خاممۇرابى

ئورنى Wikipedia

پارىژدىكى لۇف مۇزېيىغا ئۈچ پارچە قارا بازالىتتىن بىرىكتۈرۈپ ياسالغان بىر تاش تۈۋرۈك قويۇلغان، تاش تۈۋرۈكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا قۇياش ئىلاھى بىلەن ھەققانىيەت ئىلاھىنىڭ خاممۇرابىغا ھوقۇق كالتىكىنى بېرىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشى ئويۇلغان، تۆۋەنكى قىسمىدا شىنىسىمان ئويما يېزىق بولۇپ، بۇ دەل دۇنياغا مەشھۇر «خاممۇرابى قانۇنى» دۇر. بۇ قانۇننىڭ تۈزۈلۈشى خاممۇرابىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :خاممۇرابى

تۇغۇلغان ۋاقتى :مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1792 -يىل


ۋاپات بولغان ۋاقتى :مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1750-يىل


كەسپى :سىياسىئون، ھەربىي ئالىم، قانۇن چىقىرىش مۇتەخەسسىسى

چەتئەلچە نامى :Ammurāpi

مۇھىم تۆھپىسى :ئىككى دەريا ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈردى «خاممۇرابى قانۇنى» تۈزۈپ چىققان

ھاياتى ئۆمرى[تەھرىرلەش]

خاممۇرابى(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1792-1750-يىللار) قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ 6-ئەۋلاد پادىشاھى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىشتىن ئىلگىرى، قەدىمكى بابىلون بىردەم بۇ دۆلەتكە، بىردەم ئۇ دۆلەتكە بېقىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان كىچىك دۆلەت ئىدى. خاممۇرابى تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يىراقتىكىسى بىلەن دوستلىشىش، يېقىندىكىسىگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىسسىن، لارسا قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرغان، تىگرىس دەريا ۋادىسى بىلەن يېۋفرات دەريا ۋادىسى(قىسقارتىلىپ ئىككى دەريا ۋادىسى دېيىلىدۇ) نى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارس قولتۇقىدىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قىرغىقىغىچە بولغان زېمىندا ھوقۇق مەركەزلەشكەن قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتنى قۇرۇپ چىققان. بابىلون ئاسىيانىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان.

خاممۇرابى قۇلدارلار سىنىپىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ۋە قۇلدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان. ئۇ تەختكە ئولتۇرۇپ كېيىنكى يىلىدىن باشلاپ مەشھۇر «خاممۇرابى قانۇنى» نى تۈزۈشكە كىرىشكەن. بۇ قانۇن كىرىش سۆز، تېكىست ۋە خاتىمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 282 ماددىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭدا قەدىمكى بابىلوندىكى ئىجتىمائىي، سىنىپىي مۇناسىۋەت، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئورتاق قائىدىسى، ئائىلە، نىكاھ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار قانۇن شەكلى ئارقىلىق تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، قەدىمكى بابىلوننىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئالايلۇق، قانۇننىڭ 199-، 247-ماددىلىرىدا: «قۇللارنى ئۇرۇپ كۆزىنى كور قىلىپ قويغانلار كالىنى ئۇرۇپ كۆزىنى كور قىلىپ قويغانلارغا ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقى يولغا قويغان قۇلدارلار دىكتاتورىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

خاممۇرابى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1750-يىلى ۋاپات بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ قۇرۇپ چىققان قەدىمكى بابىلون پادىشاھلىقىمۇ يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ قانۇنىمۇ بارا-بارا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. 1901-يىلىغا كەلگەندە، فرانسىيە ئارخېئولوگلىرى ئىران چېگرىسىدىكى قەدىمكى ئېلامنىڭ پايتەختى سۇزا دېگەن يەردىن خاممۇرابى قانۇنى ئويۇلغان بازالىت تاش تۈۋرۈكنى قېزىۋالغاندىن كېيىنلا، ئاندىن بۇ قانۇن كىشىلەر بىلەن قايتىدىن يۈز كۆرۈشكەن.

خاممۇرابى قانۇنى[تەھرىرلەش]

بۇنىڭدىن 3700 يىل ئىلگىرى، قەدىمكى بابىلۇننىڭ پادىشاھى خاممۇرابى مېسسوپوتامىيە ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە سۇمېرلارنىڭ ئادەت قانۇنىنى ئۈلگە قىلىپ «خاممۇرابى قانۇنى» نى تۈزگەن ھەم تەختتە ئولتۇرغان 30-يىلى قانۇنىي تاش تۆۋرۈككە ئويدۇرغان . بۇ قانۇن ھازىرغىچە بايقالغان ئىنسانلار تارىخدىكى تۇنجى ئەڭ مۇكەممەل يازما قانۇندۇر. بۇ قانۇن كىرىش سۆز، تېكىسىت ۋە خانىمەدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلەنگەن. تېكىسىت 282 ماددا بولۇپ، دەۋا رەسمىيىتى، ئوغرىلىقنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىجارە ئالماق ۋە بەرمەك، قەرز بېرىش ۋە ئېلىش، نىكاھ، سودا-جازانىخورلۇق، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، قۇل ئېلىم-سېتىمى قاتارلىقلار ئېنىق بەلگىلەنگەن، ئەينى ۋاقىتتىكى جەمىئىيەت ئەھۋالى بىر قەدەر مۇكەممەل ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن. «خاممۇرابى قانۇنى» بابىلۇن ئىمپىرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش، قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن خامبۇرابى دەۋىرىدىكى بابىلۇننى قەدىمكى شەرقتىكى قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ھۆكۈمرانلىقى ئەڭ مۇستەھكەم بولغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇغان. بۇ قانۇن دۇنيادىكى تۇنجى بىر قەدەر سىېستمىلىق تۈزۈلگەن قانۇن بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مەنبە:ئىزدە قامۇسى