خوشلىشىش مەكتۇبى
خوشلىشىش مەكتۇبى
گارسىيا ماركوز
ئەگەر تەقدىر مېنى كىيىم كىيدۈرۈلگەن قونچاق كۆرۈپ بىر مىنۇت ئۇنتۇغان— ماڭا ئازراق ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا ئىدى، بۇ چاغدا مەن ئېسىمگە كەلگەن بارچە نەرسىلەر ھەققىدە كۆپرەك خىيال سۈرگەن بولاتتىم. نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك تۇرغانلىقىغا قاراپ ئەمەس، مەنە – مەزمۇنىغا قاراپ باھالايتتىم. ئازراق ئۇخلاپ، كۆپرەك ئارزۇ قىلىپ، يۇمۇق كۆزلىرىمدە دۇنيانى تونۇغان بولاتتىم. يۇمۇلغان كۆزلەر بىلەن ئۆتۈۋاتقان ھەربىر مىنۇت — ئالەمنىڭ قولدىن كەتكەن ئاتمىش دەقىقىسىدۇر.
ئەگەر ماڭا يەنە ئازراق ياشاش مۇمكىن بولغىنىدا ئىدى، كىملەردۇر قەدەملىرىنى يۆتكەشتىن توختىغاندا، مەن توختاۋسىز قەدەم تاشلىغان، باشقىلار ئۇخلىغاندا ئويغانغان، ئۆزگىلەر سۆزلىگەندە جىم تۇرۇپ قۇلاق سالغان بولاتتىم. يەنە ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇپ شاكىلاتلىق چوكامۇز يېگەن بولاتتىم.
ئەگەر تەقدىر ماڭا يەنە ئازراق ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا ئىدى، يەڭگىل كىيىنىپ، جىسمىمنىلا ئەمەس، كۆڭلۈمنىمۇ توق تۇتۇپ قۇياشنىڭ تۇنجى نۇرلىرى بىلەن تەڭ ئورنۇمدىن تۇرغان بولاتتىم!
ئەي تەقدىر، ئەگەر مېنىڭ يەنە ئازراقلا ۋاقتىم بولغان بولسا ئىدى، نەپرىتىمنى مۇزغا كىشەنلەپ، قۇياشنىڭ چىراي ئېچىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن بولاتتىم. ۋانگوگتەك يۇلتۇزلارنىڭ سايىسىدا رەسىم سىزغان، بېنېدېتتى شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ھۇزۇرلانغان بولاتتىم! ئەتىرگۈل بەرگلىرىنىڭ تىكەنلەردىن تارتىۋاتقان ئاغرىقلىرىنى تېرىۋېلىش ئۈچۈن كۆز ياشلىرىم بىلەن ئۇلارنى چۆمۈلدۈرۈپ قوياتتىم!
ناۋادا مېنىڭ يەنە ئازغىنا، پەقەت ئازغىنا ياشىشىم مۇمكىن بولغىنىدا ئىدى... مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەملەرگە ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتىشنى ئۇنتۇمىغان بولاتتىم. بارچە ئەر – ئاياللارنى ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمغا ئىشەندۈرۈپ، مۇھەببەتنىڭ ئىچىدە مۇھەببەت بىلەن نەپەس ئالاتتىم. ئادەم قېرىغانسېرى سۆيۈشتىن توختايدۇ، دېگەن قاراشلارنىڭ نەقەدەر خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايتتىم: ئەكسىچە ئادەملەر سۆيۈشتىن توختىغانلىقى ئۈچۈن قېرىيدۇ! گۆدەككە قانات سوۋغا قىلىپ، ئۇنى ئۆزۈم پەرۋاز قىلىشقا ئۆگىتەتتىم. ياشانغانلارغا بولسا، ئۆلۈم قېرىلىق سەۋەبلىك ئەمەس، بىپەرۋالىق سەۋەبلىك قەدەم تەشرىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتىم.
ئاخىر، ناھايىتى كۆپ نەسىلەرنى مەن سىلەردىن ئۆگەندىم، ئادەملەر. چۈشەندىمكى، ھەقىقى بەختنىڭ بىزنى تۆۋەندە كۈتۈۋاتقانلىقىنى بايقىساقمۇ، ھەممىمىز تاغنىڭ قاق چۇققىسىدا ياشاشقا ئىنتىلىمىز!
شۇنى چۈشەندىمكى، قاچانكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئاتىسىنىڭ بارماقلىرىنى ئۆزىنىڭ كىچچىككىنە قوللىرى بىلەن تۇتۇۋالاركەن، بۇ پۈتۈن بىر ئۆمۈرگە يېتىدۇ. يەنە شۇنى چۈشەندىمكى، ھەربىر ئىنسان كىمنىڭدۇر ئورنىدىن تۇرۇشى ئۈچۈن باشقا بىر چۇققىدىن تۆۋەنگە قاراشقا ھەقلىق. ئاخىر، مەن سىلەردىن بەكمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئەمما، بۇلاردىن يەتكۈزۈلگەن نەپ ئازراق. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساندۇققا لىق تولدۇرۇپ كېتىپ بارىمەن...
(زىياكار تەرجىمىسى)