جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

ئورنى Wikipedia

كىشىلەرنىڭ  بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ھەرخىل گۇرۇپپىلارنى تەشكىللىشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ھازىرلىنىدۇ. جەمئىيەت نورغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ پائالىيەت سورۇنىدۇر. بۇ سەۋەپتىن جەمئىيەتتىكى پائالىيەتلەرنىڭ خىلمۇ-خىللىقى كىلىپ چىققان.

ۋەھالەنكى، جەمئىيەتتە كىشىلەر ئوخشىمىغان مەقسەت ۋە چۈشەنچە بىلەن ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتنى پۈتۈنلەي بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئورگان دىيىش مۇمكىن ئەمەس. جەمئىيەت پەقەت كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاقىسى ۋە مەقسىتى بىلەنلا پۈتۈنلۈككە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ. ئەمما، شەخس ھەر زامان جەمئىيەتنىڭ ئىچىدە ھەم تېشىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ دىگەنلىك، جەمئىيەت گەرچە بىر پۈتۈنلۈكنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما، مەلۇم بىر مىللەتنى ياكى دۆلەتنى پۈتۈنلەي بىرلىككە كەلگەن بىر جەمئىيەت دىگىلى بولمايدۇ. مەلۇم بىر مىللەت ئىچىدە خىلمۇ-خىل جەمئىيەت ئالاھىدىكىلىگە ئىگە كىشىلەر ياشىشى مۇمكىن.

تىلىمىزدا جەمئىيەت ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ. بىرى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئومۇملاشقان جەمئىيەت چۈشەنچىسى. يەنى مەلۇم بىر جۇغراپىيلىك دائىرە ۋە مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە بىرى بولسا ھەرخىل تەشكىلاتلارنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىدۇ. مەسىلەن، يازغۇچىلار جەمئىيتى، پاراۋانلىق جەمئىيتى دىگەندەك.

ئىنسانىيەت يەر يۈزىدە ئاپېرىدە بولۇپ، ھازىرغا قەدەر خىلمۇ-خىل جەمئىيەت تىپلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ جەمئىيەت تىپلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمۇ بەزىدە بىر-بىرىگە ئوخشىماي كەلدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەت تىپلىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئاتالغۇلار قوللىنىلىدۇ.

دەرۋەقە، جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ جەمئىيەتنى تۈرگە بۈلۈش ئۇسۇلىدا كۆزدە تۇتىدىغان نوقتىسى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئوخشىماسلىق كىلىپ چىققان ئىدى. مەسىلەن، كارل ماركىس جەمئىيەتنى زىددىيەتنىڭ ئالاھىدىكىلىكىگە ئاساسەن بۆلگەن. بۇ سەۋەپتىن، ئو جەمئىيەتنى تۈۋەندىكىدەك ئالتە تۈرگە بۆلگەن. بىرى، ئىپىتىدائىي جەمئىيەت؛ ئىككىنجىسى، قوللۇق جەمئىيەت؛ ئۈچنىجىسى فىئوداللىق جەمئىيەت؛ تۆتىنجىسى، كاپىتالىستىك جەمئىيەت؛ بەشىنجىسى، سوتسىيالىستىك جەمئىيەت؛ ئاخىرقىسى، كومىنىزىم جەمئىيتىدىن ئىبارەت. ماكىس ۋېبىر بولسا جەمئىيەتنى كىشىلەر ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن بۆلگەن. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەنئەنىۋى جەمئىيەت بىلەن ئەقلىيلەشكەن زامانىۋى جەمئىيەت بار ئىدى.

جەمئىيەتشۇناس John Macionis كىتابىدا  جەمئىيەتلەرنى تېخنىكا سەۋىيەسىگە ئاساسەن تۈۋەندىكىدەك بەش تۈرگە بۆلىدۇ. ئوۋچىلىق ۋە يىغىۋېلىش جەمئىيىتى، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچلىق جەمئىيتى، يېزا ئىگىلىك جەمئىيتى، سانائەت جەمئىيتى، كىيىنكى سانائەت جەمئىيتىدىن ئىبارەت.[1]

ئوۋچىلىق ۋە يىغىۋېلىش جەمئىيتى. John Macionis نىڭ بايان قىلىشىچە، ئىنسانلار بۇنىڭدىن 12000يىللار ئىلگىرىغىچە ئوۋچىلىق ھاياتى بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن. بۇ دەۋرلەردە ئىنسانلار ئاساسەن ئۇزۇقلۇق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بۇ دەۋرلەردە ئىنسانلار ھايۋانلارنى ئوۋلاش ۋە بار بولغان ئۈسۈملۈكلەردىن مىۋە قاتارلىقلارنى يىغىۋېلىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ھاياتىنى قامدىغان. بۇ خىل ئوۋچىلىق تىپىدىكى جەمئىيەتلەر ياۋرۇپا ۋە ئاسىيادا يىقىنقى مەزگىللەرگىچە مەۋجۇت ئىدى.

باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىق جەمئىيتى. بۇ خىل جەمئىيەت تىپىدا ئىنسانلار ئاددى ھالدا قۇرال ئىشلىتىشنى ياكى قۇرال ئارقىلىق ھايۋان ۋە ئۈسۈملۈكلەرنى پەرۋىش قىلىشنى ئۈگەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق پائالىيتى ئاساسەن ھايۋانلارنى بېقىش ۋە كۈندۈرۈش، ھايۋانلارنىڭ سۈت ۋە گۆشلىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىش، تېرە ۋە يوڭلىرىدىن كىيىم-كىچەك تىكىش قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپاتتى. باغۋەنچىلىكى تەرەققى قىلغان يەرلەردە بولسا كىشىلەر مىۋىلىك دەرەخلەرنى تىكىش ۋە تېرىشنى ئۈگەنگەن ئىدى.

يېزا ئىگىلىك جەمئىيتى. يېزا ئىگىلىك جەمئىيتى بۇنىڭدىن 5000يىللار ئىلگىرى پەيدا بولغان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتە گۈللەنگەن يېزا ئىگىلىك مەدەنىيتى بارلىققا كەلگەن. يېزا ئىگىلىك جەمئىيتىدە كىشىلەر ئاساسەن يەرگە باغلىنىپ ياشايدۇ. يېزا ئىگىلىك جەمئىيتى ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ۋە بىلىمىنىڭ بىر قەدەر تەرەققى قىلغان دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. چۈنكى، يېزا ئىگىلىك شەكلى بالدۇر تەرەققى قىلغان يەرلەردە ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپ مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى قالدۇرغان. ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق جەمئىيتىدە كىشىلەر كۈچۈپ يۈرۈپ ياشايدىغان بولغاچقا، كشىلەردە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان مەدەنىيەت شەكلى تەرەققى قىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەھەرلىشىش، ئۆي-تۇرالغۇ، قانتاش، ئىقتىساد قاتارلىقلاردا مۇقىم بولغان شەكىل ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولمايدۇ. يېزا ئىگىلىك جەمئىيتىدە ئىنسانلار ئاساسەن يىمەك-ئىچمەك ئىھتىياجى ۋە بىخەتەرلىك ئىھتىياجىنى مۇقىم بولغان مەنبە ئارقىلىق قامدىغان بولىدۇ. دۇنيانىڭ ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان خەلقلەرنىڭ ھەممىسى سۇ بۇيىغا جايلاشقان. سۇ بولسا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك مەنبە ئىدى.

سانائەت جەمئىيتى. سانائەت جەمئىيتى يىقىنقى زاماندا بارلىققا كەلگەن. سانائەت جەمئىيتى 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈندە سانائەتلىشىش ئاساسىي ئېقىم بولسىمۇ، ئەمما قۇرۇلما جەھەتتىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسىي بولغان يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرىمۇ خىلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

سانائەت جەمئىيتىدە ئىنسانلار يېزا ئىگىلىك جەمئىيتىگە ئوخاش ھايۋانلارنىڭ كۈچىگە تايانماستىن، بەلكى ئىنىرگىيە ۋە ماشىنىغا تايانغان بۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىك جەمئىيتىدە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساس بولسا، سانائەت جەمئىيتىدە سانائەت بويۇملىرىنى ئىشلەش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بۇلىدۇ. ياۋرۇپا تارىخىدا ئەنگىلىيەنى مەركەز قىلغان ئىككى قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىدىن كىيىن، ياۋرۇپا سانائەت جەمئىيتى دەۋرىگە كىرىپ كەلگەن. بالدرۇر تەرەققى قىلغان جەمئىيەتلەردە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نىسپىتىنى ئىنتايىن تۈۋەن بۇلىدۇ.

كىيىنكى سانائەت جەمئىيتى- كومپىيوتىر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىلىرىش ۋە تارقىتىشىنى مەقسەت قىلغان جەمئىيەت تىپىدىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە، تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا كىيىنكى سانائەت جەمئىيتى ھەققىدە بەزى تالاش-تارتىشلار مەۋجۇت. بەزى تەتقىقاتچىلار 1950-يىللاردىن كىيىن، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىيىنكى سانائەت جەمئىيتىگە كىرىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. گەرچە، كىيىنكى سانائەت جەمئىيتى دانىيېل بېل تەرىپىدىن 1973-يىلى ئىجاد قىلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئوقۇم ھەممە تەتقىقاتچى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئوقۇم ئەمەس.

بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولساق، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان جەمئىيەتلەرنىڭ يەنىلا بارلىقىنى سۆزلەش مۇمكىن. تاغلىق رايۇنلار ئاساسەن ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلىپ جان باقىدۇ. يايلاقلىرى كەڭرى رايۇندا كىشىلەر ئاساسەن چارۋىلىق بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ. يېزا ئىگىلىك بولسا تەرەققى قىلمىغان ياكى تەرەققى قىلىۋاتقان جەمئىيەتلەردىكى ئاساسلىق ئىگىلىك شەكلىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرلاردا تۇرمۇشىدا، گەرچە، پۈتۈن شەكلىدىكى ئوۋچىلىق ھاياتى(پەقەت ئوۋچىلىق بىلەنلا جان باقىدىغان) بولمىسمۇ، ناھايتى ئازا ساندا چارۋىچىلىق ۋە كۆپ ساندا يېزا ئىگىلىككە تايىنىدىغان ھايات شەكلى مەۋجۇت. ھەر قېتىملىق نوپۇس سىتاستىكىلىرىدا ئۇيغۇلارنىڭ %70-%80نوپۇسىنىڭ يېزىلارغا جايلاشقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە كىچىك تىپتىكى تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.