Jump to content

خانىش شۇلۈ پىڭ

ئورنى Wikipedia

شۇلۈ پىڭ (خەنچە:述律平؛ 879 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تۇغۇلۇپ، 953 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆلگەن) ئىسمى يۆلىدو (月里朵\يۇلتۇز؟)، تەگئاتى شياۋ (蕭)[1] بولۇپ، قىتان ئىمپېراتورى لياۋ تەيزۇ يېلۇ ئاباۋجى (يوللىغ ئامباغاي) نىڭ خانىشى، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە ئالغان قارارلىرى بىلەن دۆلەتنى تىكلەپ كۈچلەندۈرگەن. لياۋ تەيزۇڭ يېلۈ دېگۇاڭنىڭ ئانىسى، بارلىق قىتان خانلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇمىسىدۇر.

كەچمىشى

[تەھرىر]

كېلەچەكنىڭ خانىشى يۆلىدو\يۇلتۇز 879 - يىلى تېگى ئۇيغۇر (回鹘) شۇلۈ نوسىنىڭ (述律糯思) ئەۋلادىدىن شۇلۇ بۆگۈنىڭ (述律婆姑) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. «لياۋ سۇلالىسى تارىخى»[2] دا يۆلىدو\يۇلتۇزنىڭ ئانىسى «يۇندېخۇي بەگنىڭ قىزى»، يەنى يېلۇ يۇندېشىنىڭ (耶律勻德實) قىزى، يېلۇ سالانىڭ ئىگىچىسى شۇنداقلا يېلۇ ئاباۋجى\يوللىغ ئامباغاينىڭ ھاممىسى دەپ كۆرسىتىلىدۇ. يۆلىدو\يۇلتۇزنىڭ شياۋ دىلۇ ۋە شياۋ شلۇ ئىسىملىك ئاكىلىرى بولغان. يۆلىدو قىتان ئوڭ قانات چوڭ قەبىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، «ئاددىي - ساددا، ئەستايىدىل، قابىل ۋە ھەيۋەتلىك» ئىدى.[2] يۆلىدو\يۇلتۇزنىڭ نەۋرە ئاكىسى بولغان يېلۇ ئاباۋجى\يوللىغ ئامباغاي بىلەن قاچان توي قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس،[2] لېكىن نەچچە ئەۋلاتتىن بېرى قىتانلار ئارىسىدا ياشاپ كەلگەن كۈچلۈك ئۇيغۇر شۇلۈ ئۇرۇقىنىڭ قوللىشى يوللىغ ئامباغاينىڭ بۈيۈك قىتان دۆلىتىنى قۇرالىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. 899 ياكى 900 - يىلى يۇلتۇز ۋە ئامباغاينىڭ چوڭ ئوغلى يېلۈ بېي (ياكى يوللىغ تۇيۇ، ئۆ. 937-01-07) تۇغۇلغان. ئۇ كېيىن يەنە يېلۈ دېگۇاڭ (ياكى يوللىغ ياۋگۇ، 902—947) ۋە يېلۈ لىخۇ (ياكى يوللىغ 911-960) ئاتلىق ئىككى ئوغۇل.[3] ئۇنىڭ يەنە يېلۈ جىگۇ (؟—؟) ئاتلىق بىر قىزىمۇ بار.[3] لياۋ تەيزۇڭ يېلۇ دېگۇاڭ ئۇيغۇر شۇلۈ جەمەتىگە شياۋ تەگئاتىنى ئىنئام قىلغان.

907 - يىلى يۇلتۇزنىڭ ئېرى يوللىغ ئامباغاي ئۆزىنى «تەڭرى پادىشاھ» دەپ جاكارلاپ، قىتان دۆلىتىنى قۇردى. تارقان - تۇتۇقلار (ۋەزىر - ۋۇزرا) يۇلتۇز خانىشنى ئۇلۇغلاپ «زېمىن خانىش» ئاتىدى.[4] 916 - يىلى (شېنسې 1 - يىلى)، ئۇنىڭغا يەنە «تەڭرىگە ساداقەتمەن بىلگە زېمىن خانىش» (應天大明地皇后) دەپ ئاتالغان[5]. يوللۇغ ئامباغاي بىر قېتىم تاڭغۇتلارغا ھۇجۇم قىلىپ كەتكەندە، خۇاڭتو ۋە چوبو قاتارلىق ئىككى شىۋېي (موڭغۇل) ئۇرۇقى ئامباغاينىڭ بارىگاھىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇلۈ خانىش بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپلا دەرھال قالغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ تەييارلىق كۆرىدۇ ۋە دۈشمەننىڭ يېقىنلىشىشىغا يول قويۇپ، ئاندىن قورشاۋغا ئېلىپ پۈتۈنلەي تارمار قىلىدۇ. بۇ قابىلىيىتى بىلەن تېزلا يىراق - يېقىن ئۇغۇش - ئۇرۇقلار ئىچىدە تونۇلۇپ، داڭق قازىنىدۇ. ئېيتىلىشچە، ئۇ ئانىسى ۋە قېينانىسىغا تەزىم قىلىپ سالام بېرىشنى رەت قىلىپ: «مەن كىشىگە ئەمەس، بەلكى پەقەت تەڭرىگىلا باش ئېگىمەن» دەيدۇ ۋە ئانىسى ۋە قېينئانىسىنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا، كېيىنكى تاڭنىڭ جۇاڭزۇڭ خانى لى تسۈنشۈ قىتانلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن شۇلۈ خانىشقا ھامما يوللۇق ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. يۈجۇلىق ليۇ شوۋگۇاڭمۇ ياردەم سوراپ خەن يەنخۇينى ئەۋەتىدۇ. ئەمما خەن يەنخۇي ئامباغاي خانغا تىزلىنىپ تەزىم قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئامباغاي قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، خەن يەنخۇينى تۇتۇپ قېلىپ ئات باقتۇرىدۇ. خانىش: «بۇ كىشى ئەسلىگە سادىق ۋە ئېگىلمەس، دانا كىشى ئەرمىش، ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يوللىغ ئامباغاي خەن يەنخۇينى سۆزلىشىشكە چاقىرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىۋالىدۇ. شۇلۈ خانىش كېيىنكى زامانلاردا لياۋ دۆلىتىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتتى. شۇنداقلا بوخەي دۆلىتىنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشىدىمۇ زور تۆھپە قوشتى.

يوللىغ ئامباغاي قاغان ئ‍ۆلگەندىن كېيىن، شۇلۈ خانىش نائىبە ئولاراق ھوقۇق تۇتۇپ، دۆلەتنى ھەربىي ۋە ئىدارىي جەھەتتىن قولغا ئالدى. 926 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يوللىغ ئامباغاي بوخەي يۈرۈشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ قايتىش يولىدا ئۆلدى. «لياۋ تارىخى»دا كېلىشىچە، ئامباغاي دەپن قىلىنماقچى بولغاندا، يۇلتۇز خانىش ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولىدۇ. نۇرغۇن كىشى نەسىھەت قىلىپ ئۇنى ئۆلۈمدىن توسۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئوڭ قولىنى كېسىپ، قاغاننىڭ جەسەت ساندۇقىغا ھەمدەپنە سۈپىتىدە قويىدۇ.[6] باشقا بىر ئېيتىشقا قارىغاندا، ئامباغاي قاغاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن شۇلۇ يېلۇ خانىش ھەمدەپنە ئاتىقى بىلەن قاغاننىڭ ئۆگە(ۋەزىر)لىرىنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. گېنېرال جاۋ سىۋېن قاغان بىلەن ھەمدەپنە بولۇشتىن باش تارتىپ، شۇلۈ خانىشتىن نېمىشقا ئۆزىنىڭ ھەمدەپنە بولمىغانلىقى سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇلۈ خانىش ھەمدەپنە ئ‍ۈچۈن ئۆزىنىڭ ئوڭ قولىنى كېسىپ تاشلايدۇ. شۇلۈ خانىشنىڭ يۇشۇرۇن كۆرسەتمىسى بىلەن ئ‍ۆگە - تارقانلار يوللىغ دېگۇاڭنى ئىمپېراتور كۆتەردى. يوللىغ دېگۇاڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، شۇلۈ پىڭنى تەڭرىگە ساداقەتمەن خانىش ئانا (應天皇太后) دەپ شەرەپلەندۈردى. خۇيتۇڭ (938―947) دەسلەپكى يىللىرىدا ئۇنىڭغا يەنە «رەھىمدىل ۋە تولىمۇ مېھرىبان ۋە شۆھرەتلىك ۋە سۆلكەتلىك ۋە تەڭرىگە ساداقەتمەن خانىش ئانا» (廣德至仁昭烈崇簡應天皇太后) ئۇنۋانى بېرىلدى.

دەسلەپتە، يوللىغ ئامباغاي يوللىغ دېگۇاڭنىڭ لياۋ دۆلىتىنى گۈللەندۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، شۇڭا شۇلۇ پىڭ خانىشمۇ يېلۇ دېگۇاڭنىڭ ۋارىسلىقىنى قوللاپ، ئەسلىدىكى ۋەلىئەھد شاھزادە يوللىغ بېينى دوڭدەن بېگى تەيىنلىگەن. لياۋ تەيزۇڭ يوللىغ دېگۇاڭ (927―947) تەختكە چىققاندىن كېيىن، يوللىغ بېي بېرىپ كېيىنكى تاڭغا سىغىندى. يوللىغ دېگۇاڭ 947 - يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، يوللىغ بېينىڭ ئوغلى يېلۇ رۇەن ئۆزىنى ئىمپېراتور جاكارلىدى. شۇلۇ خانىش ئ‍ۆزىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىچىك ئوغلى يوللىغ لىخۇنى يوللىغ رۇەنگە قارشى ھۇجۇمغا ئەۋەتتى، ئەمما يوللىغ لىخۇ مەغلۇب بولدى، شۇنىڭ بىلەن خانىش ئانا ئۆزى قوشۇن باشلاپ چىقىشقا توغرا كەلدى. كېيىن يېلۇ ۋۇجىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، خانىش ئانا بۇ نىيىتىدىن ۋاز كەچتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، خانىش ئانا زۇجوۋغا ئەۋەتىلىپ، نەزەربەندكە ئېلىندى. يېلۇ رۈەن، يەنى لياۋ شىزوڭ (947―951) رەسمىي تەختكە چىقتى.

شىزوڭ خان ئۆلگەندىن كېيىن، يوللىغ دېگۇاڭنىڭ ئوغلى يېلۇ جىڭ لياۋ مۇزوڭ نامى بىلەن تەختكە چىقتى (951―969)، دېمەك شۇلۈ خانىش ئانا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، شىزوڭ ۋە مۇزوڭ خانلار دەۋرىنى كۆرگەن ئۇلۇغ مومىسى بولسىمۇ، ھەر ئىككى پادىشاھ ئۇنىڭ يېلۇ لىخۇنى قوللىغانلىقىغا ئاداۋەت تۇتۇپ، نەزەربەندنى ئەسلا بىكار قىلمايلا قالماي، ئۇنى ئۇلۇغ خانىش موما ئۇنۋانىنى بەرمىگەن.

خانىش موما مۇزوڭ يىڭلى سەلتەنىتىنىڭ 3 - يىلى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى (953 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى) 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ۋاپادار خانىش (贞烈皇后)[7] نامى بىلەن يوللىغ ئامباغاينىڭ يېنىغا ئەجدادلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. كېيىنچە نامى نۇرانە قەدىردان خانىش (淳钦皇后)[8] دەپ ئۆزگەرتىلدى.

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  1. 《辽史·卷三·本纪第三太宗上》太宗孝武惠文皇帝,讳备光,字德谨,小字尧骨。太祖第二子,母淳钦皇后萧氏。
  2. 1 2 3 «لياۋ سۇلالىسى تارىخى: 71 - جىلد: تەجىمىھال 1»
  3. 1 2 公主表《遼史》 (لياۋ تارىخى: مەلىكەلەر تىزىملىكى)
  4. 《辽史·卷一 本纪第一太祖上》元年春正月庚寅,北宰相辖剌、南宰相耶律欧里思率群臣上尊号曰天皇帝,后曰地皇后。
  5. 《辽史·卷一 本纪第一太祖上》神册元年春二月丙申,群臣及诸属国筑坛州东,上尊号曰大圣大明天皇帝,后曰应天大明地皇后
  6. 《辽史·卷六十三·列传第一后妃》天显元年七月,太祖崩,后称制,摄军国事。及葬,欲以身殉,亲戚百官力谏,因断右腕纳于柩。
  7. 《辽史·卷六·本纪第六穆宗上》十一月辛丑,谥皇太后曰贞烈,葬祖陵。
  8. 《辽史·卷二十·本纪二十兴宗三》八月甲子,增太祖谥大圣大明神烈天皇帝,更谥贞烈皇后日淳钦。