Jump to content

جىبران نەسىرلىرىدىن: قۇم ۋە بۇژغۇن

ئورنى Wikipedia

جىبران نەسىرلىرىدىن: قۇم ۋە بۇژغۇن


مەن بىر ئوچۇم ئىسنى تۇتۇۋالدىم.

قولۇمنى ئاچتىم، ئىس بىر قۇرتقا ئايلىنىپتۇ.

مەن قولۇمنى يۇمۇپ يەنە ئاچتىم، ئەمدى قۇرت قۇشقا ئايلانغانىدى.

مەن قولۇمنى يۇمۇپ يەنە ئاچتىم. ئەمدى ئالىقىنىمدا كۆزلىرىدە ھەسرەت جىلۋىلەنگەن بىر ئادەم ئاسمانغا قاراۋاتىدۇ.

مەن قولۇمنى يۇمۇپ يەنە ئاچتىم، قولۇمدا ئىستىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى. ئەمما مەن ناھايىتى ئېسىل بىر ناخشىنى ئاڭلىدىم.

     *       *

روھىم بىلەن جىسمىم ئۆزئارا كۆيۈشۈپ، سۆيۈشۈپ توي قىلغىنىدىلا مەن قايتىدىن تۇغۇلىمەن.

     *       *

ئەسلىمە − ئۇچرىشىشنىڭ بىر خىل شەكلى.

     *       *

ئادەمگەرچىلىك − ئەبەدىيلىك بۇرۇنقى زاماندىن ئەبەدىيلىك كەلگۈسىگە ئاققان نۇر دەرياسىدۇر.

     *       *

ئەي پەلەك، مېنى شىرنىڭ ئوزۇقىغا ئايلاندۇر، بولمىسا توشقاننى مېنىڭ ئوزۇقۇمغا ئايلاندۇر.

     *       *

قاپقاراڭغۇلۇق يولىدىن ماڭماي تاڭغا يەتكىلى بولمايدۇ.

     *       *

مەن ئۆز روھىمغا يەتتە قېتىم نەپرەتلەنگەنىدىم:

بىرىنچى قېتىم، ئۇ يۇقىرىغا ئۆرلەشنى ئۆتۈنۈۋەتكەندە.

ئىككىنچى قېتىم، ئۇ توكۇر ئالدىدا ئاقساپ ماڭغاندا.

ئۈچىنچى قېتىم، ئۇ جاپا ۋە ئاسانلىق ئالدىدا ئاسانلىقنى تاللىغاندا.

تۆتىنچى قېتىم، ئۇ خاتالىشىپ ئۆزىگە باشقىلارمۇ خاتالىشىپ قالىدۇ، دەپ تەسەللى بەرگەندە.

بەشىنچى قېتىم، ئاجىزلىققا باش ئېگىپ، ئۇنى قەيسەرلىك دەۋالغاندا.

ئالتىنچى قېتىم، ئۇ بىر سەت چىراينى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ نىقابلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەي نەپرەتلەنگەندە.

يەتتىنچى قېتىم، ئۇ بىر مەدھىيە ناخشىسىنى ئوقۇپ، بۇنى بىر ئېسىل ئەخلاق دەپ ئىشەنگەندە.

مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۆزۈمنىڭ نادانلىقى تۈپەيلى كەمتەرمەن، بۇنىڭغا مېنىڭ شەرىپىم ۋە ھەققىم سىڭگەن.

     *       *

بەخت ئۇياقتا − ئاشۇ ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا، ياندىكى ئۆيدە، ئەمما مەن ئاچقۇچنى يوقىتىپ قويدۇم.

بەلكىم مەن ئاچقۇچنى باشقا يەرگە قويغان بولسام كېرەك.

     *       *

سەن قارىغۇ، مەن گاس ھەم گاچا، كەل ئىككىمىز قول ئېلىشىپ چۈشىنىشەيلى.

     *       *

بىر ئادەمنىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ نەتىجىلىرىدە ئەمەس، بەلكى نەتىجىلەرگە ئىنتىلدۈرگەن نەرسىدە.

     *       *

بىزنىڭ يۈرىكىمىز − بىر پارچە بولۇت، كۆڭلىمىز دەريا، ھالبۇكى كۆپچىلىكىمىز شۇنى سۈمۈرىمىز، ئەمما ئېقىشنى خالىمايمىز. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەسمۇ؟

     *       *

بىر كىشى خىيالغا چۆككەندە، خىيالنىڭ غۇۋا ھۇزۇرىنى ھەقىقىي شاراب ھېسابلايدۇ.

     *       *

سېنىڭ ھاراق ئىچىشتىن مەقسىتىڭ مەست بولۇش، مېنىڭ ھاراق ئىچىشتىكى مەقسىتىم باشقا مەستلىكتىن يېشىلىش.

     *       *

رومكام قۇرۇق تۇرسا كارىم يوق، ئەمما ئۇ يېرىم بولۇپ قالسا، يېرىملىقىغا نەپرەتلىنىمەن.

     *       *

بىر ئادەمنىڭ ماھىيىتى ئۇنىڭ ساڭا ئايان بولغان تەرىپىدە ئەمەس، بەلكى ساڭا ئاشكارا قىلالمايدىغان تەرىپىدە.

     *       *

قىلغان گەپلىرىمنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئەھمىيەتسىز گەپلەر، ئۇنى دېيىشتىن مەقسىتىم سېنى ئۇنىڭ قالغان يېرىمىنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.

     *       *

كىشىلەر مېنىڭ كۆپ سۆزلۈكۈمنى ماختاپ، كەم سۆزلۈكۈمنى ئەيىبلىگەندە مېنىڭ زېرىكىشىم باشلىنىدۇ.

     *       *

مېنىڭ چىنلىقىم − جىمىغۇرلۇقۇمدۇر. ئۆگۈنلۈككە مەن كۆپ سۆز بىر ئادەمگە ئايلىنىمەن.

     *       *

ھاياتىمنىڭ ئىچكى ئاۋازى سېنىڭ ھاياتىڭنىڭ ئىچكى قۇلاقلىرىغا يېتىپ بارالمايدۇ، ئەمما ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن، كەل، سۆزلىشەيلى.

     *       *

ئىككى ئايال سۆزلەشكەندە ئۇلار ھېچنېمە دېيىشمەيدۇ. بىر ئايال ئۆز - ئۆزىگە سۆزلىگەندە ھاياتنىڭ ھەممىسىنى ئېچىۋېتىدۇ.

     *       *

پاقا بەزىدە كالىدىنمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ قوش سۆرىيەلمەيدۇ، جۇۋاز تارتالمايدۇ، ئۇنىڭ تېرىسىنى كۆن - خۇرۇم قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.

     *       *

پەقەت گاچىلا سۆزمەندىن ھەسەت قىلىدۇ.

     *       *

ئەگەر قىش: «باھار مېنىڭ يۈرىكىمدە» دېسە، قىشقا كىم ئىشىنەتتى؟

     *       *

ھەربىر ئۇرۇق − بىر ئۈمىدتۇر.

     *       *

ئەگەر سەن راستتىنلا كۆزۈڭنى چوڭ ئېچىپ قارىساڭ، ھەربىر پېرسوناژدا ئەكسىڭنى كۆرىسەن. سەن ئەگەر راستتىنلا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىساڭ، سەن ھەممە ئاۋازلار ئارىسىدىكى ئۆز ئاۋازىڭنى ئاڭلايسەن.

     *       *

نۇرغۇن ھەقىقەت بىر دېرىزە، بىز شۇ دېرىزە ئارقىلىق ھەقىقەتنى كۆرەلەيمىز، شۇنداقلا ئۇ بىزنى ھەقىقەتتىن ئايرىپ تۇرىدۇ.

ئايال خەق تەبەسسۇم بىلەن رۇخسارىنى يوشۇرالايدۇ.

     *       *

ئاياللارنى چۈشەنمەكچى، تالانتىنى تەھلىل قىلماقچى ياكى جىمىغۇر، سىرلىق ئادەملەرنى بىلمەكچى بولغان ئادەم شېرىن چۈشلەر ئارىسىدىن جان پىدالىق بىلەن ئويغىنىپ ناشتىلىق ئۈستىلىگە كەلمەكچى بولغان ئادەمدۇر.

     *       *

مەن ماڭغانلار بىلەن بىللە مېڭىشنى خالايمەن. ئۆتۈۋاتقانلارغا قاراپ تۇرۇشنى خالىمايمەن.

     *       *

ئەگەر بىر تۈپ دەرەخ ئۆز تەرجىمىھالىنى يازىدىغان بولسا، خۇددى بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا ئوخشىغان بولاتتى.

     *       *

شېئىر − ئىپادە قىلىنىدىغان پىكىر ئەمەس، بەلكى يارا ئېغىزىدىن ياكى كۈلكە ئېغىزىدىن ئۇرغۇپ چىققان ناخشىدۇر.

     *       *

تىل - سۆز − ۋاقىت خاراكتېرلىك بولمايدۇ. سەن ئۇنى دەۋاتقان ياكى يېزىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك.

     *       *

شىئىر − ئورۇن بوشاتقان شاھتۇر، ئۇ ئۆز قەسىرىدىكى گۈل - توزانلار ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، كۈلدىن ھەيكەل ياسىماقچى بولىدۇ.

     *       *

ئەگەر گۈزەللىكنى مەدھىيەلىمەكچى بولساڭ، سەن دەشت - باياۋان ئوتتۇرىسىدا بولساڭمۇ ئاڭلىغۇچى چىقىدۇ.

     *       *

ئىلھام دائىملىق كۈيلەشتۇر، ئۇنىڭغا ئىزاھات كەتمەيدۇ.

     *       *

بىز ئۆزىمىز ئۇخلاش ئۈچۈن بالىغا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمىز.

     *       *

ئوي - پىكىر − دائىم دېگۈدەك شېئىرنىڭ توسالغۇسىدۇر.

بىزنىڭ جىمجىتلىقىمىزنى ئىزھار قىلالىغۇچى ئەڭ ئۇلۇغ ناخشىچىدۇر.

     *       *

ئاغزىڭدا لىققىدە ئاش بولسا قانداقمۇ ناخشا ئېيتالايسەن؟

قولۇڭدا لىققىدە ئالتۇن بولسا، قانداقمۇ كىشىگە بەخت تىلىگىلى قولۇڭنى كۆتۈرەلەيسەن؟

     *       *

كىشىلەر: بۇلبۇل ناخشا ئېيتقاندا تىكەنلەرنى يۈرىكىگە سانجىيدۇ، دېيىشىدۇ. بىزمۇ شۇنداق، بولمىسا بىز قانداقمۇ ناخشا ئېيتالايمىز؟

     *       *

تالانت − كەچ كۈز باشلانغان چاغدا تومۇزغا ئېيتقان بىر ناخشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

     *       *

ئانا قەلبىدە جىم تۇرغان شېئىر بالا ئاغزىدىن چىقىدۇ.

     *       *

سەن ھاياتنىڭ مەركىزىگە يەتكەندە، سەن ھاياتلىقتىن، ھەتتا گۈزەللىكنى كۆرەلمەيدىغان ئادەمنىڭ كۆزىدىنمۇ گۈزەللىكنى تاپالايسەن.

     *       *

ياشاشتىن مەقسىتىمىز − گۈزەللىكنى تېپىش، باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كۈتۈش شەكىللىرىدۇر.

     *       *

بىر تال ئۇرۇق چاچساڭ، زېمىن ساڭا بىر گۈل بېرىدۇ. بىر شېرىن خىيال تىلىسەڭ ساما ساڭا مەشۇق بېرىدۇ.

     *       *

نۇرغۇن قىزلار يىگىت قەلبىنى ئۆتنە ئالالايدۇ، ناھايىتى ئاز قىزلار يىگىت قەلبىنى ئىگىلىيەلەيدۇ.

     *       *

مۇھەببەت − ئاشىق - مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى پەردە.

     *       *

ھەربىر ئەركەك ئىككى قىزنى سۆيىدۇ: بىرى، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئەسەر، يەنە بىرى، تېخى تۇغۇلمىغان.

     *       *

ھەر كۈنى ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرمىغان مۇھەببەت بىر خىل ئادەتكە، ئاخىردا قۇلغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

     *       *

ئاشىق - مەشۇقلار بىر - بىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل نەرسىنى قۇچاقلايدۇ، بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلاشمايدۇ.

     *       *

مۇھەببەت ۋە ھەسەت ئەبەدىي سۆزلەشمەيدۇ.

     *       *

مۇھەببەت نۇرلۇق قول بىلەن نۇرلۇق قەغەزگە يېزىلغان نۇرلۇق سۆزدۇر.

دوستلۇق ئەبەدىي بىر شېرىن مەسئۇلىيەت، ھەرگىز بىر خىل پۇرسەت ئەمەس.

     *       *

سەن قۇياشقا ئارقاڭنى قىلىپ تۇرغاندا كۆرگىنىڭ پەقەت ئۆز سايەڭدۇر.

     *       *

ئەگەر مېھمان ئۈچۈن بولمىغىنىدا بارلىق ئۆيلەر قەبرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

     *       *

ئالدامچىلىق بەزىدە غەلىبە قىلىپمۇ قالىدۇ، لېكىن ئۇ دائىم ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرىدۇ.

      *       *

ئەڭ ئادىل كىشى − سەۋەنلىكلىرىڭنى كۆتۈرۈشۈپ بېرەلىگەن كىشىدۇر.

     *       *

لەۋلىرىدىكى تەبەسسۇم ئارقىلىق كۆزىدىكى ئۆچمەنلىكنى يوشۇرالىغان كىشى نېمىدېگەن دۆت - ھە!

     *       *

ھايات ماڭا ئالتۇن، مەن ساڭا كۈمۈش بەرگەندە، مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى مەرد ھېسابلايمەن. بۇ ماھىيەتتە نېمىدېگەن پەسكەشلىك - ھە!

     *       *

سەن ھاياتلىق مەركىزىگە يەتكەندە، ئۆزۈڭنىڭ ئەيىبكاردىن يۇقىرى، دانىشمەندىن تۆۋەن ئەمەسلىكىڭنى بايقايسەن.

     *       *

توكۇرنىڭ ئۆز ھاسىسىنى دۈشمىنىنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ سۇندۇرمىغىنى ئاقىلانىلىكتۇر.

     *       *

بىرسى سېنى مەسخىرە قىلسا، سەن ئۇنى كەچۈر؛ ئەمما سەن باشقىلارنى مەسخىرە قىلساڭ ئۆزۈڭنى كەچۈرمە.

     *       *

بىرسى سېنى ئازابقا قويسا، سەن ئۇنى ئۇنتۇ، ئەمما سەن باشقىلارنى ئازابقا قويساڭ، ئۇنى مەڭگۈ ئەستە تۇت.

     *       *

ئۆز خىياللىرىنى ئالتۇن - كۈمۈشكە ئايلاندۇرغان ئادەم − ئەڭ بىچارە ئادەمدۇر.

     *       *

شان - شۆھرەت − قىزغىنلىقنىڭ قۇياش نۇرىدا چۈشكەن سايىسىدۇر.

     *       *

گۈلنىڭ يىلتىزى − شان - شەرەپنى ئۇنتۇغان گۈلدۇر.

     *       *

ئەڭ ئۇلۇغ ئادەم باشقىلارنى باسمايدىغان ھەم بېسىلمايدىغان ئادەمدۇر.

     *       *

ناۋادا ئەقىل - پاراسەت يىغلىمايدىغان دەرىجىدە ھاكاۋۇرلاشسا، كۈلمەيدىغان دەرىجىدە دەبدەبىلىك بولۇۋالسا، باشقىلارغا قارىمايدىغان دەرىجىدە مەغرۇرلانسا، ئۇ ھەقىقىي ئەقىل - پاراسەت بولماي قالىدۇ.

     *       *

مۇبالىغە − ئاچچىقلانغان ھەقىقەتتۇر.

     *       *

پاكىت − جىنسىي ئايرىمىسى يوق ھەقىقەتتۇر.

     *       *

بىر ئادەم ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، قاراڭغۇلۇقتا ئويغاق، بىرى، ئاپتاپلىقتا ئۇخلايدۇ.

− سىزگە ئىچىم ئاغرىيدۇ − دېدى پەيلاسوپ كوچا سۈپۈرگۈچىگە،− سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بەك جاپالىق ۋە مەينەت.

− رەھمەت ئەپەندىم، ئۆزىڭىز نېمە ئىش قىلىسىز؟ − سورىدى كوچا سۈپۈرگۈچى.

− كىشىلەرنىڭ ئوي - خىيال ۋە ھەرىكەت - ئارزۇلىرىنى تەتقىق قىلىمەن، − دېدى پەيلاسوپ.

كوچا سۈپۈرگۈچى كوچىنى سۈپۈرگەچ كۈلۈپ:

− مېنىڭمۇ سىزگە ئىچىم ئاغرىيدۇ، − دېدى.

     *       *

جاھاندا ئىككى ئۆزگەرمەس نەرسە باردۇر: گۈزەللىك ۋە چىنلىق. گۈزەللىك ئاشىق - مەشۇقنىڭ قەلبىدە، چىنلىق تېرىغۇچىنىڭ يەلكىسىدۇر.

     *       *

ئۇلۇغ گۈزەللىك مېنى ئەسىر قىلدى، ئەمما يەنە بىر تېخىمۇ ئۇلۇغ بىر گۈزەللىك قۇتۇلدۇردى.

     *       *

گۈزەللىك ئۇنىڭغا تەلپۈنگۈچىنىڭ نەزەرىدە ئۇنى كۆرگۈچىنىڭ كۆزىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ گۈزەلدۇر.

     *       *

سەن بىلەن خۇشاللىقتا بىللە بولۇپ، جاپادا بىللە بولمىغان ئادەم بەخت ۋە خۇشاللىقنىڭ ئاچقۇچىنى يوقىتىپ قويغان ئادەمدۇر.

     *       *

قايغۇ − ئىككى گۈلزار ئوتتۇرىسىدىكى تام.

     *       *

سۆزمەن كىشى − ئەڭ بەختسىز ئادەمدۇر. ناتىق بىلەن ھۆپىگەر ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق دېيەرلىك.

ئاپتور ھەققىدە: جىبراننىڭ تولۇق ئىسمى جىبران خېلىل جىبران بولۇپ، 1883- يىلى لىۋاندا تۇغۇلغان. 1931- يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ زور تەسىرگە ئىگە مۇتەپككۇر. ھېكايە، شېئىر، نەسىر ۋە رەسساملىقتا دۇنياۋى ئېتىراپقا ئېرىشكەن ئەدىب، سەنئەتكار. ئۇنىڭ «سۇنغان قانات» ناملىق پوۋېستى، «ياش ۋە كۈلكە»، «دانىشمەن»، «ئاسىي روھ» قاتارلىق نەسىر توپلاملىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.


(ماخمۇتجان ئىسلام تەرجىمىسى)