تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولى خەلقئارا كېلىشىملەردىكى يوچۇق ۋە ئۇپۇقلار

ئورنى Wikipedia

تاران ئۇيغۇر

شەرقىي ئاسىيادا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقان تەيۋەن ئارىلى ئۆزىگە خاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات مودېلى، يۇقىرى پەن تېخنىكىسى، ئۆزگىچە مەدەنىيىتى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇرەككەپ ۋە ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بىلەن دائىما كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تەيۋەن خىتايغا قارشى ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تونۇش بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى خىتاي تىللىق خەلقلەرگە چۈشەندۈرۈش جەھەتتە مۇھىم سەھنە بولۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. ھەتتا «تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلىرى جەمئىيىتى» ۋە «تەيۋەن-شەرقىي تۈركىستان دوستلۇق جەمئىيىتى» قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارمۇ قۇرۇلۇپ، تەيۋەن بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئورتاق قىممەت قاراشلار ئاساسىدا دوستلۇقنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تەيۋەندىن ئىبارەت بۇ مۇستەقىل سىياسىي گەۋدىنىڭ ئىچىدىكى ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشقا ئىگە كۈچلەرنى تونۇش، تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى مۇستەقىل ئورنىنى ئىنتايىن نازۇك شارائىت ئىچىدە قانداق ساقلاۋاتقانلىقى ۋە ئالغا سىلجىتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ كۆرۈش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا كېلىشىملەر ئاساسىدا تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت سىياسىي پەلسەپە 2011-يىلى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھېلىھەم مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بىز مەزگىلدە، ئوخشاشلا خەلقئارالىق كېلىشىملەردىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، سىياسىي يول ئىزدەۋاتقان تەيۋەننىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش بىزگە قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاق ۋە ئىلھام بېرەلىشى مۇمكىن.

تەيۋەننىڭ سىياسىي ئورنى ھەققىدىكى خەلقئارالىق شەرتنامە ۋە كېلىشىملەر

تەيۋەن ئۆز تارىخىدا ئوخشىمىغان مۇددەت تۈرلۈك چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، تەيۋەننى بىر قەدەر ئۇزۇن مۇددەت كونترول ئاستىغا ئالالىغىنى ئاۋۋال گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيە، كېيىن بولسا مىڭ ۋە چىڭ ئېمپىرىيەسى بولدى. چىڭ ئېمپىرىيىسى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ زامانىۋىيلاشقان ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە كېيىن ياپونىيە بىلەن تونۇقۇشتى ۋە شۇ سەۋەبلىك تەيۋەنگە بولغان كونتروللىقىمۇ پەيدىن پەي ئاجىزلاپ، ھەتتا زىمىن ئايرىپ بېرىدىغان ھالەتكە كەلدى. 50 يىللىق ياپون ھاكىمىيىتى دەۋرىدىن كېيىن، ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە مەغلۇپ بولۇپ، تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. مىللەتچى خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، مىليونلىغان ئەسكەر، مەمۇرىي ئەمەلدار ۋە پۇقرالىرى بىلەن تەيۋەنگە چېكىندى ۋە خىتايغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە تەيۋەننى قۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. 1980-يىللاردىكى دېموكراتىك ئىسلاھاتتىن كېيىن ئەسلى يەر ئاستى پائاليىتىنى ئاساس قىلغان تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئوچۇق ئاشكارە ھالدا سىياسىي سەھنىگە چىقىپ، تەشەببۇسلىرىنى ئەمەلىي سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرماقتا. مۇشۇنداق 120 يىللىق مۇساپىدە تەيۋەننىڭ سىياسىي ئورنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە بىر قانچە مۇھىم خەلقئارالىق كېلىشىملەر ئىمزالاندى. مانا شۇ كېلىشىملەردىكى بەزى ئېنىقسىز نۇقتىلار ۋە خەلقئارالىق ھۈججەتلەرنىڭ خارەكتېرى تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ سىياسىي پەلسەپەسىگە كۈچلۈك قانۇنىي ئاساس ۋە ھازىرقى ئەمەلىي پائالىيەتلىرىگە خۇرۇچ بولماقتا.

1895-يىلىدىكى «شىمونوسېكىي شەرتنامىسى» – چىڭ دۆلىتى ئىگىلىك ھوقۇقتىن مەڭگۈلۈك ۋاز كەچتى

19-ئەسىرنى ئوتتۇرىلىرى، بولۇپمۇ 1860-يىلىدىكى «ئەپيۇن ئۇرۇشى» دىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ يېرىم مۇستەملىكە ھالەتكە ئۆتۈشى تېخىمۇ تېزلەشتى ۋە شۇ ۋەجىدىن كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان زىمىن دائىرىسىمۇ بارا-بارا تارىيىشقا باشلىدى. چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ توقۇنۇشلىرى يالغۇزلا ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى «شەرق ئەجنەبىيلىرى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان ياپونىيە بىلەنمۇ كۈچىيىپ باردى. نەتىجىدە 1894-يىلى يازدا شەرقىي دېڭىزدا «بىرىنچى قېتىملىق چىڭ-ياپونىيەئۇرۇشى» ياكى خىتايچە «جياۋۇ ئۇرۇشى» پارتلاپ، چىڭ سۇلالىسى ياۋروپاچە زامانىۋىي جەڭ پاراخوتلىرى بىلەن قوراللاندۇرغان داڭلىق «بېيياڭ فىلوتى» (北洋水師) نىڭ دەھشەتلىك مەغلۇبىيىتى بىلەن تاماملاندى. 1895-يىلى، لى خۇڭجاڭ يېتەكچىلىكىدىكى چىڭ دۆلىتى ئەلچىلەر ئۆمىكى ياپونىيەنىڭ شىمونوسېكى شەھىرىدىكى شۇنپانرو مېھمانخانىسىدا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن «شىمونوسېكىي شەرتنامىسى»(马关条约) نى ئىمزالىدى. 11 ماددىلىق بۇ شەرتنامىنىڭ مەزمۇنى زور مىقتاردىكى ئۇرۇش تۆلەملىرى ۋە سودا پورتلىرىنى ئېچىشتىن باشقا، ئەڭ مۇھىم ئىككى ماددىسى شەرقىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تاقىلاتتى. شەرتنامە بويىچە:

– كورىيە پادىشاھلىقى (朝鮮国) مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىدىغان ئۇلپان، سوۋغا-سالام ۋە رەسمىيەتلىرى مەڭگۈلۈك بىكار قىلىندى.

– فورموزا (تەيۋەن) ئارىلى، پېسكادورېس (پىڭخۇ) تاقىم ئاراللىرى ۋە لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىبارلىق قورغان، ھەربىي ئەسلىھە ۋە مال-مۈلكلىرى بىلەن ياپونىيەگە مەڭگۈلۈكئۆتۈنۈپ بېرىلدى.

شۇنىڭ بىلەن كورىيە پادىشاھلىقى چىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ، ياپونىيەنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى بىر مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندى ۋە چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى. تەيۋەن بولسا تاكى 1945-يىلى ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانغا قەدەر 50 يىلغا سوزۇلغان «ياپون ھاكىمىيىتى دەۋرى» گە قەدەم قويۇپ، چىڭ سۇلالىسى، جۈملىدىن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان سىياسىي ئالاقىسى بارا-بارا سۇسلىشىشقا قاراپ يول ئالدى. گەرچە شۇ مەزگىللەردە چىڭ ھۆكۈمىتى ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيە بىلەن نۇرغۇنلىغان شەرتنامىلەرنى ئىمزالىغان ۋە زىمىن ئايرىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، بۇ شەرتنامىدىكى «مەڭگۈلۈك» دېگەن سۆز مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چۈنكى كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى چىڭ ھۆكۈمىتى «ئىجارە» بەرگەن زىمىنلارنى مۆھلىتى توشقان ۋاقتلاردا قايتۇرۇپ ئالغان ئىدى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى 1997-يىلىدىكى خوڭكوڭ ۋە 1999-يىلىدىكى ماكاۋدىن ئىبارەت. تەيۋەن بولسا توپتوغرا 50 يىل ياپون ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرۇپ، خىتايدىكى چوڭ ئۆزگۈرۈشلەردىن بولغان شىنخەي ئىنقىلابى ۋە خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن، ئۆزگىچە ھايات شەكلى، قىممەت قارىشى ۋە مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. خۇددى بىر كېمە پورتتىكى چۈشەپ قويۇلغان ئورنىدىن ئايرىلىپ، دېڭىزغا قاراپ يول ئالغاندەك، تەيۋەنمۇ 1895-يىلىدىن باشلاپ تۈرلۈك ئىسسىق-سوغۇقلار بىلەن تولغان سىياسىي مۇساپىسىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈشبۇ شەرتنامىنى تەيۋەننىڭ ھازىرقى زامانغا لايىق ئۆزگىچە مىللىي كىملىكىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

1943-يىلىدىكى «قاھىرە خىتابنامىسى» – ئاخبارات باياناتىدۇر، دىپلوماتىك ھۈججەت ئەمەس

ياپون ئېمپىرىيەسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە «ئوق مەركىزى» دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، مانجۇرىيەنى مۇستەقىل قىلىپ، خىتايغا بولغان كېڭەيمىچىلىكىنى بولسا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېڭەيتتى. 1941-يىلى 7-دېكابىردا ھاۋاينىڭ پىئورېل خاربور پورتىدىكى ئامېرىكا تېنچ ئوكيان فىلوتىغا قىلىنغان ئۇشتۇمتۇت ھاۋا ھۇجۇمى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىردى ۋە ئامېرىكا ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر سېپىدە ئورۇن ئالغان خىتاي ئۈچۈن بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولۇپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆز سېپىگە قۇدرەتلىك بىر ئىتتىپاقداش دۆلەت كىرگەن ئىدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا جەڭ مەيدانلىرىدا ۋەزىيەت ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ غەلبىسىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۇچرىشىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. 1943-يىلى 23-نويابىردىن 26-نويابىرغىچە ئېچىلغان بۇ يىغىن «بىرىنچى قېتىملىق قاھىرە يىغىنى» ياكى «قاھىرە يىغىنى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ياپونىيەنى تەسلىم قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى شەرقىي ئاسىيانىڭ خەلقئارا ۋەزىيىتى، بېرما ئارقىلىق ياپونىيەگە قايتۇرما زەربە بېرىش ۋە خىتايغا ئۇرۇشتا ھەربىي ياردەم بېرىش قاتارلىقلار يىغىن كۈنتەرتىپىدە ئىدى.

يىغىندىن كېيىن، يەنى 1943-يىلى 1-دېكابىر ئېلان قىلىنغان ۋە كېيىنكى يىللاردا «قاھىرە خىتابنامىسى» دەپ ئاتالغان بىر پارچە ھۈججەت تۈرلۈك بەس-مۇنازىرەلەرگە سەۋەب بولدى. بۇ ھۈججەتنىڭ تەيۋەنگە چېتىلىدىغان قىسىمىدا «ياپونىيە خىتايدىن تارتىۋالغان بارلىق زىمىنلارنى، مەسىلەن مانجۇرىيە، فورموزا (تەيۋەن) ئارىلى ۋە پېسكادورېس (پىڭخۇ) تاقىم ئاراللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي جۇمھۇرىيىتىگە (جۇڭخۇا مىنگو) قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. بۇ ھۈججەتنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ئۈچ دۆلەت تەرىپىدىن پەرقلىق نۇسخىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ھەقىقەت بولسىمۇ، ھۈججەتنىڭ خارەكتېرى ھەققىدە خىتاي (گومىنداڭ ۋە كومۇنىستلار) بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاراشلىرى تامامەن پەرقلىق. ھۈججەتنىڭ خىتايچە نۇسخىسى باشتىن ئاياق «قاھىرە خىتابنامىسى» دەپ ئاتىلىپ، كېلىشىم ياكى شەرتنامە سالاھىيىتىدە تونۇشتۇرۇلغان بولسا، ئېنگىلىزچە نۇسخىلىرىدا بۇ ھۈججەت ئاخبارات باياناتى يەنى ئېنگىلىزچە Press Communiqué دەپ ئېلىنغان ئىدى. ئېنىقكى ئاخبارات باياناتى كېلىشىمدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇ پەقەت بىر ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم بىر خەلقئارالىق سىياسىي ۋەزىيەتكە بىلدۈرگەن ئىپادىسى ھېسابلىنىپ، قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولالمايدۇ. بۇ ھۈججەتكە مۇناسىۋەتلىك ۋە كېيىن ئىمزالانغان ئىككى كېلىشىمنامە، يەنى «سان فرانسىسكو كېلىشىمى» ۋە «خىتاي-ياپونىيە كېلىشىمى» ھەقىقىي تۈردە خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئۇيغۇن ۋە كۈچكە ئىگە بولۇپ، تەيۋەننىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە ھازىرغىچە ئۆز تەسىرى ۋە قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن «قاھىرە خىتابنامىسى»نى تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەلقئارا كېلىشىم دەپ ھېسابلاش بىمەنىلىك دەپ قارالماقتا.

1945-يىلىدىكى مەك ئارتۇرنىڭ «1-نۇمۇرلۇق ئومۇمىي بۇيرۇقى» – ئىشغال قىلىش، تەۋەلىكىگە ئېلىش دېگەنلىك ئەمەس

1945-يىلى 15-ئاۋغۇست ساماۋىي پادىشاھنىڭ رادىئو نۇتۇقى بىلەن ياپونىيە ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جاي-جايلارغا تارقاپ كەتكەن ياپون ئارمىيىسى ئۆزلىرى تەۋە بولغان ئۇرۇش رايونلىرىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قوشۇنلىرىغا تەسلىم بولدى. ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇش مۇراسىمىلىرىمۇ بىر قانچە جايدا ئۆتكۈزۈلدى. مەسىلەن، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق تەسلىم بولۇش مۇراسىمى ئامېرىكىنىڭ توكيو دېڭىز قولتۇقىغا توختىتىلغان «مىسسۇرى» ناملىق ھەربىي پاراخوتىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ يىلى 9-سېنتەبىر خىتاي ئۇرۇش رايونىدىكى ياپونىيە ئارمىيەسى نەنجىڭ شەھىرىدە خىتاي ئارمىيەسىگە تەسلىمنامىسىنى تاپشۇردى. يەنە شۇ يىلى 15-ئۆكتەبىر تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئارمىيەسى تەيبېي شەھىرىدە خىتاي ئارمىيەسىگە تەسلىمنامىسىنى تاپشۇردى.

مۇشۇ جەرياندا، يەنى 1945-يىلى 17-ئاۋغۇست كۈنى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئالىي باش قوماندانى دوگلاس مەك ئارتۇر (Douglas MacArthur) ئىتتىپاقداش ئارمىيە «1-نۇمۇرلۇق ئومۇمىي بۇيرۇق» (General Order No. 1) نى تارقىتىپ، ياپونىيەنىڭ جاي-جايلاردىكى قىسىملىرىنىڭ ئۆزلىرى تەئەللۇق ئۇرۇش رايونىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەسلىم بولۇشنى رەسمىي ئۇقتۇردى. مانا بۇ ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ياپون ئارمىيەسىنى قورالسىزلاندۇرۇشنىڭ تەرتىپى ھەققىدىكى رەسمىي ھۈججەت ئىدى. بۇ بۇيرۇقنىڭ 1-ماددا، 1- بۆلىكىدە شۇنداق كۆرسىتىلگەن:

«خىتاي (مانجۇرىيە بۇنىڭ سىرتىدا)، فورموزا (تەيۋەن)، 36-پارالېلنىڭ شىمالىدىكى فىرانسىيەگە تەۋە ھىندۇچىنى تەۋەسىدىكى ياپونىيەنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە ۋە زاپاس قىسىملىرى گېنىراللىسمۇس جياڭ جېشىغا تەسلىم بولسۇن»

ئېنىقكى بۇ بىر ھەربىي بۇيرۇق بولۇپ، پەقەت ئوخشىمىغان ئۇرۇش رايونلىرىدىكى ياپونىيە قىسىملىرىنىڭ تەسلىم بولىدىغان ئوبېكتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ مەلۇم رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر شۇنداق لوگىكا بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈلسە، شىمالىي كورىيە ۋە مانجۇرىيەدە تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىغا تەسلىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقۇقى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى. جياڭ جېشى مانا مۇشۇ بۇيرۇق ئاساسىدا تەيۋەنگە گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئارالنى ئەمەلىي كونترول قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

1952-يىلىدىكى «سان فرانسىسكو كېلىشىمى» – ياپونىيە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، لېكىن ھېچكىمگە ئۆتكۈزۈپ بەرمىدى

ياپونىيە 1945-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش ئارمىيە، جۈملىدىن ئامېرىكا ئارمىيەسى ياپونىيەنى ئىشغال قىلدى. بۇ ئىشغالىيەت تاكى ياپونىيە يېڭى تېنچلىق ئاساسىي قانۇنىنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى جازالاپ، «سان فرانسىسكو كېلىشىمى» بىلەن قايتىدىن خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتىپ كەلگىچە داۋام قىلدى. گەرچە ياپونىيەنىڭ ئوخشىمىغان ئۇرۇش رايونلىرىدىكى تەسلىمنامىسى ھەربىي توقۇنۇشلارنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، ئۇرۇش تۆلەملىرىنى دۆلەتلەر بويىچە تەقسىملەش، ئۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىشغال قىلغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سىياسىي ئورنى ۋە ياپونىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى قاتارلىقلار خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدىكى كېلىشىملەر بىلەن ئېنىق بېكىتىلمىگەن ئىدى. شۇ مەقسەتتە 1951-يىلى سېنتەبىردە، ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئامېرىكىنى سان فرانسىسكو شەھىرىگە يىغىلىپ، «سان فرانسىسكو كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىم ئارقىلىق نورمال دۆلەتلىك ھالىتىگە قايتقان ياپونىيە 1956-يىلى ب د ت غا رەسمىي ئەزالىققا قۇبۇل قىلىندى.

«سان فرانسىسكو كېلىشىمى» دىكى زىمىنلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئائىت مەزمۇنلار يىغىلغان 2-ماددىسىدا تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىلگەن:

– ياپونىيە كورىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ۋە جىجۇ ئارىلى، گىئومۇن ئارىلى، ئۇللىئۇڭ ئارىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زىمىنلار ھەققىدىكى ھوقۇق، ئىمتىياز ۋە تەلەپلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ.

– ياپونىيە فورموزا (تەيۋەن) ئارىلى ۋە پېسكادورېس (پىڭخۇ) تاقىم ئاراللىرىغا بولغان بارلىق ھوقۇق، ئىمتىياز ۋە تەلەپلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ.

يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەزمۇنلار زىمىنلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىغا قارىماستىن، ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك خىتاي ۋە كورىيە ۋەكىللىرى بۇ كېلىشىمنامىنى ئىمزالىمىدى. 1952-يىلى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ۋە ياپونىيە ئارىسىدا كېيىنچە ئىمزالانغان «خىتاي-ياپونىيە تېنچلىق كېلىشىمى» (中日和平條約) ئارقىلىق بۇ بوشلۇق مەلۇم دەرىجىدە تولدۇرۇلغان بولدى ۋە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ 2-ماددىسدا ياپونىيە «سان فرانسىسكو كېلىشىمى»نىڭ روھىغا ئاساسەن تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى  يەنە بىر قېتىم قەيت قىلىپ، تۆۋەندىكىلەر بەلگىلەندى:

« 1952-يىلى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا ئىمزالانغان تېنچلىق كېلىشىمىنىڭ 2-ماددىسىغا ئاساسەن ياپونىيە فورموزا (تەيۋەن) ئارىلى، پېسكادورېس (پىڭخۇ) تاقىم ئاراللىرى، سىپراتلىي (نەنشا) تاقىم ئاراللىرى ۋە پاراسېل (شىشا) تاقىم ئاراللىرىغا بولغان بارلىق ھوقۇق، ئىمتىياز ۋە تەلەپلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ»

«سان فرانسىسكو كېلىشىمى» ۋە «خىتاي-ياپونىيە تېنچلىق كېلىشىمى»نىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 2-ماددىسىدىكى«ئىگىلىك ھوقۇقتىن ۋاز كېچىدۇ» دېگەن سۆز ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كېلىشىمنىڭ ھېچقايسى جايىدا ياپونىيەنىڭ بۇ ئىگىلىك ھوقۇقنى قايسى دۆلەتكە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ياكى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتاي جۇمھۇرىيىتىگە قايتۇرۇلۇشى ئاساسسىز بولۇپ، ئەينى چاغدىكى چىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەننى ياپونىيەگە مەڭگۈلۈك ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، شۇنداقلا كېيىن قۇرۇلغان خىتاي جۇمھۇرىيىتىمۇ چىڭ ئېمپىرىيىسىنىڭ مىراسخورى ئەمەس ئىدى. بۇ كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن گەرچە  تەيۋەن بىلەن ياپونىيەنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، قانۇنىي يوسۇندا ھېچقايسى دۆلەتكە تەيۋەنگە ئىگە بولۇش ھوقۇقى بېرىلمىگەن. دېمەك، بۇ جايدا ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ بوشلۇقى شەكىللەنگەن ۋە ھېچقايسى دۆلەتكە بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ھوقۇقى بەلگىلەنمىگەن.

خۇلاسە

تارىخىي ۋە خەلقئارالىق سىياسىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى تەيۋەننىڭ ئىنتايىن نازۇك بىر ۋەزىيەتتە ئەمەلىي مۇستەقىل بىر سىياسىي گەۋدىگە ئايلىنىشىغا يول ئاچتى. خەلقئارالىق شەرتنامە ۋە كېلىشىملەردىكى ئىنتايىن ئىنچىكە يوچۇقلاردىن مۇستەقىللىق ئۇپۇقىنى كۆرگەن تەيۋەنلىك سىياسەتچىلەر «تەيۋەننىڭ سىياسىي ئورنى تېخى بەلگىلەنمىدى» (台灣地位未定論) ناملىق سىياسىي پەلسەپەگە ئاساس سالدى. بۇ سىياسىي پەلسەپەنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:

– 1895-يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى مەڭگۈلۈك ھالدا ياپون ئېمپىرىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

– 1945-يىلى ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئارمىيەسى تەسلىم بولدى ۋە جياڭ جېشى قوشۇنلىرى تەيۋەننى ئىشغال قىلدى.

– 1952-يىلى ياپونىيە تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، ئەمما ئۇنى ھېچكىمگە ئۆتكۈزۈپ بەرمىدى.

– شۇنىڭ ئۈچۈن تەيۋەننىڭ خەلقئارا سىياسىي ئورنى تېخى بەلگىلەنمىدى، بۇنى تەيۋەندە ياشىغۇچى 23 مىليوندىن ئارتۇق تەيۋەن خەلقى دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك.

تەيۋەن خەلقئارالىق سىياسىي كۈچلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ مەلۇم يوچۇقلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئارزۇ ۋە مىللىي غايىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بوشلۇق تاپقان بولسا، دېموكراتىك شەرت-شارائىت ئۆز زىمىنىدا پىشىپ يېتىلگەن چاغدا بۇ ئارزۇ ۋە غايىلەرنى ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق قەدەممۇ قەدەم مۇسبەت نەتىجىلەرگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتى. شۇنداقلا خەلقئارا دۇنياغا ئۆز مۇستەقىللىقىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە قانۇنلۇق دەۋا، دېموكراتىك پىرىنسىپلار بويىچە بىر مىللىي ئىرادە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىلار مۇستەقىللىق يولىدا ئىزدىنىۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى