Jump to content

تەنقىد ئەركىنلىكى

ئورنى Wikipedia

تەنقىد ئەركىنلىكى

تەنقىد ئەركىنلىكى ھەربىر ھەقىقىي خەلقچىلىك ھەرىكىتىدە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى ۋە شەرتىدۇر. بۇنىڭ سايىسىدە يۇرتداشلارنىڭ دەردلىرىنى ئوتتۇرىغا تۆكۈپ قورسىقىنى بوشىتىشىغا، ئىدارىچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىش - بېجىرىشىنى نازارەت قىلىشقا ۋە تەرتىپكە سېلىشنىڭ يوللىرىغا ئەھمىيەت بېرىشىگە ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ.

نېگىزلىك مەنىدىن قارىغان ۋاقىتتا، تەنقىد ئەركىنلىكى سۆزلەش ۋە يېزىش ئارقىلىق پىكرىنى ئوچۇقلاش ئەركىنلىكىنىڭ بىر كۆرۈنۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا مەتبۇئات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەن ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئىدارە سىستېمىسىنىڭ تۈرلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچراپ تۇرۇشى ھەمدە بېرىلگەن تەنقىدلەرنىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن قارشى ئېلىشى ئەڭ تەبىئىي بولغان بىر نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.

ئۆلكىمىزدە تىنچلىق بېتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن يالغۇز ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مىقياسىدا كۆپ ۋاقىتلاردا سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ھەقىقىي مەنىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. گەرچە بەزى چاغلاردا تەنقىد ئەركىنلىكى نەزەرىيە ھالىتىگە قايتىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولغان بولسىمۇ، ئومۇمەن نەزەرىي ياكى ئەمەلىي جەھەتتىن بولسۇن تەنقىد ئەركىنلىكى بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلدى. ئۈرۈمچىدىن باشقا يەرلەردە سۆزدە بولسۇن ياكى ئەمەلىي تەتبىقلاش جەھەتتىن بولسۇن سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى كۆرۈلمىدى. ئۇ يەرلەردىكى مەتبۇئاتمۇ يەرلىك ھۆكۈمەت ئادەملىرىنىڭ كەيپىگە (قاش - قاپىقىغا) قاراپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدى. دېمەك يۇرتىمىزدا ئېلان قىلىنغان مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ دېموكراتىك ئەللەردىكى مەنىسى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلمىغانلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز.

مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكى جەھەتتە ئىچكى چىن بىلەن ئۆلكىمىز ئارىسىدا، ئۆلكىمىز بىلەن مەركىزى ۋىلايەتلەر ئارىسىدا بەك چوڭ پەرقلەر بار. ھەتتاكى ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردە سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بېرىشكە چىدىمايدىغان ۋالىيلار، قوماندانلار بار بولۇپ، ئۆلكە مەركىزىگە بىر نەرسە يازغانلارنى تۈرلۈك بوھتانلار بىلەن قاماققا ئېلىپ، سۈرگۈن جازالىرىغا ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۈگۈنگىچە كۆرۈپ كەلمەكتىمىز. خوتەن، ياركەنتكە ئوخشاش يىراق ۋىلايەتلەردە ئۈرۈمچى گېزىتلىرى، تېلېگرام ۋە پوچتا يوللانمىلىرى قاتارلىقلار ھازىرمۇ ھەم ۋالىيلار ۋە قوماندانلارنىڭ سانسۆرلىرىدىن (سۈزگۈچلىرىدىن) قۇتۇلالماي كەلمەكتە. ھالبۇكى بېتىم ۋاقىتلىرىدىكى سىياسىي كېلىشىملەر ھەققىدە توختالغان سىياسەتچىلىرىمىز «يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك ۋاسىتە بىلەن تەنقىد ئەركىنلىكىدىن ئەڭ كەڭ مەنىدە پايدىلىنالايدىغانلىقىنى، كىم نېمە دېسە دېسۇن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەنقىدكە يول قويىدىغانلىقىنى» ۋەدە قىلىپ ئۆتكەن ئىدى. شۇنداقلا بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پارىژدا ئېچىلغان چوڭ يىغىنىدىمۇ كۆپچىلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى لايىھەسىدە «ھەرقانداق پىكىرنى چەكلىگەنلىك ئىنسانلىق شەرەپ - ئىززەتنى دەپسەندە قىلغانلىققا باراۋەر» دېگەن بىر جۈملىسىنىڭ چوڭقۇر مەفھۇمىنى سىياسەتچىلىرىمىز ئىككى يىل ئاۋۋال بىزگە جاكارلىغان ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ خىل ياخشى ۋەدىلەرنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ئورۇندىقىنىڭ ياكى بولمىسا سىياسىي پىروگراممىنىڭ مىقۋالىرىنىڭ (تاتلىق گەپلىرىنىڭ) سىرتىغا چىقىشىدا «كەڭ قورساقلىق» تىن ئىبارەت تەبىئىي يولىنى تاپالماي يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆرمەكتىمىز.

ھەممىمىز بىلىمىزكى، ھەربىر ئەركىنلىككە ئوخشاش تەنقىد ئەركىنلىكىنىڭمۇ چەك - چېگراسى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلىق شەرەپ - ئىززىتىنى قارىلىماسلىق، كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك، دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ئاسايىشلىقىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك دېگەنگە ئوخشاش. مەزكۇر پىرىنسىپلار مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ تەبىئىي چېگرالىرىدۇر. بۇ چېگرالارنى بەلگىلىگۈچى بىرىنچى ئۆلچەم تۆۋەندىكى ئىككى نەرسىدۇر.

بىرىنچىسى قانۇن، ئىككىنچىسى خەلق پىكرى.

قانۇن سۆز ۋە مەتبۇئاتنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن چەكتىن ئاشقان ياكى ئاشمىغانلىقىنى ئېنىقلايدۇ. ئاندىن يەنە قانۇنغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن چارە بويىچە ئىش كۆرۈش ئارقىلىق بۇ چېگرالارغا قاراۋۇللۇق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

خەلق پىكرى دېگەن ۋاقىتتا، سۆز ۋە مەتبۇئاتتا خەلق ئارىسىغا تارقالغان تەنقىدلەرنىڭ توغرا ياكى ناتوغرىلىقىغا قارىتا خەلق توپىنىڭ ۋىجدانىي ئېڭى ئەڭ سەزگۈر ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ۋىجدانىي تۇيغۇغا ئىگە خەلق توپى تەنقىدكە نىسبەتەن ناھايىتىمۇ تېزلىكتە باھا بېرىپ يۈرەكتىن قوشۇلىدىغانلىقىنى ياكى قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئاستا - ئاستا تەنقىدلەرنىڭ تەسىرى كۈچىيىپ كۈتۈلگەن نەتىجىگە ئېلىپ بارىدۇ. ناتوغرا بولسا، يەنە ئاستا - ئاستا ئاڭلارمەن ياكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەپرىتى تۈرتكىسىدە ناتوغرا تەنقىد ئوتتۇرۇلۇقتىن يوقىلىشىغا مەجبۇر بولىدۇ. خەلق پىكرىنىڭ نەتىجىسى گەرچە بىر قەدەر ئاستا كۆرۈلسىمۇ، ئەمما قانۇننىڭ نەتىجىسىگە سېلىشتۇرغاندا، خەلق پىكرى بەكرەك مۇنتىزىم ۋە ھەقىقىدۇر.

ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۆلچەم بولسا، سۆز قىلغۇچىنىڭ ياكى يازغۇچىنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى قوللىنىشىدا ھەر تۈرلۈك تەسىرلەرگە ئۇچرىمىغان بولۇشىنى، ۋاقىتلىق ئۆزگىرىشلەرگە رام بولۇپ كەتمەيدىغان دەرىجىدە مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ۋەتەنداشلىق پەزىلىتى بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكىنى يامانلىققا ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ياخشى كاپالەتتۇر.

پىكىر ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكى ھەر ۋاقىت ئۆز ئىگىسىگە ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىش، بىلىپ تۇرۇپ خاتا پىكىرلەرنى تارقاتماسلىق، يالغانچىلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق زۆرۈر ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلەيدۇ. مەجبۇرىيەتلەرگە ئۇيغۇن ئىش قىلماستىن ھەقىقەتنى يوشۇرغان، بىلىپ تۇرۇپ خاتا پىكىرلەرنى تەشۋىق قىلغان، يالغانچىلىق ۋە قۇترىتىش يولىنى تۇتقان سۆزچى ۋەياكى يازغۇچىلار ئەلۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي شەرەپ - ئىززىتىنى يوقىتىپلا قالماي، ۋىجدانى ئالدىدىمۇ گۇناھكاردۇر. بۇنداقلار ھامان بىر كۈنى خەلق پىكرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشكە ئۇچرايدۇ.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەنقىد ئۇستىلىق ۋە ئىنساب بىلەن قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىككى بىسلىق قىلىچقا ئوخشايدۇ. تەنقىدنىڭ ئەسلى كۈچى ۋە پايدىسى ھەقلىق بولۇش، توغرا بولۇش ۋە ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولۇش جەھەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھەقىقەت ئاشىقى بولۇش تەنقىد ئەركىنلىكىنىڭ ئاساسىدۇر. خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتىش ياكى مۇئەييەن بىر كىشىلەرنى خوش قىلىش مەقسىتى بىلەن كەلسە - كەلمەس ۋە ھەقىقەت بىلەن ئالاقىسى يوق سۆزلەرنىڭ نە تەنقىدلەش ھوقۇقى بىلەن، نە سۆز، نە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوقتۇر. ھەقىقەتتىن چەتنىگەن ئايرىم غەرەزلەر بىلەن بۇ يولغا كىرگۈچىلەر پات ياكى كەچ خەلقنىڭ تەنىسىگە، لەنىتىگە ئۇچراشقا مەھكۇمدۇر.

ئالتاي نەشرىياتى خەلق پىكرى ئورگىنى بولۇپ قۇرۇلغان ۋە شۇنداق ياشىغان. ھەم شۇ بويىچە داۋام قىلغۇسى. ئۇشبۇ نەشرىيات خەلق دەردىنى سۆزلەيدۇ. سىياسىي، ئىلمىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە (شەرقىي) تۈركىستان دېيىلگەن بۇ ئەزىز ۋەتەننى ھەمدە بۇ ۋەتەندىكى تۈرك دېيىلىپ كەلگەن ئۇلۇغ مىللەتنىڭ تەقدىرىنى تەھلىكىگە ئۇچراتماستىن ھەل قىلىش يوللىرىنى باش نىشانى قىلىدۇ. يەتتە يىلدىن بېرى ئەنە شۇ سىزىق بويىچە يۈرمەكتە ۋە داۋام قىلغان مۇددەتچە شۇ سىزىق بويىچە يۈرۈشنى ئۆزگەرمەس ئىمانى بىلەن داۋام قىلغۇسىدۇر.

«ئەرك» گېزىتى بولسا، نەشرىياتىمىزنىڭ پىرىنسىپى ئاساسىدا تۆت يىلدىن بېرى خەلقنىڭ دەردىنى سۆزلەشتە، خەلق ئەپكارىغا تەرجىمانلىق قىلىشتا، خەلق ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، قېرىنداشلىق ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭىنى قانات يايدۇرۇشتا تەربىيەلىگۈچى رولىنى ئۆتەپ كەلدى. ئۆلكىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا تۇتىشىدىغان يوللارنى بەلگىلىگۈچى، توغرا بىر سىياسىي مەسلىھەتچى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلدى. ھەر خىل سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىش ۋە تۇرۇپ - تۇرۇپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان سىياسەت ئېقىملىرىغا ماسلىشىپ بېرىش، جان باقارلىق قىلىش قاتارلىق رەزالەتلەردىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس مەسلىكى (تۇتقان يولى) بىلدى ۋە بۇ مەسلەك يولىدا ھەر تۈرلۈك ئارام بەرمەسلىكلەرگە، ناھەق ھۇجۇملارغا قارشى ئۆزىنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى، ئالىيجانابلىقىنى قوغداپ كەلمەكتە. ئۇشبۇ مەسلەك ئۇنىڭ يۈرەر يولىدۇر. خەلقنىڭ ھىمايىسى بولسا، ئۇنىڭ يۆلەنچۈكىدۇر. ئۇ مانا شۇ مەسلەكنىڭ چىرىغىدا يۈرىدۇ ۋە (خەلقتىن ئىبارەت) يۆلەنچۈككە تايانغان ھالدا ھەقنى سۆزلەيدۇ، قورقمايدۇ، ھارمايدۇ، تالمايدۇ ۋە ئىنشائاللاھ مۇقەددەس غايىسىگە يېتىدۇ.

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 255 - سان، 1949 - يىل، 27 - مارت.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى