جاڭ يىشىڭ

ئورنى Wikipedia

جاڭ يىشىڭ (خەنزۇچە: 張藝興) ، 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى دە تۇغۇلغان، ناخشىچى، ئارتىس، ئەر ناخشا ئېيتىش گۇرۇپپىسى EXO/EXO-M نىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ئەزاسى.

شەخس تونۇشتۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

جاڭ يىشىڭ، 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى دە تۇغۇلغان، ناخشىچى، ئارتىس، ئەر ناخشا ئېيتىش گۇرۇپپىسى EXO/EXO-M نىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ئەزاسى.

جاڭ يىشىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى خۇنەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، 2000-يىلى «ئۈزلۈكسىز مۇزىكا» لىن جىيىڭنىڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرى يىغىنىغا قاتنشقان ھەم ناخشا ئىيتقان، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيە ئىكرانىدا كۆرىنىشى بولغان.

كەسپى ئىزدىنىشلىرى[تەھرىرلەش]

2005-يىلى خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ«چولپان ئىنستىتۇتى» مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ھەمدە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن، مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جاڭ يىشىڭ مەكتەپكە قايتىپ داۋاملىق ئوقۇغان، مەكتەپتىكى چاغدا، ئۇ مەكتەپ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىغا قاتناشقان.

2008-يىلى جاڭ يىشىڭ S.M. Casting System نىڭ جۇڭگو دا تاللىشىدا، كورىيە SM شىركىتى قارمىقىدىكى پىراكتىكانت ئوقۇغۇچى بولۇپ تاللىغان.

2012-يىلى 4-ئايدا، EXO تەشكىلات ۋە تارماق ئەترتى EXO-M ئەترىتىنىڭ ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن رەسمىي نام چىقارغان.

2014-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، شەخسىي نامىدا جۇڭگو دا پائالىيەت ئېلىپ بارغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نۇرغۇن ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىنى سىنغا ئالغان ۋە رىياسەتچىلىك قىلغان.

2015-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى جاڭ يىشىڭ جۇڭگودا شەخسى خىزمەت ئۆيى قۇرغان، 5-ئايدا سىناق قىلىپ پروگرامما «极限挑战» گە قاتناشقان، شۇ يىلى ئاسىيادىكى كۈچلۈك شەرق مۇراسىمى ئەڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ھەممىگە قادىر سەنئەتكار دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى 4-ئايدا، ئىجادىي ناخشىسى «بىر ئادەم» گە تايىنىپ، 16-نۆۋەتلىك مۇزىكا ئەتىرتى يىللىق ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن كىنو ناخشىسى ۋە يىللىق ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن يېڭى ئادەم قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]