جانلىق (تېلۋىزىيە تارقىتىش ئۇسۇلى)

جانلىق (ئېنگلىزچە: Live؛ باشقىچە ئاتىلىشى: شۇ دەقىقىدە، جانلىق تارقىتىش) بىر خىل تېلۋىزور، رادىئو ياكى باشقا مېدىيا ۋاستلىرىدا ئۇچۇرنى كۆرۈرمەنلەرگە شۇزامان، شۇ دەقىقىدە، ھېچقانداق ۋاقىت پەرقى يوق ھالدا سۇنۇش ھالىتىنى ياكى ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ. جانلىق تارقىتىش بۈگۈنكى كۈندە تېلۋىزىيە، رادىيو، تور ئارقىلىق مەلۇم بىر مەزمۇنننى ياكى ئۇچۇرنى كۆرۈرمەنلگەر ياكى تاماشىبىنلارغا بىۋاستە، شۇ دەقىقىدە سۇنۇشقا فوكۇسلانغان. تېلۋىزور ياكى باشقا سىنلىق تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ ئېكىراننىڭ بىر بۇلۇڭىدا "جانلىق" دەپ ھەر خىل كىچىك رامكىنىڭ ئىچىدە خەت بار، بۇ دەل شۇ مەزمۇنلارنىڭ ھېچقانداق مۇنتاژلانماي، شۇ دەقىقدە سىتۇدىيە ھالىتىدە كۆرۈرمەنلەرگە سۇنۇلغانقىنى كۆرسىتىدۇ. جانلىق تارقىتىش نەقسۇنۇمنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئاساسلىقى تېلۋىزىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى تاراتقۇ ۋاستلىرىدا ۋە يېڭى زاماندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك
[تەھرىر]جانلىق ئورۇنلاش
جانلىق كونسېرت
جانلىق خەۋەر ئىستودىيەسى
جانلىق مۇلاھىزە
