خوتەن ئەششاپتۇلى

ئورنى Wikipedia

خوتەن ئەششاپتۇلى خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . مېۋىسىنىڭ تەمى ئاچچىق، دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال .

 

قىسقچە چۈشەندۈرۈش[تەھرىرلەش]

خوتەن ئەششاپتۇلى خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ شاپتۇلنىڭ شەكلى يۇمىلاق ، تۇمشۇق تەرىپى سەل ئۇچلۇق ، رەڭگى قېنىق يىشىل ، كۈن تەگكەن تەرىپى قىزىرىپ جىگەر رەڭ كۆرىنىدۇ ، ياما سىزىقى روشەن ، ھەر بىر دانىسى 600 -800 گرام ئەتراپىدا يوغىنايدۇ . ئېتى ئاق يېشىل ، سەل قاتتىقراق ، ساقلىغانسىرى ئېتى يۇمشاپ ، يېيىش ئاسان بولىدۇ ، ئۇرۇقچىسى ئېتىگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدۇ . ئېتىنىڭ ئۇرۇقچىسىغا يىقىن قىسمى قىزغۇچ جىگەررەڭ ھالەتتە بولىدۇ . مېغىزنىڭ ئېغىرلىقى 0.5 گرام ئەتراپىدا . تەمى ئاچچىق دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال .