جىنلىڭ مەيخانىسىدا جۇدالىشىش
كۆرۈنۈش
جىنلىڭ مەيخانىسىدا جۇدالىشىش
لى بەي
مەي قاۋاقنى خۇشپۇراق قىلدى سۆگەتتىن گۈل تاراپ،
قىزى مېھمانغا سۇندى ئوتتا قاقلانغان شاراپ.
كەلدى جىنلىڭ ياشلىرى مېنى ئوزاتماققا بۈگۈن،
ئايرىلىش تەس جام تۇتۇپ تۇرغاندا دىلدارلار قاراپ
تاشلىسام شەرققە قاراپ ئاققان ئېقىنغا مەن سوئال،
بەردى ھىجران سەزگۈسى ھەركىمگە ئوخشاش داپ جاۋاب.
— بۇ شېئىرنى لى بەي جىنلىڭ (ھازىرقى نەنجىڭ)دىن كېتىش ۋاقتىدا ياش دوستلىرىغا بېغىشلاپ يازغان.