جامال خاشۇقجى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى جامال خاشوگى)

جامال خاشۇقجى سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ، ئامىرىكىغا ئۆزلۈگۈدىن سۈرگۈن بولغان جورنالىست. 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىيەلىك نىشانى ( توي قىلماقچى بولغان ئايال) بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلد تۇرۇشلۇق كونسۇلغانسغا كىرىپ كەتكەن پېىتى يوقاپ كەتكەن. نىشانى 11 سائائەت ساقلىغان بوسىمۇ چىقمىغان. جامال خاشۇقجىنىڭ بوۋىسى تۈركىيەلىك بۇلۇپ فامىلىسى قۇشۇقچى. خاشۇقجى بولسا قۇشۇقچى دىگەن سۆزنىڭ ئەرەپچىلەشتۈرۈشى. جامال خاشۇقجى يوقاپ كەتكەن ۋاقتىدا ۋاشىڭتىتون پوچتىسى گېزىنىتنىڭ مۇخبرى ئىدى. تۈركىيە جۇمھۇر باشلىقى ئەردوغەن كېيىن جامال خاشۇقجىنىڭ كونسۇلغان كىرىپ ناھايتى تېزىلا سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇرۇن باسارى ئەۋەتكەن 15 كىشىلىك "سوراقچىلار" تەرىپىدىن ئۇرۇپ سوراق قىلىنغالىقى، بارماقىلىرىنىڭ كىسىپ ئۈزۈۋىتىلگەنلىكى، جامالىنىڭ ئاغىرىغا چىدىماي ۋاقىرىپ -چاقىراپ قىلغانلىقى، شۇڭىلاشقا سوراقىچىلا گىروھىدىكى قانۇن دوختۇرى ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرۇپ ھۇشىسىزلاندۇرغاندىن كىىن 7 مىنۇت ئىچىدە تىرىك پېتى پاچىلاپ جەسىتىننى بىر تەرەپ قىلغانلىقنى جاكارلىدى ھەمدە شۇنداقلا ئۇنىڭ قولىدا نەق مەيداندىكى ئۈن ماتىرىيالى بارلىقىنى ، ۋاقتى كەلگەندە ئاشكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدى.

دەسلەپتە سەئۇدى ئەرەبىستان گەرچە ئۇنىڭ كونسۇلغاندك ئۆلگەنلىكىن ئىتىراپ قىلمغان بولسىمۇ، ئامىرىكا ، ب د ت، ۋە باشقا جەلىقئار تاراتقۇلارنىڭ توختىماي سوراق قىلىشىغا بەرداشلىق بىرەلمەت ، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 19 كۈنى كېچىدە، جاماك خاشۇقجىنىڭ كونسۇلغانىغا كىرگەندى كېىيىن 15 كىشلىك گروھ ئەزەلىرى بىلەن گەپ تاكالىشىپ قېلىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا جىدەلدە ئۆلگەنلك بايانىتىن ئىلان قىلدى.

قىسقىچە ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئىسمى:

ئۇيغۇرچە: جامال خاشۇقجى

ئەرەپچە: جمال خاشقجي

ئېنگلىزچە: Jamal Ahmad Khashoggi

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1958-يىلى 13 ئۆكتەبىر. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدە.

ئۆلگەن ۋاقتى: 2018-يىلى 2 ئۆكتەبىر، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانسىدا

تۇرۇشلۇق ئورنى: ئامىرىكا.

دۆلەت تەۋەلىكى: سەئۇدى ئەرەبىستان

مەكتەپداش: ئىندىيانا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتى

كەسپى: جورنالىست، ئوبىزورچى، يازغۇچى

نىشانى: خاتىچە چىڭگىز

ئۇرۇق تۇغقانلىرى:

نابىيە خاشۇقجى

دودى فايىد

ئادنان خاشۇقجى (داڭلىق قورال-ياراق سودىگىرى)

سامىرا خاشۇقجى

مۇنبەر
جامال خاشۇقجى بىر مۇنبەردە

سوخېر خاشۇقجى

مۇھەممەد خاشۇقجى (بوۋىسى)

شەخشى توربەت: https://jamalkhashoggi.com/

يوقاپ كىتىش ۋەقەسىنى ۋاقىت ئوقى[تەھرىرلەش]

2018-يىلى ماي: ئىستانبۇلدىكى بىر يىغىندا، 36-ياشلىق تۈركىيەلىك دوكتور ئۇقۇغۇچى خاتىچە چىڭگىز بىلەن ئۇچىرىشىپ بىر بىرنى ياقتۇرپ قالغان.

2018-يىلى 28 -سىنتەبىر؛ سەئۇدى كونسۇلغانسىغا بېرىپى توي قىلىش ماتىرىيالىرنى بىچىرگەن. كونسۇلخاندكىلەر ئۇنىڭچغا بىر نەچچە كۈندىن كىيىن كىلىپ ئېلىۋېلىشنى ئېيتقان.

1-ئۆكتەبىر: لوندوندىن ئىستانبۇلغا قايتقان.

مايىك پومپىئو
مايىك پومىپئو سەئۇدى خانى سالمان بىلەن.

2-ئۆكتەبىر؛ ئىستانبۇل كونسۇلخانسىغا كىرىپ كەتكەن. خاتىچە سىرتتا 4 سائەت ساقىلغان، كونسۇل خادىمى ئۇنىڭغان جامالنىڭ ئاللىبۇرۇن قايىتپ كەتكەنلىكنى ئېىيتقان. شۇنىڭ بىلەن خاتىچە دەرھال شۇ جايدىكى ساچقىلار بىلەن ئالاقىلاشقان.

7-ئۆكتەبىر: سەئۇدى ھۆكۈمۈتى ئۇنىڭ ئۈلۈمى بىلەن مۇناسىۋتى بارلىقىنى رەت قىلغان.

10-ئۆكتەبىر: ئا ق ش جۇمھۇر باشلىقى دونالد ترامپ تۇنچى قېتىم جامال خاشۇقجى توغرىسىدا سۆزلىگەن.

11-ئۆكتەبىر: ۋاشىڭگىتون پوچتىسى تۈركىيە ئەمەلدارلىرىدىنى جامالنىڭ ئاللىبۇرۇن كونسۇلغانىدا ئۈلگەنلىكنى ئىگەللىگەن. ساقچىلىدا ئۈن لېنتىسىنىڭ بارلىقى دەلىلەنگەن.

14-ئۆكتەبىر: سەئۇدى ئورون باسارى مۇھەممەد بىن سالمان ( م ب س ) ئامىرىكا س ب ئەس تېلۋىزىيەسىنىڭ "60 مىنۇت" پروگرامىسىدا تۇنچى قېتىم جامال توغرۇلۇق سۆزلىگەن. ئۇ ئەگەردە تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلىنىڭ راستىلىق دەللىلەنسە، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق جازالىندىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

15-دىكابىر: دونالد ترامپى ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان خانى سالمان بىلەن 20 مىنىۇت سۈزلەشكەنلىكىنى، سالماننىڭ "ئۇ ۋەقە توغرۇلۇق ھېچقانداق خەۋىرى يوقلۇقىنى" تاراتقۇلارغا مەلۇم قىلغان. شۇنداقلا، ئەگەر سەئۇدى راسىتنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالسا، "قاتتىق جازالىندىغانلىقنى" ئىلان قىلغان.

كېيىن ئامىرىكا جۇمھۇر باشلىق دونالد ترامپ ئامىرىكا دۆلەت ئىشلرى كاتىپى پومپىونى سەئدۇى ئەرەبىستانغا مەخسۇم مۇشۇ ئىشنى تەكشۈرۈش ئۇچۈن ئەۋەتكەن.

كېينچە، تۈركىيە قانۇن دوختۇرلىرى، ئىسپات يىغقىچۇلىرى، سەئۇدى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسنى، باش كونسۇلنىڭ تۇرالغۇسىنى تەكشۈرگەن ھەمدە نۇرغۇن خالتا -خۇتا ئىسپاتلار بىلەن قايتقان. ئەردوغان تاراتقۇلارغا "ئىستانبۇل كونسۇلخانىسنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ قايتا سىرلانغانلىقىنى" بايان قىلغان. ھەمدە تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى پۈتۈن دۇنيغا ئىلان قىلدىغانلىقىن جاكارلىدى.

ئىستانبۇل ساقچىلرى كېىيىن تەكشۈرۈش دائىرسىنى ئستانبۇلنىڭ ئەتىراپىدىكى ئورمانلىققا، ۋە يېقىبن بىر ئۆلكىگە كېڭەيتىپ، جامال خاشۇقجىنىڭ پارچىلنىپ كەتكەن جەسىتىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قلغان.

15-كىشلىك سوراقچىلا ئۈمىكى[تەھرىرلەش]

ماخرى ئابدۇلئەزىز مۇترەب

سالا مۇھەممەد

ۋە باشقىلار.