جۇدالىق ئىزتىراپلىرى
جۇدالىق ئىزتىراپلىرى
تارىخ بەزىدە شۇ قەدەر ئاچچىق قايتىلىنىپ قالىدۇ. بەزىدە ئاخىرلاشقۇسى كەلمىگەن شۇ ئەنسىز يىللارنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەمما يادقا ئېلىش كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان تىراگېدىيەلىرى بىزنى ئەنسىرەش تۇيغۇمىزدىنمۇ جۇدا قىلىۋەتكەندك بىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىختىيارسىز ھالدا ئوي - خىياللارنى غەيىب پەردىلىرىنى قايرىپ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاشقا ئۈندەيدۇ. ناگاھان بىر قارا بوراننىڭ سايىسى كېلىۋاتقاندەك، كېلەچەككە سەپ سېلىۋاتقان كۆزلەرگە قۇم بارخانلىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقاندەك ھېسلار قاپلاشقا باشلايدۇ. قانداقتۇر بۇ ئوينى داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغاندەك، ئاخىرىنى ئۇلاش قاباھەت بىلەن نەتىجىلىنىدىغاندەك، ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنىڭ نۇرلىنىشىغا قانداقتۇر كۆرۈنمەس بىر سايە چوقۇم توسقۇن بولىدىغاندەك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىزگە نېچشىدەك دەۋر گىگانتلىرىنىڭ زاماننىڭ چەرخىگە قاراپ ئەقلىدىن ئاداشقان جۇنۇنلۇقلىرى، بېشىر ھافىينىڭ يالاڭ ئاياق كەزگەن دەشتى - چۆللەردىكى ئۆچمەس ئىزلىرى، مەشرەپنىڭ جەزىرىمۇجەزىرە توختاۋسىز باسقان قەدەملىرىنىڭ چوڭقۇر سېمالىرى تەسەۋۋۇر كۆزنەكلىرىدە يالت - يۇلت قىلىشقا باشلايدۇ-يۇ، بىردىنلا بۇ سېمالارمۇ خىرەلىشىشكە، ئوي - تەسەۋۋۇرنى تۇمانلىق ئىس - تۈتەكلەر ئىگىلەشكە باشلايدۇ. بىردىنلا سۈرگۈن ھاياتنىڭ ئۇقۇبەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن دوستويېۋسكىينى ئەسلەپ قالىسىز. ئۇنىڭ مەجبۇرىي سۈرگۈنلۈكتە ياشىغان كۈنلىرىدە، ۋەتەن ئۇنىڭغا، ئۇ ۋەتىنىگە ئۇزاق قېلىشقا قىستىغان زامانغا تاشلىغان نەزىرىگە، ھېس - تۇيغۇلىرىغا ئەسىر بولغىڭىز كېلىدۇ. ئۇ شۇنداق يازمىغانمىدى: «بىز سەرگەردانلىقتا ياشايدىغان، ئائىلىمىز بىزدىن خاۋاتىرلىنىپ ئەنسىز ئۆتىدىغان زامانلار ئەمدى تۈگىدى. بىز ۋەتەن سىرتىدا سۈرگۈن ياشايدىغان، ئۇلارنىڭ ئامانلىقىدىن بىز خەۋپسىرەپ ئەنسىز ئۆتىدىغان زامانغا كېلىپ قالدۇق».
توختا!!! بۇ سۆزلەر دوستويېۋسكىيدىن ئىككى ئەسىر كېيىنكى بىزگە بىر نەرسە دېمەكچىمۇ قانداق؟ ئەجەبا، بىز بۇ تۇيغۇلارنى تەكرار ياشىمىدۇقمۇ؟! ئەجەبا، ئەنسىزلىكنى باشتىن كەچۈرمىدۇقمۇ؟! قاراپ تۇرۇپ سۈرگۈنلەر توپىغا ئىتتىرىلمىدۇقمۇ؟! تېخى يېقىندىلا ئالاقە قىلمىساق بىزدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى بىلەن تەنبىھلەپ تۇرىدىغان جان - جىگەرلىرىمىز، قەدىردانلىرىمىز يوقمىدى، ئەمدىچۇ؟ ئەجەبا، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەنسىزلىك ئاتموسفېراسىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى قانچىلىك تونۇپ يەتكەندىمىز؟! ئەجەبا، بۇنداق ئويدا قەتئىي بولۇشقا جۈرئىتىمىز قانچىلىك قالدى ياكى بۇ ئەنسىزلىكنى تۈگىتىش يولىدىكى جۈرئىتىمىز زادى قايسى دەرىجىدە تاۋلاندى؟! ياكى بىز بۇنىڭدىنمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزىمىزگىمۇ تۇيدۇرماي سوۋۇۋاتامدۇق، قەدەممۇقەدەم سۇسلىشىۋاتامدۇق ياكى ۋەتەن ئىچىگە بولغان ئەنسىزلىكنىڭ توختاۋسىز رىتىملىق سوقۇشلىرى بىز ئۈچۈن بارا - بارا ئەمىنلىك بىلىنىشكە باشلاۋاتامدۇ؟ ياكى بۇ ئەرمەكلەشكەن ئۆي جانىۋارلىرىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىمىزدىن، يالاڭ ئاياقلىقتىن، جۇنۇنلۇقتىن، ئىسيانكارلىقتىن قورقۇشقا باشلايدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمىزدىنمىدۇ؟! ئەجەبا، دوستويېۋسكىينىڭ شۇ سۆزلىرى بىزگە ئاتاپ يېزىلغان بولغىيمىدى؟!: «ئۇ دەسلەپ ئۆكسۈپ يىغلايتتى. پۇچۇلىناتتى... بارا - بارا بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدى... دەرۋەقە ئىنسان نېمىلەرگە كۆنمىدى؟! ئاھ، بىچارە ئىنسان!».
- بۇرھان مۇھەممەد
2022-02-16
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى