خارۇكو ئوبوكاتا

ئورنى Wikipedia

ياپونىيەلىك 30 ياشلىق قىز Haruko Obokata يېڭى تىپتىكى STAP "stimulus triggered acquisition of pluripotency" دەپ ئاتىلىدىغان ھۈجەيرە ئىشلەپ چىقىرىپ, بىئولوگىيە ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ قىزنىڭ ماقالىسى تەبىئەت ژۇرنىلىدا 1-ئاينىڭ 29 كۈنى ئېلان قىلىندى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ياپونلۇق ئالىم Shinya Yamanaka iPS تىپتىكى ھۈجەيرىنى ئىشلەپچىقىرىپ نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئىدى. بىراق ئالىملار iPS ھۈجەيرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى مۇرەككەپ ھەم بىخەتەرلىكى ياخشى ئەمەس دەپ قارايدىكەن. Haruko Obokataنىڭ ئىشلەپچىقارغان STAP ھۈجەيرىسىنى ناھايىتى ئاسانلا ئىشلىگىلى بولىدىكەن ھەم ئۇ بىخەتەر ئىكەن. ئادەتتەiPS ھۈجەيرىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن ئەڭ كەم دېگەندە ئىككى ھەپتە كېتىدىكەن. بىراق بۇ يېڭى ھۈجەيرە STAP بولسا ئىككى كۈندىلا ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن.

تۈنۈگۈن باشلاپ ياپونىيەنىڭ بارلىق خەۋەر ئاخباراتلىرى مۇشۇ خەۋەرنى بېرىش بىلەن بولۇۋاتىدۇ. ياپونىيە تۈنۈگۈندىن باشلاپ شاتلىققا چۆمۈپ، بۇ قىزنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇبارەكلەۋاتىدۇ. ياپونىيەلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇنۇڭ ئېرىشكەن زور نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇۋاتىدۇ. مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ كۆپ ماگىستىر ھەم دوكتورلارنى تەربىيىلەپ بېرىۋاتقان ياپون خەلقىگە ھەم بۇ قىزغا كۆپ مۇبارەكلەر ئوقۇيمەن! بۈگۈن بۇ قىزنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدا بىزنىڭ ھاياتلىق ئىلمى ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكام بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇمۇ بۇ قىزنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. بۇ كۈن پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ بۇلتۇر دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان كۈنگە ئوخشاپ قالدى. بۈگۈن ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرى بۇ قىزنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ماختاپ، ئۇنۇڭ پات ئارىدا نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشىنى ھەم ياپونىيەدە بۇنداق قىزلارنىڭ كەينى كەينىدىن تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ قىز بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ماقالىسىنى بۇلتۇر باھاردا تەبىئەت ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپتىكەن. بىراق تەبىئەت ژۇرنىلى ئۇنۇڭ ماقالىسىنى بېسىشنى رەت كىپتىكەن. بۇ قىزنىڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا دېيىشىچە، تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالىسىنىڭ بېسىلمىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق يىغلاپتۇ. ئۇ نەچچە قېتىملاپ بۇ تەتقىقاتنى توختىتىشنى ئويلاپتۇ. بىراق ئۇ قىز بۇ تەتقىقات چوقۇم ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشىدۇ دەپ ئۆزىگە يەنە ئىشەنچ باغلاپ، يەنىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىپتۇ. مانا ئۇنۇڭ ئۈمىدسىزلەنمەي تىرىشىپ ياراتقان نەتىجىسى تۈنۈگۈن ئاخىرى تەبىئەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. تىرىشىپ بەلنى قويۇۋەتمىگەن ئادەم مېنىڭچە چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىدۇ!

بۇ قىز ياراتقان ئۇسۇلنى 5 يىلدىن بېرى ئويلاپ كەپتىكەن. ئۇ ئامېرىكانىڭ Harved ئۇنىۋېرسىتېگە كېلىپ 2 يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئويىنى باشقىلارغا دېسىمۇ ئىشەنمەپتۇ. بىللە تەتقىقات ئېلىپ بارايلى دېسىمۇ ئۇنۇڭغا قوشۇلماپتۇ. بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب بۇ قىزنىڭ ياش بولغانلىقى، تەتقىقات تارىخىنىڭ ئاساسەن يوقلۇقى بولغان. بۇ قىز باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى 5 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئايال ئىكەن. ئۇ قىزنىڭ دېيىشىچە بۇ تەتقىقاتىنى مۇنچىغا چۈشكەندە ھەم مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلىرىدىمۇ داۋاملىق ئويلاپ كەپتۇ.

بۇلتۇر تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ ئۇ قىزنىڭ ماقالىسىنى باسماسلىق سەۋەبى مۇنداق ئىكەن: "過去何百年の生物細胞学の歴史を愚弄している"(نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ھاياتلىق ھۈجەيرە ئىلمى تارىخىنى مازاق قىلغانلىق) دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ژۇرنالنىڭ مۇشۇنداق يەكۈن چىقىرىشىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

بۇ قىزنىڭ بۇ نەتىجىسى ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان كاللىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىلا ئىسپاتلاپ قالماستىن، ھەتتا ئاياللارنىڭ ئەرلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قىزنىڭ نەتىجىسى يەنە ئايال-قىزلارنى توۋەن كۆرىدىغان، ئاياللارنى ئوينىڭ ئىشىنىلا قىلسا بولىدۇ دەيدىغان ئەقىلسىزلەر، خۇراپاتچىلار جەمئىيەتلىرىگە ئېتىلغان ئوقتۇر.

مەن ئاخىرىدا بۇ ئىرادىلىك ياپونلۇق قىزنىڭ ھەم پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بىرلىكتە بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلىمەن! شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلىم-پەن يولىدا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئەقىللىق قىزلىرىمىزنىڭ يېڭى-يېڭى تەتقىقاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇ قىز يازغان ماقالىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:

http://www.nature.com/nature/journal/v505/n7485/full/nature12968.html

ئۇ قىزنىڭ تەرجىمالى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:

http://en.wikipedia.org/wiki/Haruko_Obokata