خوتەن قاشتېشى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

ئورنى Wikipedia

قەدىمىي شەھەر خوتەن تىلغا ئېلىنسا، گىلەم، ئەتلەسلەردىن بۇرۇن ئالاھىدە، بىباھا گۆھەر  خوتەن قاشتېشى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. خوتەن قاشتېشىنىڭ داڭقى ئېلىمىزنىڭ شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىغا تارقالغان. جاڭ چەن غەربىي دىيارغا سەپەر قىلىشتىن  ئىلگىرىلا قاشتېشى سودىگەرلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئېلىمىزنىڭ داڭلىق سودا شەھىرى لوياڭغىچە  بېرىپ، خوتەن قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە خوتەندىن لوياڭغىچە بولغان مەشھۇر خوتەن قاشتېشى سودا كارۋان يولىنى ئاچقان.

    خوتەن قاشتېشى ھەققىدىكى خاتىرە ۋە تەزكىرىلەر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن يېزىلغان ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر›› دېگەن تەزكىرىدە ‹‹ئۇدۇننىڭ غەربىدىكى دەريا غەربكە، شەرقىدىكى دەريا شەرققە ئاقىدۇ، ئايىغى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدۇ، بۇ دەريالاردىن ئېسىل قاشتېشى كۆپ چىقىدۇ›› دەپ خاتىرىلەنگەن.

    يەنە ‹‹يىڭى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە ‹‹ئۇدۇننىڭ دەريالىرىدىن بىباھا گۆھەر  قاشتېشى كۆپ چىقىدۇ. كىشىلەر ئايدىڭدىمۇ پارقىرىغان جايدىن قاشتېشى تاپالايدۇ›› دەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان. جىن پادىشاھلىقىدىكى جاڭ گۇاڭيىلارنىڭ سەپەرنامىسىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن:‹‹ئۇدۇندا ئۈچ دەريا بار، شەرقتە ئاق قاشتېشى دەرياسى، غەربتە كۆك قاشتېشى دەرياسى، ئۇنىڭ غەربىدىكى دەريا قارا قاشتېشى دەرياسى بولۇپ، ھەممىسىدىن چىقىدىغان قاشتېشى سۈزۈكلۈكى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن داڭلىق. بۇ ئۈچ دەريا قاراقۇرۇمدىن باشلىنىدۇ، كەلكۈن سۈيى ئازايغان كۈز پەسلىدە، كىشىلەر بۇ دەريالاردىن قاشتېشى سۈزىدۇ›› .

    تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە خوتەن قاشتېشىنى قېزىش ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقى ئالاھىدە روناق تاپقان. يەنە تارىخشۇناس مىرزا ھەيدەر ‹‹ئۇدۇندا ئىككى دەريا بولۇپ، قاراقاش دەرياسى ۋە يۇرۇڭقاش دەرياسى، دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى دەريادىن دۇنيادا  ئاز تېپىلىدىغان ئېسىل قاشتېشى چىقىدۇ›› دەپ خاتىرىلىگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى ما زۇچاڭ ‹‹ئۇدۇننىڭ دەريا ياقىلىرىدا قاشتېشى سۈزۈلىدۇ، بۇ سۈزۈك قاشتاشلىرى شەرقنىڭ يىپەكلىرىگە تېگىشىلىدۇ›› دەپ خاتىرە قالدۇرغان...

    خوتەن قاشتېشى جۇلالىق، سۈزۈك، نەپىس، سىرلىق بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئالتۇن ئىقتىسادىي قىممەتنىڭ سىمۋولى بولغاندەك، خوتەن قاشتېشى بىباھالىقى، خىسلىتىنىڭ چەكسىزلىكى، ساغلاملىققا بولغان شىپالىق رولى بىلەن ئامان –  ئېسەن، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ يارقىن سىماسى بولۇپ كەلمەكتە.[1]

  1. ئاپتۇر:ئوبۇلھەسەن داۋۇت؛ ۋاقىت: 2009- 07- 24 15:14؛ گېزىت: شىنجاڭ گېزىتى؛ مۇھەررىر: قەيسەر؛ مەنبە: تەڭرىتاغ تورى؛ تور ئادرىسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-07/24/content_221765.htm