خانئېرىق بازىرى (يېڭىشەھەر ناھىيىسى)

ئورنى Wikipedia
خانئېرىق بازىرى

罕南力克镇.Hanerik town

يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە يېڭىشەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 22 دانە
نوپۇس 24.5 مىڭ
يەر مەيدانى 77.8 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

خانئېرىق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 42 كىلومېتىر. 310 ئۆلكە يولى پۈتۈن بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. پۈتۈن بازاردىكى كۆلىمى بولسا، تۇپراق 77.8 كۇۋادىرات، يەر كۆلىمى 54 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر 38 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلدىغان يەر 1.4 مو، شەھەرگە قاراشلىق 22 كەنت ۋە 1 دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى بار. بازار بويىچە جەمئىي 5823 ئائىلە، 28306 ئادەم بار. 2013-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 308 مىليون 150 مىڭ يۈەن. ئاساسلىق چىقىدىغان مەھسۇلاتلىرىدىن: ئۈزۈم، چىلان، قوغۇن، تاۋۇز، كۈزلۈك يېسىۋېلەك قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، پۈتۈن بازاردا ھازىر 10 مىڭ مو ئۈزۈم، 6 مىڭ مو چىلان، قۇرۇلغان ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى 300 مو، قوغۇن-تاۋۇز مەشھۇر تاۋار ماركىسى «خانئېرىق» ماركىسىنى ياراتقان، 7000 مو يېسىۋېلەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بار.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

خانئېرىق بازىرىنىڭ قارىمىقىدا 22 كەنت، بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى بار. ئۇلار: بورىچى كەنتى، مىڭلىق كەنتى، قامچىۋاپ كەنتى، نوغۇت كەنتى، يۇقارقى پايناپ كەنتى، ئۈچقارا كەنتى، شەرەك كەنتى، چوڭ پايناپ كەنتى، شەيىخلە كەنتى، ماجا كەنتى، بوياقچىغىل كەنتى، تاۋاقچى كەنتى، كۆنچى مەھەللىسى كەنتى، يېڭىتام كەنتى، قارا پولات كەنتى، چاقا كەنتى، تاكان كەنتى، مىڭلىقھويلا كەنتى، مالچى كەنتى، ئوقادا كەنتى، دايەك كەنتى، يۇقىرى پىلال كەنتى (جەمئىي 22 كەنت)، بىر ئورمانچىلىق مەيدانى، 15 پونكىت، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 9 باشلانغۇچ مەكتەپ، 6 قوش تىل يەسلى، 110 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

خانئېرىق بازىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقى مول، ياخشى تەبئىي مۇھىتى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەۋزەل تەبىئىيي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «ئۈزۈم بازىرى»، «قوغۇن ماكانى» دېگەن نامى بار. مەشھۇر قوغۇن-تاۋۇز «خانئېرىق» ماركىسى بار.

قاتنىشى[تەھرىرلەش]

تارىختىن بۇيان خانئېرىق بازىرى چوڭ يول تۈگۈنى، 300 نەچچە يىلدىن بۇيان خانئېرىق بازىرى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە قاتناش قولايلىقى جەنۇبىي شىنجاڭ ئىككىنچى، «چوڭ بازار» سودا ئورنىنى يېتىشتۈرۈپ، ھازىرغىچە يېقىن رايونلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋە سودا-سېتىقتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 310-ئۆلكە يولى پۈتۈن بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. غەربتە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى 45 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرى 52 كىلومېتىر، 1 سائەتكە يەتمىگەن مۇساپە بۇلۇپ، شەرقتە يوپۇغا ناھىيەسى 38 كىلومېتىر، يۈرۈش ۋاقتى 40 مىنۇت ئەتراپىدا بۇلۇپ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

خانئېرىق بازىرى قەدىمدىن تارتىپ مۇراسىملارغا ھۆرمەت قىلىدۇ. سودىنى قوغداش، ھۆرمەتلەش، سەمىمىي كەيپىياتى قويۇق. ھەر قايسى كەنتلەرنىڭ ھەممىسى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئورنىتىلغان ئاساسىي پونكىتى ۋە ئالاقە قولايلاشقان. يېرى مۇنبەت، قەدىمدىن تارتىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆكتاتچىلىق بازارلىرىنىڭ بىرى. مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان بۇلۇپ، بازار بويىچە 80 ياشتىن ئاشقانلار 114 ئادەم

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]