تەپئىل
تەپئىل («پەدە ـــ شېئىردىكى ئاھاڭ پەدىسى دېمەكتۇر.ئارۇز ۋەزىنگە سېلىنغان شېئىرنىڭ تۈزۈلىشىدە 8 ئاساسىي تەپئىل بولىدۇ. بۇلار: ①فەئۇلۇن؛ ②فائىلۇن؛③مەفائىلۇن؛ ④فائىلاتۇن؛ ⑤مۇستەفئىلۇن؛ ⑥مەفئۇلاتۇن؛ ⑦مۇفائەلەتۇن؛ ⑧مۇتەفائىلۇن؛ بۇ تەپئىللەر كۆپەيتىلىپ 10 غا يەتكۈزۈلگەن ۋە ئەمىلىي ئىستىمال جەريانىدا تېخىمۇ شاخلىتىلىپ 66 گە ھەتتا 85 كە يەتكۈزۈلگەن. بەھرى تەپئىللەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بەھرى شەكىللىنىدۇ.بەھرىلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئاساسەن تۆۋەندىكىچە:
بەھرى تەۋىل: فەئۇلۇن مەفائىلۇن فەئۇلۇن مەفائىلۇن
بەھرى مەدىد: فائىلاتۇن فائىلۇن فائىلاتۇن فائىلۇن
بەھرى بەسىت: مۇستەفئىلۇن فائىلۇن مۇستەفئىلۇن فائىلۇن
بەھرى كامىل: مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن
بەھرى ۋافىر: مۇفائەلەتۇن مۇفائەلەتۇن فەئۇلۇن
بەھرى ھەزەج: مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن
بەھرى رەجەز: مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن
بەھرى رەمەل: فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن
بەھرى سەرىئ : مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن فائىلۇن
بەھرى مۇنسەرىئ : مۇستەفئىلۇن فائىلاتۇن فائىلاتۇن
بەھرى ھەفىق: مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن
بەھرى مۇزارىئ : مەفائىلۇن فائىلاتۇن مەفائىلۇن
بەھرى مۇقتەزەب: فائىلاتۇن مۇفتەئىلۇن فائىلاتۇن مۇفتەئىلۇن
بەھرى مۇجتەس: مۇفائەلۇن فەئەلەتۇن مۇفائەلۇن فەئەلەتۇن
بەھرى مۇتەدارىك: فائىلۇن فائىلۇن فائىلۇن فائىلۇن
بەھرى مۇتەقارىپ: فەئۇلۇن فەئۇلۇن فائىل فەئۇلۇن
بۇ بەھرىلەرنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرقانچە شەكىللەرگە بۆلىنىدۇ.ئۇزۇن بەھرىلەردە شېئىرلارنىڭ مىسرالىرى كۆپىنچە 13 ـــ 16 بوغۇملۇق كېلىدۇ. قىسقا بەھرىلەردە بولسا 7 ـــ 12 بۇغۇملۇق كېلىدۇ.
بەھرى تەۋىل: ھەر مىسرا 14 بۇغۇمدىن تەركىپ تاپىدۇ.ئىككى بۆلەككە بۆلىنىپ ئوقىلىدۇ،ھەر بۆلىكى 7 بۇغۇم،بىرىنچى تۇراق 3 بۇغۇم،ئىككىنچى تۇراق 4 بۇغۇم. بۇنىڭ تەپئىلى:
فەئۇلۇن مەفائىلۇن/ فەئۇلۇن مەفائىلۇن مىسال:
كىيدىم كېپىنەك توننى/ گۈلخاندا ياتارمەن دەپ، ئالدىم يا بىلەن ئوقنى/ دۈشمەننى ئاتارمەن دەپ.
(خەلق بېيتى)
قان بىلەن بۇياپ يىپنى ،كەشتىلەندى بۇ خېتىم ،
گەر يىتىك بولسا خېتىم ،ئادا بۇلاتتى خىزمىتىم .
(قەھرىمان قىز دىلبەرنىڭ ل.مۇتەللىپ تۇرمىدىكى چېغىدا ئۇنىڭغا يازغان خېتى ــ«قاينام ئۆركىشى»رومانىدىن ) بەھرى مەدىد:
ھەر مىسرا 14 بوغۇم بولۇپ, ئىككى بۆلەككە بۆلىنىدۇ، ھەر بۆلىكى 7 بۇغۇم،بىرىنچى تۇراق 4 بۇغۇم، ئىككىنچى تۇراق 3 بۇغۇم. بۇنىڭ تەپئىلى: فائىلاتۇن فائىلۇن/ فائىلاتۇن فائىلۇن مىسال:
بىر ياخشىغا بىر يامان/ ھەر جايدا بار يارى-يار،
ئىككى ياخشى بىر بولغان/ قەيەردە بار يارى-يار.
(خەلق بېيتى) شۇنچە كۈتتۈم بىلمىدىڭ / ئامرىقىم بولدۇم جۇنۇن.
قانچە يىللاپ قىينىدىڭ /زارلىنىپ بولدۇم زەبۇن.
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات شېئىرى ـــ «ھىجران دەردى»دىن)
بەھرى رەمەل: ھەر مىسرادا 8 بۇغۇملۇق ئىككى بۆلەك، ھەر بۆلىكى 4 بۇغۇملۇق 2 تۇراق بولۇپ جەمئى 16 بۇغۇمدىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭ تەپئىلى: فائەلاتۇن فائەلاتۇن/فائەلاتۇن فائەلاتۇن مىسال:
زېمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل /باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس،
جاپانى چەكمىگەن ئاشىق/ ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس.
(خەلق بېيتى)
ۋەتەننىڭ بىر گۈلىدۇرسەن /خۇشناۋا بۇلبۇلىدۇرسەن،
تىلىڭ تاتلىق شېكەردىنمۇ / جانغا مىڭ مىڭ ھوزۇردۇرسەن.
(ئە.مۇھەممەت ئەركزات شېئىرى ـــ «تىپىك ئۇيغۇر قىزىدۇرسەن»دىن)
بۇ(بەھرى رەمەل)نىڭ يەنە بىر خىلى ھەر مىسراسى 4 تۇراق،1-،2-،3- تۇراقلىرى 4 بۇغۇم،4-تۇراق 3 بۇغۇمدىن جەمئى 15 بۇغۇمدىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭ تەپئىلى: فائەلاتۇن فائەلاتۇن فائەلاتۇن فائەلۇن مىسال: كىمكى ئۆلمەستىن بۇرۇن بىلمەس بۇ جاننىڭ قەدرىنى،
كىم ئۆلەر ھالەتكە يەتسە شۇ بىلۇر جان قەدرىنى.
(خەلق بېيتى)
ئۆتتى تارىخ ، ئۆتتى يىللار ، ئىستىبىداتلار ئۆتتى كۆپ ،
جەڭ چىلىشلار يالقۇنىدا چىقتى سانسىز قەھرىمان .
ئەي ئانا يەر پاك مۇقەددەس سەندە بىزنىڭ جانىمىز ،
سۆيگۈ مىھرىڭ ۋە سۈتۈڭدىن پۈتتى بىزنىڭ قانىمىز .
(مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزچىلارنى باشلاپ مەھمۇد شىجاڭغا دوكىلات بەرگەن چاغدا دىكىلاماتسىيە قىلغان شېئىرىدىن ئېلىندى )
يەنە بىر شەكلى : ھەر مىسرا 4 تۇراق ھەر تۇراق 4 بۇغۇم بولۇپ جەمئى 16 بۇغۇمدىن تۈزىلىدۇ.بۇنىڭ تەپئىلى:
مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن مەفائىلۇن مىسال: بارارغا يوللىرىڭ بولسۇن،يانارغا ھەمرىيىڭ بولسۇن،
سېنىڭدەك نازىنىن يارغا مېنىڭدەك قۇللىرىڭ بولسۇن. (خەلق قوشىقى) بەھرى رەجەز:
تەپئىلى:
مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن
يەنە بىر خىلى:
مۇفتەئەلۇن مەفائىلۇن مۇفتەئەلۇن مەفائىلۇن
بەھرى مۇقتەزەب
بۇنىڭدا مىسرادىكى بىرىنچى بۆلەك 7 بۇغۇم ئىككىنچى بۆلەك 8 بۇغۇم جەمئى 15 بۇغۇم بولىدۇ.بۇنىڭ تەپئىلى: فائىلۇن مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن
مىسال:
تاغمۇ تاغلاردىن ئېگىز ئارغۇ بۇلاقنىڭ تاغلىرى،
ئۈستۈنىدە قار ياتادۇر ئاستىنىدا باغلىرى.
(خەلق بېيتى)
قىسقا بەھرىلەر:
بەھرى سەرىئ :
بۇ بەھرىدە 11 بۇغۇم بولۇپ ،1-،2-تۇراقلار 4 بۇغۇمدىن،3-تۇراق 3 بۇغۇمدىن تۈزلىدۇ. بۇنىڭ تەپئىلى: مۇستەفئىلۇن مۇستەفئىلۇن فائىلۇن
مىسال:
نەچچە كۈندۇر كۆمەدىم يارىم سەنى،
سەنمۇ ھەرگىز ياد ئەتمەدىڭ ھەرگىز مەنى.
(گۇمنام)
بەھرى مۇتەقارىب: دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» دەل ئارۇز ۋەزنىنىڭ مۇتەقارىب بەھرىدە يېزىلغان.
تەپئىلى:
فەئۇلۇن مەفائىلۇن مۇستەفئىلۇن
يەنە بىر خىلى:
فەئۇلۇن فەئۇلۇن فائىل فەئۇلۇن بەھرى ھەفىف:
بۇنىڭدا مىسرا 10 بۇغۇمدىن تۈزلىدۇ.تەپئىلى:
مۇتەفائىلۇن مۇتەفائىلۇن ياكى:
مۇفائىلەتۇن مۇفائىلەتۇن
بەھرى مۇزارىئ :
12 بۇغۇمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ،جەمئى 3 تۇراق ھەر بىر تۇراق 4 بۇغۇم بولىدۇ.تەپئىلى:
مەفائىلۇن فائىلاتۇن مەفائىلۇن
ياكى:
مۇتەفائىلۇن فائىلۇن مەفائىلۇن[1]