Jump to content

خورما

ئورنى Wikipedia

خورمىنىڭ ئاساسلىق رولى ۋە تەسىرى

خورما دەرىخى
خورما دەرىخى


خورما ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ، شۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش

خورما يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ، جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنىمۇ داۋالايدۇ. ياشانغانلارنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زەھەرنى تازىلاپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

ئورۇقلىتىش

خورمىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كۆپ خىل ئوزۇقلۇق بولۇپ، خورمىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ، ئۇ يەنە ئاشقازان، ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئىسسىقلىقنى كۆپلەپ خورىتىدۇ.

خرما مېۋىسى
خورما مېۋىسى


زەھەرنى تازلاش

خورمىنىڭ زەھەر تازىلاش رولى بار بۇلۇپ، خورمىنىڭ زەھەر تازىلاش رولى جىگەردىكى زەھەر ۋە ئېغىر مېتاللارنى تازىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خورما سۈيى ئىچسىمۇ زۇكام، قىزىشنى داۋالايدۇ.

داۋالاش رولى

خورمىدىكى قەنت تەركىبى ناھايىتى ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ ۋە ھەزىم بولىدۇ، شۇڭا ئۇ دائىم بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. خورما بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن كۈندە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلسا بالىلاردىكى تولغاقنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

خورمىنىڭ مىجەزنى تەڭشەپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، يۆتەلنى توختىتىپ، ئۆپكىنى سىلىقلاش، بەلغەمنى بوشىتىپ، دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش رولى بار تەركىبىدىكى تالا ماددىسى ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە سەزگۈر ئەمەس، ئاشقازان يارىسىنى داۋالايدۇ.