Jump to content

تەنقىدىي تەپەككۇر دېگەن نېمە؟

ئورنى Wikipedia

تەنقىدى تەپەككۇر دىگەن نىمە؟

1. تەنقىدى تەپەككۇر

ھەر قېتىم تەنقىدى تەپەككۇر تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن ئادەم بىلىپ-بىلمەي تەنقىدىنى بىر خىل سەلبىي مەنىدە چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەنگىلىيلىك ئالىم رىچارد پاۋىلنىڭ تەبىرىگە ئاساسلانغاندا، تەنقىدى تەپەككۇر «تەپەككۇر ئۈستىدىكى قايتا تەپەككۇر» نى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەنقىدى تەپەككۇردىكى «تەنقىد» ھەر بىر نوقتىنەزەر ياكى يەكۈندىن كىيىنكى ئويلىنىش جەريان، يەنى مۇناسىۋەتلىك يەكۈن ئەستايدىل، سىستىمىلىق ئويلىنىشتىن كىلىپ چىققانمۇ-يوق شۇ ھەقتىكى ئويلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. مۇبادا يەكۈن ياكى نوقتىنەزەر ھىسىيات، قىياس، مۆلچەرنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلسا، ئۇنداقتا تەنقىدى تەپەككۇرغا ئۇرۇن يوق بولىدۇ.

2. ئاجىز تەنقىد ۋە كۈچلۈك تەنقىد

رىچارد پاۋىل يەنە تەنقىدى تەپەككۇرنى ئاجىز تەنقىدى تەپەككۇر ۋە كۈچلۈك تەنقىدى تەپەككۇردىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىيىدۇ. ئاجىز تەنقىد ئۆزىگە قارىشى بارلىق ئادەملەردىن «نەپرەتلىنىش»، ئوخشىمىغان نوقتىنەزەر ۋە قاراشلارغا قەتئى قارىشى تۇرۇش، رەددىيە بىرىش، قارىشى تۇرغۇچىنى ئېغىز ئاچۇرماسلىق، ئۈزىل-كېسىل يېڭىشىنى ئەڭ ئاخىرىقى مەقسەت قىلىشنى كۆرستىدۇ. ئۆز نوقتىنەزىرىنىڭ ھەقىقەت ۋە گۈزەل ئەخلاققا يېقىن كىلىش-كەلمەسلىكى بىلەن ھىساپلاشماسلىق تەنقىدى تەپەككۇر ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئادىمىيلىك ۋە ئىلغارلىقىنى ۋەيران قىلىدۇ.

ئەكىسچە كۈچلۈك تەنقىدى تەپەككۇر بىزدىن بارلىق تەشەببۇسلارغا تەنقىدى قاراش، ھەممىدىن گۇمانلىنىپلا قالماي، ھەتتا ئۆز نوقتىنەزىرىمىز بىلەنمۇ زاكۇنلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كۈچلۈك تەنقىدى تەپەككۇر بىزدىن ئەسلىدىكى ئىتىقادىمىزدىن ۋاز كىچىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ ئەسلىدىكى ئىتىقادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى خىل تەپەككۇرنىڭ پەرقى شۇكى، ئاجىز تەنقىدى تەپەككۇر بىكىنمە، كۈچلۈك تەنقىدى تەپەككۇر ئۇچۇق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۆزىمىز ياقىلىغان مەلۇم نوقتىنەزەردىن پەخىرلەنمەكچى بولساق، ئۇنداقتا بۇ نوقتىنەزەرنى ئىنچىكە تاسقاپ چىقىشىمىز كېرەك.

تەنقىدى تەپەككۇرنى قانداق قىلىمىز؟

تەنقىدى تەپەككۇر تەپەككۇر سۈپىتىمىزنى يوقىرى كۆتۈرۈپ، تەپەككۇرىمىزنى تېخمۇ سىستملىق ۋە مۇكەممەل قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن تەپەككۇر جەرياندىكى تىما، دەلىلەش ۋە يەكۈندىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئامىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز كېرەك.

تىما- ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغايدىغان مەسىلە ياكى ئىختىلاپنى كۆرسىتىدۇ.

يەكۈن- كىشىلەر قۇبۇل قىلىدىغان نوقتىنەزەر ياكى قاراشنى كۆرسىتىدۇ.

دەلىللەش- تىمىدىن يەكۈننى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئىسپات جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. مۇكەممەل تەپەككۇر يۇقۇرىقى ئۈچ ئامىلىدىن تۈزىلىدۇ، ئۇنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.

1. تىما

كۆپ ئۇچۇرايدىغان تىما: پاكىتقا ھۆكۈم قىلىش ۋە قىممەت تەشەببۇسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. پاكىتقا ھۆكۈم قىلىش ئوبىكتىپ ھادىسىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدىكى بايان بولۇپ، «نىمە» دىگەنگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

قىممەت تەشەببۇسى ئىدىيە ۋە ھەركەتنىڭ ياخشى-يامانلىقى، توغرا-خاتالىقى، ھەتتا ئەخلاقى مەسئۇلىيەت قاتارلىقلارغا ھۆكۈم قىلىش بولۇپ، «نىمە بولىشى كېرەك» دىگەنگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئالدى بىلەن تىمىنى تەكىتلىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇكى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز كۆپىنچە تىمىنى تىلغا ئالمايلا بىۋاستە يەكۈن ياكى نوقتىنەزەرگە كىرىپ كىتىمىز، ئويلانمايلا پىكىرنى ئاڭلاش ياكى نوقتىنەزەرنى ئىپادىلەشكە بېرىلىپ كىتىمىز. ئادەمنىڭ كاللىسى چاقماقتەك ئىشلىگەندە، بەزىدە كاللا«قۇرۇق ئايلىنىپ» لوگىكىلىق قالايمىقانچىلىق، بىلمەيلا سۆزلەپ قويۇش يۈز بېرىدۇ، شۇڭلاشقا يەكۈن بىلەن تىمىنى بىكىتىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. ھەر قانداق نوقتىنەزەردە بىز چوقۇم ئالدى بىلەن تىمىغا قايتىپ تىمىدا دىيىلمەكچى بولغان نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى، پاكىتقا ھۆكۈم قىلىشمۇ ياكى قىممەت تەشەببۇسىمۇ ۋە ياكى ئىككىلىسىمۇ شۇنى ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك. ئاندىن قارىشى تەرەپنىڭ يەكۈنىگە قايتىپ، يەكۈن تىمىدىن قاچتىمۇ-يوق، يەكۈن بىلەن تىما بىردەكلىككە ئىگىمۇ-يوق تەكشۈرىشىمىز لازىم. ئاساسى تىمىنى ئىزدەش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈزەكى ھادسىگە ئالدىنىپ قالماي، ماھىيەتنى تۇتىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ.

2. يەكۈن

يەكۈن-«نوقتىنەزىرىڭىزنىڭ نىمە؟»ئىكەنلىكىدۇر. يەكۈننىڭ پۇت تېرەپ تۇرىشى ئالدى بىلەن دەلىلىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇبادا ھېچقانداق دەلىللەش جەريانى يوق تۇرۇپ، بىرەر نوقتىنەزەر ياكى قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا بۇ «تايانچسىز» ھۆكۈم بولۇپ، بۇنداق ھۆكۈم كۆپچىلىك تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمايدۇ. ئىككىنچىدىن يەكۈننىڭ ساختا ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، يەكۈن ئاخىرىقى نوقتىدۇر. مۇبادا يول يۈرۈش داۋامىدا خاتا مېڭىپ قالساق، قارىماققا توغرىدەك كۆرىنىدىغان جايغا بارىمىز، ئەمما بارغان جايىمىز توغرا بولمىسا مەقسىدىمىز ھاسىل بولمايدۇ. ئۈچۈنچىدىن يەكۈن مۇبالىغلەشتۈرۋىتىلدىمۇ-يوق، ھەتتا يەكۈن «ھەقىقەت» دەپ قارىلىپ قالدىمۇ-يوق شۇنى تەكشۈرۈپ، مۇشۇ ئاساستا يەكۈننىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىمىز. مۇبادا بىر يەكۈن ئېتراپ قىلىنسا، بىزنىڭ دەلىللەش جەريانىمىز ئاغدۇرۇلمايدۇ، بەلكى يەكۈننى قوغدايدۇ.

3. دەلىلەش

دەلىللەش ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، مەنتىقە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دەلىللەش بىر قاتار شەرتلەردىن پايدىلىنىپ مۇناسىپ يەكۈننى كەلتۈرپ چىقىرىشتۇر. شۇڭا دەلىللەش شەرت، شەرت بىلەن يەكۈننىڭ لوگىكىلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇنغا چېتىلىدۇ. دەلىلەش جەرياننىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن بولىشى شەرتنىڭ كۈچكە ئىگە بولىشى ۋە يەكۈننى كەلتۈرۈپ چىقارغان خۇلاسە جەريانىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىشىغا مۇناسىۋەتلىك. شەرتنى تېپىپ چىقىش بەزىدە ناھايتى ئاسان، مەسىلەن «ئاساسەن»، «پايدىلىنىپ»، «سەۋەپتىن» دىگەندەك سۆزلەر شەرتنىڭ بەلگىلىرى ھىساپلىنىدۇ. ئەڭ تىپىك بولىدىغىنى ئۈچ بۆلەكلىك (يەشمە خۇلاسە)، چوڭ شەرت + كىچىك شەرت = يەكۈندىن ئىبارەت شەكلىدۇر.

شەرتنىڭ كۈچكە ئىگە بولىشىنى تەكشۈرۈشتە كۆپ قوللىنىلىدىغان ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى تۈۋەندىكىچە: ئۇچۇرنىڭ كىلىش مەنبەسى ئىشەنچىلىكمۇ-يوق؟ ئادەمنىڭ تەجىرىبىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالامدۇ-يوق؟ ئارقا كۆرۈنش بىلىمى بىلەن توقۇنۇشامدۇ-يوق؟

دەلىللەشنىڭ كۈچكە ئىگە بولىشىنى تەكشۈرۈشتە: خۇلاسە ئۇسۇلى بىلەن يەكۈننىڭ ئىنىقلىقى ماس كىلەمدۇ-يوق، خۇلاسە جەريانىدا ئاتلاپ كېتىش كۆرۈلدىمۇ-يوق تەكشۈرۈش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشىلىك بىر نوقتا شۇكى، پاكىت ئېتراپ قىلىنغاندىن كىيىن ئادەتتە نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا چۈشەندۈرۈش بىلەن يەكۈن ئارلىشپ كىتىدۇ، شۇڭا يەكۈن بىلەن چۈشەندۈرۈشنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك، چۈنكى دەلىللەش ۋاقتىنچە ئېتراپ قىلماسلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، تەنقىدى تەپەككۇردا ئۇقۇمىنىڭ چەك-چىگىرىسىنى بىكىتىش ۋە شەرتنى پەرەز قىلىشتىن ئىبارەت ئىنچىكە مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشقا، ئىھتىياتچان بولۇشقا توغرا كىلىدۇ.

تەنقىدى تەپەككۇرنىڭ دۈشمىنى

تەنقىدى تەپەككۇر مىتودىنى ئۈگىنىۋالغان تەقدىردىمۇ بىز يەنىلا ئۆزىمىز كونتىرول قىلالمايدىغان ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرايمىز، بۇ ئامىللار ئاساسلىقى بىلىم دائىرىسى، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئەقلىي بولمىغان ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. بىلىم دائىرىسى

ئىجتىمائى ئىش تەقسىماتىنىڭ ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بىز ھەممە بىلىملەرنى ئىگىلەشكە قادىر بولالمايمىز. بىلىم دائىرىسنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەپلىك بىز يېڭى مەسىللەرگە دۇچ كەلگەندە كۆپىنچە ھاللاردا چارىسىز قالىمىز. بىلىم دائىرىسىنىڭ چەكلىكلىكى ئاساسلىقى دەۋىر ۋە قۇرۇلمىدا ئىپادىلىنىدۇ. دەۋىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، بۆگۈنكى 90- ۋە 2000- يىللاردىن كىيىن توغۇلغانلار ماددى نامراتلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولغاچقا، ئاتا-ئانسىنىڭ ئائىلىدىكى كونىراپ قالغان نەرسىلەرنى ئىشىلەتمىسىمۇ تاشلىۋىتىشكە كۆزى قىيماسلىقىدىكى سەۋەپنى بىلمەيدۇ. نۇرغۇن ئىشلاردا بىز يىراق مەزگىللىك دەۋىرنى نەزەرگە ئالماي ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دەۋىرنىڭ بىلىمى ۋە ئۇچۇرىغا ئاساسەنلا ھۆكۈم قىلساق، يەكۈنىمىز چولتا بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق باشقا قۇرۇلمىنىڭ چەكلىملىكى كۆز ئالدى بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ، كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ نەزەر دائىرىسى تار بولۇپ، باشقا دۇنيانى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلما ئاسان يىتىلمەيدۇ، ئۇ بىلىمگە ئوخشىمايدۇ، كىتاپ ئوقۇپ گىزىت كۈرۈپلا يىتىلدۈرگىلى بولمايدۇ، ئادەم ئوخشىمىغان قۇرۇلمىلارنى باشتىن كەچۈرگەندىلا  قۇرۇلمىنىڭ چەكلىمىلىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى قۇرۇلمىنى بىلەلەيدۇ. تەنقىدى تەپەككۇر سىزدە قايىسى خىل قۇرۇلمىنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرۈپ قويالايدۇ.

2. تەپەككۇر ئۇسۇلى

نۆۋەتتە مۇدا بولىۋاتقانى «بولۇتسىمان تەپەككۇر»، يەنى بولۇتقا ئوخشاش سۇغا سالسا سۇنىڭ ھەممىسنى سۈمۈرۋالىدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىدۇر. بولۇتسىمان تەپەككۇرنىڭ مۇدا بولىشىدىكى سەۋەپ شۇكى، ئۇ مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:

بىرىنچىدىن، مۇرەككەپ دۇنيا ئالدىدا بىز قۇبۇل قىلغان ئۇچۇر قانچە كۆپ بولسا، بىزنىڭ شەيئىلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇچۇرلار بىزنىڭ كىيىكى مۇرەككەپ تەپەككۇرىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساس بولۇپ قالىدۇ. ئىككىنچىدىن، «بولۇتسىمان تەپەككۇر» ئۇچۇر توپلاش، رەتلەش جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن باش قاتتۇرۇپ ئويلىنىپ ئولتۇرمىساقمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ كەمچىلىكى شۇكى، ئۇ پەقەت ئۇچۇر توپلاش ۋە قۇبۇل قىلىش جەريانىلا بولغاچقا، تەنقىدنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

خۇلاسە

بۆگۈنكى كۈندە ھەممىمىزنىڭ ئەتراپى ئۇچۇر بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ تەجىرىبىسى ئۆزى دۇچ كەلگەن بارلىق قىينچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا يەتمەيدۇ. بىلمەسلىككە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىش ھەم بىلىمگە ئاچ قالغاندەك ئىنتىلىشتۇر. دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ھەم ئاڭ قىززىقارلىق ئىش تەپەككۇر قىلىشتۇر. پەقەت ھەيرانلىق ۋە تەپەككۇر توختاپ قالمىسىلا دۇنيانى چۈشىنىشىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. تەنقىدى تەپەككۇر دەل ناتۇنۇش ساھەلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئۈنۈملۈك ھەم توغرا ھۆكۈم قىلىشتا تايىنىدىغان «سىھىرلىك قۇرالدۇر».

ئەسكەرتىش: خەنزۇچە «王誓华高端刑辩» سالۇندىن ئادىل ئابدۇقادىر تەرجىمە قىلدى.