۋە تۈزەش بولسا.
قارلۇق بۇغراخان
نەقىل ئېلىنغان شەيخ تەرىيفىنىڭ تەنقىدىگە قارايلى، مونوپولچى موللەك، موللىچاق تىپ، گۈدەك ئەقىل، داڭگالغا چالما ئېتىش، مەرەز زېھنىيەت، چىچاڭشىش، پوقى دورا دېگەندەك گەپلەر يوقكەن مەسىلەن.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
قارلۇق بۇغراخان نىڭ ھەر ئىككى ئىنكاسىغا:
1
سىز يازمىدىكى «يوغۇن ئۇستىخان» دېگەندىكى كىنايىنى ئۆزىڭىز زېھنىڭىزدە ياراشتۇرغان كىشىگە خوپ كەلتۈرۈۋېلىپ شەخسىيلەشتۈردى، دېسىڭىز ھاپپاق گەپ قىلغان بولۇپ قالىسىز. سىز نېمىنىڭ ئېشىپ، نېمىنىڭ ئېشىپ كەتمىگەنلىكىنى مېتىرلاپ يۈرگىچە، ئاۋۋال مۇشۇ ئاق كۆڭۈل ھېسداشلىقىڭىزنى يازمىلىرىمغا ئۇزۇندىن دىققەت قىلىۋاتقان، مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە بۈگۈنكى تەرەققىياتىغىچە خەۋرى بار بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئاۋۋال ئېغىزىغا كەلسە - كەلمەس بىلجىرلاپ تۆھمەت ئىجاد قىلىۋاتقان، ئومۇمىي تەنقىدنى شەخسكە ئېلىۋىلىپ چالۋاقاۋاتقان، مەنسىتمەسلىكنى ئاغزى بۇرنىغۇچە قىلىۋاتقانلارغىمۇ مەسىلىنىڭ ئۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇشتىن قېچىپ «زەھەرلىك چايان»دىن، خىتايغا خىزمەت قىلىدۇغىچە بولغان تۆھمەت ۋە ناچارلىقلارنى قىلىۋاتقانلارغىمۇ «السلام على من اتبع الهدي» دېگەن سۆزنى بولسىمۇ دېيەلىگۈدەك ئەقەللى رىجىنى ئورۇنىدىۋېتىپ ئاندىن يازمامدىن تېرىق چىقىرىشنى ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ يەردە ئېشىپ كېتىۋاتقىنى تەنقىد ئەمەس، مىللەت ئالدىدا قىلىنىۋاتقان قايمۇقتۇرۇش، سەتچىلىكلەر تىياتىر قىلىپ ئوينىلىۋاتسىمۇ ئوقۇغان ئىلىمگە، دىنىي مەسئۇلىيەتكە خىيانەتلەر، ھەق تۇتۇم ۋە مىللەت ئالدىدا داستىخان ئاستىغا بۇسۇرۇلۇپ بېرىلىۋاتقان مەۋقە - مەيدانلار لىق تۇرۇپتۇ. سىز ئېشىپ كەتكەننىڭ نېمىلىكىنى دەڭسىيەلىسىڭىز ئاۋۋال ھەق تۇتۇمىڭىز تۇغقاندارچىلىق، داستىخاندارچىلىق ۋە ئۈلپەتچىلىك قاتارلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان بولسۇن، ئاندىن تەنقىدنى قانداق قىلىش ھەققىدە گەپ ئاچقايسىز. ھەق گەپكە چاقىرىقنىمۇ قۇرئان كەرىم ئاۋۋال ئۇرۇق - تۇغقان يېقىنلىرىڭدىن باشلا دەپتىكەن. بەش سائەتنىڭېزى قېلىشقا تېگىشلىكنى ئۆزىنىڭ ماكانىدا ئادا قىلغۇدەك جۈرئەتنى تاپالماي يازمام چىقىپ بەش مىنۇتقىمۇ يەتمەستە ئۆزىڭىزنى تۇتالماي ئىنكاس يېزىپ ئۈلگۈرۈپسىز. تەنقىد نەزەرىيەلىرىنى ژىتىۋەتكۈدەك سۇ قىلىۋەتكەن بىلەن جايلاپ تەتبىقلاپ قوللىنىش بىر مەسىلە. ئىناۋەتسىز گەپلىرىڭىزنى شۇنچىكى ھاياجانچە ھېسداشلىق دەپ چۈشەندىم، خالاس.
2
تەرىيفىينىڭ تەنقىدلىرى مۇنداقلا ئۆرنەك. سىزنىڭ سۈزگۈچىڭىزچە سۆزلۈك سۇغۇرۇپ ئالدىغان ئىش بولسا، ھەرقايسى دەۋر ئۆلىمالىرىنىڭ بىر - بىرىگە قىلغان تەنقىدلىرىدىكى گەپلەر ئالدىدا مېنىڭ كىنايە - تەشبىھلىرىم تېخى ھېچ نەرسە ئەمەس. مەن «ئۆلىما» ئاتلىقلارغا پوشكىننىڭ، ياكى بالزاكنىڭ ياكى دوستوۋيىسكىنىڭ تىلىدا گەپ قىلغىنىم يوق. شۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە چۈشىنىدىغان تىلىدا ئوبزور قىلىۋاتقىلى يىل ئاتلىدى. بۇنداق غەلەت چىقىرىش شەكلىدە كىرىشىپ قالغىنىڭىزدىن سىز راستتىنلا ئۆلىمانىڭ ئۆلىماغا قىلغان تەنقىدلىرىنى كىتابلاردىن ئۇچراتمىغانمۇ ياكى ئۇچراتمىغان قىياپەتكە كىرىۋالغىنىڭىزمۇ ياكى ئىشىغا كەلمىگەننى ئاتلاپ ئۆتۈپ گەپ ئوينىتىش كېسىلىنى ئوخشاش يۇقتۇرغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەۋاتامسىز بىلىپ بولمىدى. خەيرىيەت. سىز يەنىلا سۈزۈپ مېتىرلاشنى ئاۋۋال تەرىتىڭىز بوش كېلىپ قالىدىغان يەردىن ئاتلاپ كېلىپ مېنىڭكىدە ئىجرا قىلماي، ئىشنى قائىدىلىك قىلغايسىز.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
İsmail Muhammed كە:
1. گەپنىڭ ئەركەك چىشىسىنى ئايرىيالىغۇدەك، مەسىلىنىڭ جەريان ۋە تەرەققىياتىنى پەملىيەلىگۈدەك دىت بولۇشى ئۈچۈن ئىككى كۆزگە تاقالغان كۆز ئەينەكنىڭ گىرادۇسى قېلىنلىغۇچە كىتاب خالتىسى بولۇشنى باشتىن كەچۈرۈش كېرەك ئەمەس. قەستەن بىلمەس بولۇۋېلىپ گەپ يورغىلىتىپ تېرە تاراقشىتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. زاكونلىشىشنىڭ يوسۇنلىرىدىن ئازراق خەۋەردار بولۇپ قويۇش كۇپايە. قىغنى ھەسەل، زەھەرنى ئەخلەت كۆرۈۋېلىپ تۆرەلمە سالاچىلىق ئويۇنى ئويناش بىلەن گېپىمنى گەپ ئېتىمەن دېسىڭىز مۇشۇنداق چانىسىز. ئۇقۇشماي ئۆزىنىڭمۇ ئەرەبنىڭ پوقى دورا تىپلارنىڭ سازەندىسى ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ. سىزگە ئاددىي ساۋاتنى چۈشەندۈرەي، بىلىۋېلىڭ: بۇ يازما ھەر كىمگە تېگىشلىك بولغان بولسا، گەپ ئىگىسىنى تاپىدۇ. بۇ بىر توپ شەخسنى ئەل - جاھانغا سازايى قىلىپ تۇرۇپ ياكى مەخسۇس بىرىنىڭ ئىسمى، جىسمىنى پىپەن قىلىپ تارتىپ چىقىپ يېزىلغان تەنقىد ئەمەس. تەنقىد بۇندىن بۇرۇن يېزىلىپ بولغان. قوبۇل قىلامدۇ، قىلمامدۇ تەنقىد قىلىنغانلارنىڭ 100 پىرسەنت ئىختىيارلىقى. ئارتۇقچە مەجبۇرىيەتنى بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆزلەپلا ھاياجاندا ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا ئەڭ بىزارلاردىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ بىرىلىرىنى قايىل قىلىش مەجبۇرىيتىممۇ يوق. مەن يازغىنىمدىن مەھشەردە ھېساب بېرىدىغىنىمنى بىلىمەن. ھەقنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىچى - تېشى بىردەك ۋە ئەينەن ھالىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇھاكىمە قىلىشنى بىلەلمىگەن تىپلارمۇ ھېسابىنى ئاللاھقا بېرىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە خەلق، ياكى تارىخ سوتلايدۇ. ئەڭ ئېچىنارلىقى مېنىڭ ئوي - تەپەككۇرۇمنى ئەينەن ئىپادىلىگىنىمنى بىلىپ تۇرغان ئاللاھ ئاۋۇلارنىڭ چىقىپ: «بىز قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ، شۇنداقلا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئالىملىرىنڭ ئىجتىھادى ۋە كۆز قاراشلىرىغا ياكى ئۆزىمىزنىڭ ئىلمىي قانائىتىمىزگە ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ سىياسىي تەشكىلات ئاتىقىنى ئېلىپ تۇرۇپ خىتايلار بىلەن لەپەرداشلىق ئويناپ مىللەتنى قايمۇقتۇرۇۋاتقانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ماۋۇ - ماۋۇ شەرئىي سىياسەت بويىچە مۇنداق - مۇنداق دەپ قارايمىز...» دېگەن ئىزاھاتنىمۇ بېرەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا تەنقىد قىلغۇچىنى يىلان - چايانغا چىقىرىپ ھاقارەت قىلغانلىقىنى، نىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ خىتايغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، دېگەن بوھتانلىرىنى دېيەلىشىنىڭ ھېسابىنى ئۇلار كىرامەن كاتىبىنلارغا ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنگەندەك كۆرۈنۈۋالسۇن مۇھەققەق سورايدۇ.
2. تەكرارلايمەن: تەنقىدنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارلىق. ئەمما تۈگەپ بولغان تەنقىدنى ھەپتە ئۆتكۈزۈپمۇ ھەزىم قىلالماي ۋاكالىتەن چىقىپ تېمىسىنىڭ ئىسمىنى «ئايەتكە مۇلاھىزە» دەپ قويۇۋېلىپ تېما مەزمۇنىنى قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىشقا ئىشلەتسە، ئايەتنى ھېچبىر تەپسىرشۇناسلىق مېتودىغا چۈشۈرمەستىن چىدىماي يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان ئۆتىنى سوۋۇتۇشقا سۇيىئىستېمال قىلىپ كاللىسىچە بۇرمىلاپ دەۋالغان تۆھمەتلىرىنى پەش قىلىپ ۋالاقلىسا، ھاقارەت ۋە تۆھمەت ياغدۇرسا بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب بېرىش ئەلۋەتتە يوللۇق. بۈگۈنكى يازما بىر جاۋاب، تېخى بۇ جاۋابنىڭ داۋامى بار.
زېھنىيەت قامچىلانسا مېنى دېدى دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ سامان تېگىدىن سۇ قۇيۇپ ئۇستاتلىق قىلىشقا ئۇرۇنسا، شەخسنىڭ ئىسمى ۋە شەخسىيىتىنى ئەمەس، قىلمىش ۋە تۇتۇملىرىنى، زېھنىي مەرەزلىكلىرىنى قامچىلاپ جاۋاب قايتۇرۇش ناھايىتى نورمال، يوللۇق بىر ئىش.
ئورۇنسىز يەرگە سىز دانىشمەن بولسىڭىز، ئەقىل ھوجىسى بولسىڭىز، دەپ چۈشۈپسىز. مەن دانىشمەن ئەمەس. ئەقىل ھوجىسىمۇ ئەمەس. «ئەقىل ھوجىسى» دەيدىغان شالغۇت گەپ مېنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمدىنمۇ ئورۇن ئالمىغان. سىز «كارۋان» دەپ مەن تەنقىدلىرىمدە ئوبيېكت قىلغان 30 – 40 يىلدىمۇ زېھنىيىتى ئازراقمۇ ھاۋا يەڭگۈشلىمەستىن زەي بېسىپ قالغان قاتماللارنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولسىڭىز، ئۆرگىلەيكى، قاۋاپ ھۇۋلاش، دېپىنى چېلىشتىن لەززەت ئېلىشتەك بۇنداق غۇرۇرسىز ئىشلار ئاشۇلارنىڭ دېپىنى چېلىۋاتقان، چاپىنىنى كۆتۈرۈپ ھېسداشچى كۆرۈنۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، ئوتتۇرىلىقتا تۆرەلمە سالاچىلىق قىلىۋاتقانلاردىن ئايلانسۇن!
گەپ شۇ: مىللەتنىڭ ئالىم - ئۆلىمالىرى مەن ئۈچۈن باش تاجى. بۇ ھەقتە دېگەن سۆزلىرىم، يازغانلىرىم، ماقالىلىرىم ئوتتۇرىدا. ئىلىم ۋە ئۆلىمالىقنىڭ ھەققىنى بەرمەكتە يوق، ئۇنىڭ تونىدا تەرلەشنى مىللەتكە ۋەزىپە قىلىۋالغانلارنى تەنقىدلىسەم، ئاشۇ باش تاجىلىرىمىزنىڭ ھەققى ھۆرمىتىنىڭ مۇھاپىزىتى ئۈچۈندۇر. ئەگەر سىز بۇنىمۇ چۈشەنگۈدەك سەۋىيەدە بولماستىن ئۇياقتىن - بۇياقتىن تېرىپ - تۆشەپ گەپ سېتىشقا، تېرە تاراقشىتىشقا ئەۋەتىلگەنلەردىن بولسىڭىز، ياكى يىللاردىن كېسلمەي مېڭىۋاتقان ماددىي مەنپەئەت قارشىسىدا ئېغىز ئۇيالغاچ ئەتەي كىرىپ ئىنكاس يېزىپ تالايدىغانلار تائىپىسىدىن بولسىڭىز مەنچە تېگىشلىك جاۋابىڭىزنى ئالدىڭىز دەپ ئويلايمەن. ئۇنداقلاردىن بولمىسىڭىز غ ۋە ت سىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. مەسىلىگە چىشى پاتىدىغانلار، مەسىلىنىڭ خاراكتېرىنى بىلگەنلەر، چۈشەنگەنلەر سۆزلىسۇن! بىلمىگەنلەر سورىسۇن ياكى ئۆگەنسۇن. بۇنىمۇ قىلالمىغانلار مۇمكىن بولسا تاكاللىشىپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى قىلىپ ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئاۋارە قىلماي يوقىلىپ تۇرسا، كۆڭۈل يېرىم بولۇپ قالمايدۇ. ئەكسىچە ئىنسابىغا رەھمەت ئالىدۇ.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى