جىگدىلىك ۋەقەسى

ئورنى Wikipedia

جىگدىلىك قوزغىلىڭى


1981- يىلى 5- ئ‍اينىڭ 29- كۈنى پەيزاۋات ناھىسىدىن چىققان مەشھۇر بۆلگۈنچى ھەسەن ئ‍ىسمايىل ۋە داۋۇتجان باشچىلىقىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئ‍ۇچقۇن پارتىيىسى توپىلاڭچىلىرى پەيزاۋات ناھىلىك قۇرال ئ‍امبىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئ‍امباردىكى قۇراللارنى ئ‍ېلىپ ناھىيەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغىنىدا، ناھىلىك ھۆكۈمەت تەرەپ ئ‍الدىن خەۋەر تېپىۋالغاچقا، قوزغىلاڭچىلار ناھىگە ھۇجۇم قىلىشتىن دەماللىققا توختاپ، ناھىگە يېقىن بولغان قۇمئ‍ېرىقتىكى جىگدىلىككە ئ‍ورۇنلاشقان. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئ‍ىسلاھات ۋە ئ‍ېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قۇيۇلغان 1978-يىلىدىكى 3- ئ‍ومۇمى يىغىنىدىن كېيىنكى ئ‍ۇيغۇر دىيارىدا، بۇلۇپمۇ جەنۇبتا پارتىلىغان مەشھۇر ۋەقە «جىگدىلىك ۋەقەسى»دۇر. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ناھىدىكى ھەربىلەر ئ‍ەتراپنى قورشىغان. لىكىن تۇپىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمىغان.بۇ جەرياندا ئ‍ىككى تەرەپ كۈچ كۆرسىتىپ پات - پات ئ‍اسمانغا ئ‍وق ئ‍ېتىپ قويغان. ئ‍وق ئ‍اۋازىنى ئ‍اڭلاپ يىراق - يېقىندىن خالايىق توپلىشىشقا باشلىغان. دەل شۇ چاغدا ئ‍ەسلى يۇرتى خوتەن گۇمىدىن بولغان ناھىدىكى ئ‍ەڭ چوڭ دىنى ئ‍الىم يۈسۈپ داموللا ھۈكۈمەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ بۇ ۋەقەگە قاتناشقان ياشلارغا نەسىھەت قىلىپ: سىلەر قۇرالنى ھۈكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بەرسەڭلەرلا ھۈكۈمەت سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ، دەپ ھۈكۈمەت نامىدىن ئ‍ۇلارغا ۋەدە بەرگەن ۋە بۇ ھەقتە تەبلىغ قىلغان. توپىلاڭچىلار قۇرالنى ھۈكۈمەت خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بولىشىغىلا ساقچىلار توپىلاڭچىلارنىڭ پۇت- قولىنى باغلاپ بىر توپىلاڭچىنى ئ‍ىككىدىن ساقچى كۆتىرىپ ماشىنىغا تاشلىغان. ئ‍ەتراپتىكى خالايىق بۇنى كۆرۈپ يىغا زارە قىلىشقان. كېيىن ئ‍ۇلارغا سوت ئ‍ېچىلىپ يۇقىرىسىغا 14 يىل، تۈۋىنىگە ئ‍التە ئ‍ايلىققىچە قاماققا ھۈكۈم قىلغان. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن ئ‍امما ھۆكۈمەتكە بىلدۈرەلمىگەن نەپرىتىنى كۆرگەنلا يەردە يۈسۈپ داموللىغا بىلدۈرۈشكەن. يۈسۈپ داموللا ھەجگە كەتكىنىچە مۇشۇ چاققىچە ئ‍ۆلۈك - تىرىكلىكىدىن خەۋىرى بولمىغان. خەلق ئ‍ارىسىدا بەزىلەر يۈسۈپ داموللىنى چەتئ‍ەلدىكى بۆلگۈنچىلەر ئ‍ۆلتۈرۈۋېتىپتۇ دىسە، يەنە بەزىلەر يۈسۈپ داموللا ئ‍ۇيغۇر يوق دۆلەتكە كېتىپ ئ‍ۈنتىنسىز غايىپ بوپتۇ، دىيىشكەن. يەنە بەزىلەر ئ‍وغۇللىرى دادىسىنى ئ‍ىزدەپ تېپىپ كۆرۈشۈپتۇ، دىيىشكەن. ئ‍ەمما ھېچقايسىسى ئ‍ىسپاتلانمىغان. يۈسۈپ داموللىنىڭ ئ‍وغۇللىرىدىن ھەبىبۇللا ھاجى تۈركىيە پۇخراسى. تۈركىيەدىكى مەلۇم كاننى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ئېچىۋاتىدۇ ئۇ يەنە جوڭگۇ تۈركىيە مۇھاجىرلار ئىتتىپاقى رەئىسى سابىر بۇغدانىڭ يېقىن دوستى.

يەنە بىر ئ‍وغلى ياقۇپ قارى مەدىنە ئ‍ىسلام ئ‍ۇنۋىرستىتىدا ئ‍ۇقۇپ ئاياللار پىقھىسى بۇيچە دوكتور بولغان.
  كىيۇغلى مەخمۇت داموللا شەرقىي تۈركىستان ئۈلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى.

تەييارلىغۇچى: پەيزاۋات ناھىلىك تولۇق 1- ئ‍وتتۇرا مەكتەپ پىيۇنسىيۇنىرى: يالقۇن 2014. يىلى مارت.