خىتاينىڭ داپشاقلىقى ۋە بىزدىكى سىياسىي ھودۇقۇش كېسىلى
خىتاينىڭ داپشاقلىقى ۋە بىزدىكى سىياسىي ھودۇقۇش كېسىلى
1
تارتىشىشقا، مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە ئېتىبارسىز بولۇۋېلىش، تەشۋىقات سەھنىلىرىگە تۆكمە قىلىپ تۆكۈۋېتىشىمىز كېرەك بولغان مەسىلىلەرگە بىپەرۋالىق قىلىش بەلكىم بىزدە نېمە ئۈچۈنلىكى ئالدىراپ سوراقلانمايدىغان، جاۋابىمۇ ئالدىراپ مۇلاھىزە قىلىنىپ كەتمەيدىغان دائىمىي بىنورماللىقلىرىمىز جۈملىسىدىن بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل مەسىلىلەرگە جىددى قارىماسلىقىمىز، كۆرمەسكە سېلىۋېلىشىمىز، ئويلىنىش نۇقتىسىغا ۋە ئىنكاس ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرماسلىقىمىزنىڭ ئۆزى بىر غەلىتىلىك. ھەتتا غۇرۇرغا تەگكۈدەك، ۋىجداننى بىئارام قىلغۇدەك، ھېس – تۇيغۇلىرىمىزغا نەشتەر بولۇپ سانجىلغۇدەك ھادىسىلەر ئەتراپىمىزدا ئۇچۇپ يۈرسىمۇ ئىرەن قىلىپ كەتمەسلىكىمىز، نە دۇنيالىقىمىزغا، نە ئاخىرەتلىكىمىزگە ھەسسە قوشمايدىغان، مەۋجۇتلۇق كىرىزىسلىرىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە ئاۋۋاللىقى نۇقتىسىدىن سەرگە ئولتۇرغۇزۇشقىمۇ نۆۋىتى كەلمەيدىغان تېمىلارنى زېرىكمەي چۇخچىلاپ ئولتۇرۇۋېرىشىمىز پاجىئەنى چىللاپ كېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. بولۇپمۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىز ۋە مۇقەددەس بىلگەن دەۋايىمىز بارىسىدا بىزگە قول شىلتىڭلىتىۋاتقان دۈشمىنىمىزنىڭ ۋە بىزنىڭ دەۋايىمىزنى بىزگە ۋاكالىتەن ئۆزى بىلگەن سەنەم بويىچە دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدا كېتىۋاتقان زۇۋانداشلىرىمىزنىڭ نېمە دەۋاتقان ۋە قىلىۋاتقانلىرىغا دىققەت بېرىپ كەتمەسلىكىمىز، ئۇلارنىڭ سەھنىدە ئوينالغان لەپەر مىسالى دىيالوگلىرىغا سەپ سېلىپ كەتمەسلىكىمىز، بولۇنغان ھادىسىلەرنىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرىمىزنى قانچىلىك پېتىقلاپ، سىياسىي ئار – نومۇسىمىزنى قانچىلىك رەنجىتىۋاتقانلىقىغا ئېتىبارسىز قاراۋاتقانلىقىمىز، توغرىسى بۇ قەدەر سىياسىي كۈرەش تارىخىمىز بولغىنىغا يارىشا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قارشى گويا ھېچقانداق سىياسىي غېمى يوقتەك، بىر پۈتۈن مىللىي مەۋجۇتلۇقى خىرىس ۋە تەھلىكە ئاستىدا ئەمەستەك، بەخىرامان كىشىلەر قاتارى كۆز قىرىمىزنى سالمايدىغان سىياقتا مۇئامىلە قىلىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىمىز تەئەججۇپ قوزغاپلا قالماي، يەنە كىشىنىڭ ئاران تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتقان خۇيىنى تۇتقۇزماي، ئوغىسىنى قايناتماي تۇرالمايدۇ.
ئەگەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆرنەك بېرىش كېرەك بولسا، بۇنىڭغا يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈنتەرتىپنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان، ھېلىھەم كومپارتىيەگە قارشىلىق تەرەپدارلىقى بويىچە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆكتىچى سىياسەتچى ۋە ئاكتىۋېستلار تەرىپىدىن قىزىق نۇقتا بولۇشنى داۋام قىلىۋاتقان گاۋ جىكەينىڭ داپشاقلىقىغا تۇتقان پوزىتسىيەمىزنى، توغرىسى بىپەرۋالىقىمىزنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
مەلۇم بولغىنىدەك، مۇشۇ ئاينىڭ 9 - كۈنى ئەلجەزىرەنىڭ «يۈزلىشىش» ناملىق مەشھۇر سۆھبەت پىروگراممىسىدا مەھدى ھەسەن رىياسەتچىلىكىدە خىتاي زىيالىيسى، ئاكادېمىكى ھەمدە «جۇڭگو ۋە يەرشارىلىشىش مەركىزى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جىكەي بىلەن تاماشىبىنلار ھۇزۇرىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ئېلان قىلىندى. سۆھبەت قىزغىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پىروگراممىغا ئاكادېمىكلار، يازغۇچىلار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئاكتىۋېسىتلار ۋە ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرىدىن بولۇپ كۆپ كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى. بۇلار ئىچىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بار، ئەلۋەتتە. سۆھبەت ئاساسەن «جۇڭگو زادى قانچىلىك دېموكراتىيەلەشتى» دېگەن تېمىنى يورۇتۇشنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، سۆھبەتكە تەكلىپلىك مېھمان، شۇنداقلا چەتئەلدىكى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن «كومپارتىيەنىڭ ئاقلامچىسى»، «كومپارتىيەنىڭ چەت ئەلدىكى زۇۋانى» دەپ سۈپەتلىنىپ كېلىۋاتقان گاۋ جىكەي قاتناشتى. گاۋ جىكەي سۆھبەتتە باشتىن ئاخىر خىتاينىڭ ئاتالمىش دېمكوراتىيەلەشكەن تۈزۈمىنى قويۇق مۇستەبىت زېھنىيەت ئاساسىدا، كوممۇنىستچە يالتىراق ئىزاھاتلارغا ئوراپ بازارغا سېلىشقا ئۇرۇندى. ئۇ ئۆز ئىددىئاسىدا شى خىتاي باشچىلىقىدىكى جوڭگونىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى تەشەببۇس قىلىۋاتقان دېموكراتىك تۈزۈم بىلەن بىر يولدا ئىكەنلىكىنى، غەربتە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان دېموكراتىك مۇھىت ۋە ئەركىنلىكنىڭ خىتاي ئىچىدە تامامەن ئەمەلگە ئېشىپ بولغانلىقىنى، نۆۋەتتە تاشقى دۇنياغا يۈزلىنىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ زېھنىيىتى مۇشۇ خىل «دېموكراتىيە ئېڭى» بويىچە دۇنياغا يۈزلىنىش (كېڭىيىش) باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، يەنى خىتاينىڭ دۇنياغا جوڭگوچە دېموكراتىيەنى تەقدىم قىلىش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ياقىلىدى. ئۆزىدە يوق، ئالەمدە يوق دېيىلگەندەك، گاۋ جىكەينىڭ بايانلىرى، بولۇپمۇ دەۋاتقانلىرىنىڭ ماھىيىتىدىنلا جۇڭگوچە تىپىك ھاكىممۇتلەق (توتالېتار) زېھنىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان يالتىراق ئىزاھاتلار ئىكەنلىكى چېنىپ تۇرغان بايانلىرى سورۇندىكىلەرنىڭلا ئەمەس، سۆھبەتنى كۆرگەن چەت ئەللەردىكى كۆپچىلىك ئۆكتىچى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ، تىبەت ۋە باشقا سىياسىي رەقىبلەرنىڭ باھا بېرىپ ئۆتكەندەك، سېپى ئۆزىدىن ھارامزەدىلەرچە، كاززاپلىققا تولغان چۈشەندۈرۈشلەر بولۇپ سازايى بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ سۆھبەتنىڭ ئۆزىدىلا تاماشىبىنلارنىڭ قېتىملاپ غىدىقىنى قوزغايدىغان كۈلكىلىك ۋەزىيەت ھەمدە گەپ - سۆزلەرنىڭ سادىر بولۇشى ساختىلىقنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئانالىز ياكى ئايرىم باھاغا ھاجىتى چۈشمىگۈدەك دەرىجىدە ئېچىپ تاشلىغان بولسىمۇ، نەتىجىدە مەزكۇر سۆھبەت گاۋ جىكەي ئاقلامچىلىقىنى ۋە ئۇنى خەلقئارا تەشۋىقات سەھنىلىرىگە ئىتتىرىپ ئېلىپ چىقىۋاتقان خىتاي پىروپاگانداسىنىڭ يىرگىنچلىك ئوبرازىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلغان بولدى. ھېچ بولمىغاندا خىتاي ھەققىدىكى ئىجابىي تونۇشلارنىڭ ھەممىگە قايتىدىن سوئال ئىشارىتى قويۇپ تۇرۇپ شۈبھىلىك قاراشقا ئېلىپ كەلگۈدەك بىر سۆھبەت پىروگراممىسى ئوتتۇرىغا چىققان بولدى.
شۇنداق قىلىپ سۆھبەت خىتاي كۈتكەندەك نەتىجە بەرمىگەندىن سىرت نۆۋەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ساختا نىقابىنىڭ گاۋ جىكەينىڭ زۇۋانى بىلەن چېنىپ قېلىشى، ھارامزەدىلىك ۋە قىپقىزىل يالغان ئارىلاش بېرىلگەن جاۋابلار نەتىجىسىدە پىروگرامما خۇلاسىسى گاۋ جىكەينىڭ ئۆزىنى - ئۆزى كۈلكىگە قويۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى. سۆھبەتمۇ ئېلان قىلىنىش بىلەن تەڭ ھەرقايسى تەرەپ ئۆكتىچىلىرىنىڭ تاكى بۈگۈنگە قەدەر توختىماي كۆشەش ئوبيېكتى، خىتاينىڭ ساختا سىياسەتلىرىنى يەرگە ئۇرۇشنىڭ، ئۆكتىچىلەرگە ئىشەنمەيۋاتقانلارغا قارىتا ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشنىڭ پۇرسىتى سۈپىتىدە قىزىق نۇقتىلىق ھالىتىنى يوقاتماي كەلدى. ئەلۋەتتە بۇنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا مەھدى ھەسەنگە ئوخشاش ھازىر جاۋاب، لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر دىكتورنىڭ، قابىلىيەتلىك سىياسەت يازغۇچىسىنىڭ ئۆتكۈر سوئاللىرىدىن، گاۋ جىكەينىڭ يالغان – ياۋىداقلىرىغا قارىتا توغرا نۇقتىدىن چىقىپ قوشۇق سېلىشىدىن، جايىدا مۇداخىلە قىلالىغانلىقىدىن، ئېپىنى كەلتۈرۈپ كىنايە قىلىش ئارقىلىق قارشىسىدىكى سەمىمىيەتسىز مەخلۇقنىڭ زىتلىقلىرىنى سۈزۈۋالالايدىغان، رەڭۋازلىقىنى ۋە داپشاقلارچە خۇپسەنلىكلىرىنى دەرھال پەملىيەلەيدىغان، قارشىسىدىكى خىتاينى ئۆز ئېغىزىدىن قۇستۇرالايدىغان ماھىر ژۇرنالىستنىڭ بولۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
بۇ يەردە سۆھبەتتە نېمىلەر دېيىلگەنلىكىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. ئۇنداقتا بۇ يەردە بىزنىڭ مۇلاھىزىمىزگە، تەنقىد تارازىمىزغا ئىلىنىشقان مەسىلە نېمە؟ مەسىلە دەل مەزكۇر سۆھبەتتىكى يالغانلارنىڭ، سەپسەتىلەرنىڭ، تەھدىت ۋە قارىلاشلارنىڭ ئوبيېكتى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي قۇرۇملىرىنىڭ پوزىتسىيەسىزلىكىدە؛ خۇپسەنلىكلەر بازارغا سېلىنغان چاغدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر نە مەتبۇئاتچىلىقىمىزنىڭ، نە تاراتقۇلىرىمىزنىڭ، نە ۋەتەنپەرۋەر قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ، نە زىيالىيلىرىمىزنىڭ، ھەتتا مۇستەقىللىق تەرەپدارلىقىدىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ كۈتكەندەك دىققەت بەرمىگەنلىكىدە؛ تىبەت ۋە تەيۋەنلىك خىتاي ئۆكتىچىلەرچىلىك تاراتقۇلاردا بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەسلىكىدە؛ ئېلىپ كەلگەندىمۇ خۇددى باشقا ئۆكتىچى ۋە مۇخالىپلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ۋە دەۋاسىغا پايدىلىق يوسۇندا ئىشلەتكىنىگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي قىممەت قاراشلىرىنىڭ ھەققانىيلىقىنى ياقىلاشقا ئىشلىتەلمىگىنىدە. ھېچ بولمىغاندا ئۆز ئىچىمىزدىكى ماڭقۇرتلۇقنى تۈگىتىش ئۈچۈن بولسىمۇ، سۆھبەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا دائىر قىسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق خىتايغا قارشى كۈندىن كۈنگە يۇمشىۋاتقان، ۋەتەننىڭ سىياسىي سىزىقىنى چەيلەپ تۇرۇپ ۋەتەنگە مۇستەملىكىچىسىنىڭ شەرتىگە تەسلىم بولۇپ تۇرۇپ ۋەتەنگە قاتراش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقان ئاتالمىش ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ سىياسىي سەگەكلىكىنى ئاشۇرۇشقا، سۆھبەتتە بېرىلگەن سىياسىي سىگناللارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىقمۇ بولسا «ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان» دېگۈچىنىڭ ئەسلا خىتاي بىلەن بىر ماكاندا ياشاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقۇنى ئۇرغۇلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدە؛ تەييار خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتنىڭ زېھنىيىتى ۋە ساختىلىقلىرىنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۆز ئاغزى بىلەن بازارغا سېلىپ چاندۇرۇپ قويغان مۇشۇنداق بىر پۇرسەتنى خىتاينىڭ زىيىنىغا تەشۋىق قىلىشتا تىبەت ۋە باشقا سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە پاراللېل ھالدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتماسلىقىدا. ئەقەللىي قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ كومپارتىيە ئۆكتىچىلىرى بولمىش تەيۋەن خىتايلىرىچىلىك كەسكىن ئاۋاز بىلدۈرەلمەسلىكىمىزدە.
خىتاي ئۆكتىچىلەرنىڭ مىليون ئەگەشكۈچى ۋە كۆرۈرمەنگە ئىگە يوتۇبېرچىلىرىدىن تارتىپ ئاكتىۋېست، سىياسەتچىسى ۋە ھەر ساھە پائالىيەتچىلىرىگە قەدەر تەۋرەپ كەتكەن ھەمدە ھازىرغا قەدەر سۆھبەتتىن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي قىممەتلىرىگە پايدىلىق بولغان نۇقتىلارنى ئۆز مەۋقەسى ۋە مەيدانى بويىچە ئىزاھلاش ئۈزۈلمىگەنلىكىدەك بىر ھالەتكە قارايدىغان بولساق، مەزكۇر گاۋ جىكەي ھادىسىسى بىزنىڭ دەۋا كۈنتەرتىپىمىزدە، مۇستەقىلچىلەر قانىتىدا كۈنتەرتىپتىن تۈزۈك ئورۇن ئالمىدى. ئەكسىچە خىتاينىڭ ھەق – ھوقۇق دەۋاچىلىرىنىڭ دېپىنى چېلىشىپ بېرىدىغان، ئۇلارنىڭ زېھنىيىتىدىن خاراكتېردە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان تىپلار تەرىپىدىن بىراز چۇخچىلاندى، خالاس. شۇلارنىڭ، يەنى بىر قىسىم نام – ئاتىقى ئۇيغۇر «كىرالىق قەلەمكەش»لەرنىڭ خىيالپەرەسلىككە تولغان رەپ – رەپ ئوبزورلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەقىقىي مۇستەقىللىق دەۋاسىدىكىلەردىن، بولۇپمۇ گاۋ جىكەينىڭ ئوچۇقتىن ئوچۇق «مۇستەقىل بولىمىز دېسەڭ ۋە «شەرقىي تۈركىستان» دەيدىغانلاردىن بولساڭ، سەن ماڭا قېرىنداش ئەمەسسەن (يەنى سەن بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ھېسابلىنىسەن)» دېگەن سۆزلەر بىلەن تەھدىت قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلاردىن سادا چىقماسلىقى، مەزكۇر دۈشمەننىڭ مىليونلاپ تۇتقۇندىكى خەلقنى مۇستەقىلچىلەر بىلەن بىر تارازىسىغا سېلىپ تۇرۇپ «ئۇلار شۇنداق بولمىسىلا جازالانماستى» دېگەن فاشىست زېھنىيىتىنى يېيىشىغا ئۇرۇنۇشىغا تۈزۈكرەك قايتۇرما رەددىيە چىقمىغانلىقى، قىسقىسى، ئومۇميۈزلۈك كۈنتەرتىپلىرىمىزدە بۇ تېمىنىڭ سايىسىمۇ مۇھاكىمە ئوبيېكتى بولماستىن، خۇددى ئۇنداق بىر سۆھبەت مۇشۇ يىلنىڭ، مۇشۇ ئېيىنىڭ مۇشۇ كۈنلىرىدە ئېلىپ بېرىلمىغاندەكلا پەرۋا قىلىنمىغانلىقى، سىياسىي كۈنتەرتىپىمىزنى خىتايغا بىۋاسىتە تاقاشتۇرۇپ غولغۇلا يارىتىشقا يارىمىسىمۇ سىياسىي مەۋقەيىمىزنى تۇشمۇتۇشتىن چىقىپ ھەرخىل تىل ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئىپادىلەشكە باھانە بولالايدىغان مۇشۇنداق پۇرسەتلەردە كوللېكتىپ ھالدا ئېرەڭسىز بولۇپ يۈرگىنىمىز دەۋرەقە، نە قەدەر ئاجايىبلىق، نەقەدەر غەلىتىلىك، ھە؟!
2
سۆھبەتنىڭ دىققەت تارتىدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى تىبەت ۋە ئۇيغۇر تائىپىسىنىڭ، يەنى خەلقئارادا خىتاينىڭ ئاتالمىش زېمىن پۈتۈنلۈكى دەۋاسىنى رەت قىلىش بىلەن بىلىنگەن ئايرىم ئىككى خەلق كىشىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە ھەر ئىككى گۇرۇپپنىڭ كىشىلىرىگە سوئال سوراش پۇرسىتىنىڭ بېرىلىشى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئېزىلىۋاتقان ھەر ئىككى گۇرۇپپىنىڭ كىشىلىرىنى خىتاي تەرەپنى مات قىلىدىغان سوئاللارنى تاشلاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش بولدى. ھالبۇكى بۇ پۇرسەت قارشىسىدىكى خىتاي مۇستەملىكىچىسى ۋەكىلىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇشقا، يالغان – ياۋىداقلىرىنى يەردىن يەرگە ئۇرۇشقا، ئەزگۈچى سىنىپنىڭ خۇپسەنلىكىنى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئېزىلگۈچى تەرەپنىڭ قايتۇرما ئىنكاسى ئارقىلىق پاش قىلىشقا ئاجرىتىلغان پۇرسەت بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئىككىنچى پۇرسەتنىمۇ يارىتىشنىڭ پۇرسىتى ئىدى. تىبەت تەرەپنىڭ ئاۋازى بولۇپ سوئال تاشلىغان جاناب سوئالنىڭ مۇقەددىمىسىگە تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ خەلقىنىڭ سىياسىي قىممەت قارىشىنى سىڭدۈرگەن ئاساستا سوئال قويۇش ئارقىلىق بۇ پۇرسەتنى يارىتىشنى قاچۇرمىدى. خىتايدىكى تەڭسىز قانۇن ۋە دىكتاتور تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېنىۋىلىۋاتقان، ئەمما سۆزىنىڭ ھەربىر ئورانىدىن ئۆزىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ ۋايىغا يەتكەن ئاقلامچىسى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىۋاتقان خىتاي ۋەكىلىگە تىبەتلىك تەرىپىدىن قويۇلغان سوئالنىڭ مۇقەددىمىسى شۇ تەرزدە باشلاندى:
- ئىسمىم سونام فىراسى. مەن تىبەت ھەققىدە شۇ سوئالنى سوراپ كۆرمەكچىمەن. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن تىبەتتە، يەنى خىتاي ئىستېلاسىدىن بۇرۇنقى تىبەتتە تۇغۇلغانمەن. ئەپسۇس، خىتاي ئىستېلا قىلىپ بېسىۋالغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر تىبەتتە بىر مىليون ئىككى يۈزمىڭ تىبەتلىك ئۆلدى. بىز بولساق ياقا يۇرتتا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ئايلىنىپ قالدۇق. خىتاي كونتروللۇقىغا چۈشۈپ كەتكەن 74 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى تىبەت ھازىرمۇ تاشقى دۇنياغا يېپىق ھالەتتە. مۇخبىرلار بارالمايدۇ، ساياھەتچىلەر قەدەم باسالمايدۇ، ھەتتا چەتئەلدىكى تىبەتلىكلەرنىڭمۇ ۋەتىنىگە بېرىپ ئائىلىسىنى كۆرۈپ قايتىشىغا رۇخسەت بېرىلگىنى يوق. خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بۇ قەدەر قاتتىق قامال قىلىۋېلىشى ئارقىسىدىكى خىتاينى قورقۇتۇۋاتقان ئامىل زادى نېمە؟ بىزنىڭ يۇرتتىكى تىبەتلىكلەر شۇ دەرىجىدە غەيرى ئىنسانىي مەخلۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ كەتتىمۇ؟
يۇقىرىقى سوئال بىر تىبەتلىك سىياسىي پاناھلانغۇچىنىڭ، خەلقىنىڭ سىياسىي قىممەت قارىشىغا مەنسۇپلانغان ۋە بۇنىڭ تەبىئىي بەدىلىنى تۆلەش يولىدا سىياسىي پاناھلىق سايىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئويغاق تىبەتلىكنىڭ سوئالى.
گاۋ جىكەي تەبىئى ھالدا سوئالنىڭ ۋە مەزكۇر سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ مەركىزى تېمىسى بولغان خىتاي تۈزۈمىدىكى دىكتاتورلۇق ۋە مۇستەبىتلىككە چېتىلىدىغان قىسمىغا پەرۋا قىلىپ قويمىدى. بەلكى كەيپى ئۇچقان ھالدا سوئالنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئورۇن تۇتقان ئىستېلا ۋە تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋېلىش ئۇرغۇلانغان سۆزلەرگە يامىشىپ قالدى. ھەمدە نومۇسسىزلارچە توقۇپ چىققان سەپسەتەۋى تارىخنى پەش قىلىپ تۇرۇپ تىبەت تۇپرىقىنىڭ ئەزەلدىن خىتاي تۇپرىقىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى جار سېلىپ تىبەتلىك پاناھلانغۇچىغا جاۋاب ئورنىغا تەھدىتلىك سۆزلەرنى قىلىشتىن ئايانمىدى. رىياسەتچى مەھدى ھەسەن ۋە باشقا تاماشىبىن جاۋابنىڭ خاراكتېرىنىڭ تەھدىتلىقىنى، يەنى دېموكراتىكلىشىپ بولغانلىقنى جار سېلىۋاتقان خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئولتۇرغان ئورۇندىقىدىن قوپماي تۇرۇپ سوئال سورىغۇچىغا تەھدىت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىدىن يېنىك بولسىمۇ بىر پەس سۈكۈت قىلدىيۇ، دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۈلگۈردى. يۈزسىزچە بەرگەن جاۋابىغا رىياسەتچى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ مەسخىرىلىك ئىنكاسىدىن ئوسال بولغىنىنى سەزگەن، جايىدا ئولتۇرالماي قالغان گاۋ جىكەي تىبەتلىك پائالىيەتچىگە قارشى مۇستەملىكىچى زېھنىيەت پوزىتسىيەسى بويىچە ئەستايىدىل قىلىپ «ۋەتىنىڭگە بارماقچى بولساڭ، مېنىڭ مۇستەملىكە قىلىشتا يولغا قويغان شەرتىمنى، يەنى تىبەت جۇڭگونىڭ ئايرىلماس پارچىسى، دېگەن پىرىنسىپنى قوبۇل قىلىشىڭ شەرت» دېگەن يوسۇندىكى شەرتىنى، توغرىسى ئۆكتەملەرچە تۇتۇمىنى تەكرارلاپ ھارمىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئىككىنچى سوئال ئۇيغۇر تەرىپىدىن چۈشۈپ قالدى. ئەمدى بىز ئۇيغۇرنىڭ تاشلىغان سوئالىغا قاراپ چىقايلى:
- ئىسمىم ئەزىز ئىسا ئەلكۈن، بىرىتانىيەلىك ئۇيغۇر بولىمەن، لېكىن رەيھان ئۇنداق ئەمەس. بۇ سوئال يەنە دىياسپورادىكى نۇرغۇنلارغىمۇ ئائىت. 2017 – يىلدىن بۇيان نېمە ئۈچۈن بىزگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئائىلىمىز بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزگە يول قويۇلمايدۇ. بولۇپمۇ 2017 – يىلدا باشلانغان ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىك كۆزىتىش ئاستىدا 3 مىليون ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىۋېلىش باشلانغاندىن تارتىپ مۇشۇنداق بولۇپ كەلدى. مېنىڭ سوئالىم تۆۋەندىكىچە ئەپەندىم: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزدىن نېمىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، نېمە ئۈچۈن ئائىلىمىز بىلەن ئەركىن – ئازادە ئالاقە قىلىپ گەپلىشەلمەيمىز؟
باسقۇنچىسىغا كۆيۈپ قالغان پاھىشىنىڭ خوجايىنى ئالدىدىكى تەمتىرىشىگە ئوخشايدىغان، ئىستىسە بېرىدىغان دەرىجىدە ھەممە يېرىنى تەسلىم قىلىشقا تەييارلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە قوپال مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنىڭ مەنىسىنى سورىماقچى بولغان مەينەت پاھىشىنىڭ ھۇدۇقۇشىنى ئەسلىتىدىغان بىر مەنزىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ سوئال سوراش شەكلى، ئۈستىلىك ھۇدۇقۇشنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىقىدىن قەغەزگە يېزىۋېلىپ تۇرۇپ، كالىنىڭ ئوت ياش يەۋاتقاندىكى باش گىلدىڭلىتىشلىرىنى تەقلىد قىلغان شەكىلدە تەرلەپ ئېقىپ تۇرۇپ سورىغان مەزكۇر لاتاغىلاپچە سوئالنىڭ سورىلىش شەكلى ۋە ئۇسلۇبىدىكى ساپاسىزلىق ۋە ماڭقۇرتلۇق بېشارەتلىرى ئەمەلىيەتتە ھېچبىر سىياسىي قىممەت قاراشنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلمىغان، نوقۇل گەپ سورىسام، جاۋاب بېرەلمىدى مانا، دەۋېلىشتىن باشقا غەرەز قوشۇلمىغان، ياكى بولمىسا خىتايدىن سورىسا، تېنىۋالسا، شۇنىڭ بىلەن «خىتاي مانا جازا لاگېرلىرىنى يەنە تېنىۋالدى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئادەتتىكى خەۋەر ئىشلەشتىن باشقىغا ئەسقاتمايدىغان تىرناق ئىچى سوئالدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى ئورتادا ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى قەيەردە مېدىيا بولسا، شۇ يەردە يىل بويى تەكرارلاپ كېلىنىۋاتقان مەزكۇر شاتۇتچە سوئال ئالدىنقى تىبەتلىك پائالىيەتچىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك تەرىپىنى چۇخچىلاپ تۇرۇپ سورىغان ۋە ئارامىنى بۇزغان سوئالدىن كېيىن سورالغان سوئال بولغانلىقى، خىتاينىڭ نېرۋىسىغا تېگىپ مەسىلىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ مۇستەملىكىچىنىڭ سىياسىي پىرىنسىپى بويىچە سۆزلەپ چۈشۈشكە قىستىغۇدەك، يەنى بىر ھاكىمىيەتنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچى ۋە ئىستېلاچىنىڭ تىلى بىلەن سۆزلەشكە مەجبۇر قالدۇرغۇدەك سەۋىيەلىك سوئال بولغانلىقىنىڭ شاپائىتىدىن مەزكۇر بەزگەكچە سوئال سورىغۇچىنىڭ ھودۇققاق كۆرۈنۈشىدىن باشقا ھېچنىمىسى كۆزگە سىغمايدىغان ماڭقۇرتچە سوئالىغىمۇ تىبەتلىككە بەرگەن تەھدىتسىمان جاۋابنى پەردازلاپراق تەكرارلاشقا مەجبۇر قويالىدى.
دەرۋەقە، گاۋ جىكەي ئويلىمىغان يەردىن قارشىسىدىكى ئاپتونوم رايوندىكى ئائىلىسىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ سوئال سوراۋاتقان سورىغۇچىنى خۇددى تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان سونام ئەپەندىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ خەلقىنىڭ سىياسىي قىممەت قارىشىغا ۋەكىل بولۇپ سۆزلەۋاتقان بىرى سۈپىتىدە مۇخاتەپ ئېلىشقا باشلىدى ۋە ئۇيغۇر تۇرۇپ ۋەتىنىنىڭ ئىسمىنىمۇ ھودۇقماي ئېغىزغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان مەزكۇر لاتاغىلاپ، ياغاچ پىچاق ماڭقۇرت زىيالىينىڭ سورىغان سوئالىغىمۇ سونام ئەپەندىگە بەرگەن جاۋابلارنىڭ تەرزىدە جاۋاب قايتۇردى. ئەڭ ھەيرانلىق يېرى، ئۇيغۇرچە تەشۋىقاتلاردا ھەر تاشنىڭ ئاستىدىن ئۆمۈلەپ ھارمايدىغان، نە مىللىتىنىڭ قەدەرىيەتلىرىگە، نە سىياسىي قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەي ئۆتكەن، دائىم ئىككى يۈزلىمىلىك پوزىتسىيەسى بىلەن مۇستەقىلچىلەرنىڭ سېپىدىن بەكرەك مىللەتنى ئىندىجىنىس قىلىپ ساتقانلارنىڭ تائىپىسىنىڭ سېپىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن، ھەتتا نومۇس قىلماي «مىللەتتە قانداق سىياسىي ئاڭ بولۇشى كېرەك»لىكىدىن جار سېلىپ يازما يېزىپ يۈرگەن، 2107 – يىللاردىن بۇرۇنلا كۆك بايراق ئاستىدا پائالىيەت قىلغان كۆرۈنۈپ تۇرۇپمۇ 2017 نىڭ ئالدى - كەينىدە ۋەتەنگە ئورۇق بېرىپ سەمىرىپ قايتىپ كەلگەن، ئاتىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، ئانىسىنى قولتۇقلاپ رەسىمگە چۈشۈپ ۋىدىيو ئىشلەپ توردا تارقىتىپ يۈرۈپمۇ مەزكۇر سورۇندا قىپقىزىل يالغان سۆزلەپ «ئانام بىلەن تېلفونلاشمىغىلى يەتتە يىل بولدى» دەپ توۋلاپ يۈرگەن مەزكۇر شالغۇت زىيالىي ھېلىھەممۇ ۋەتەن ئىسمىنى بىرىتانىيەلىك بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ بولسا زىكىر قىلالمىدى. بەلكى ئۇ ۋەتەن ئىسمىنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان، زۇۋانىدىن چىقىرىشتىن ھودۇققان «شەرقىي تۈركىستان» سۆزى خۇمپەر تەلەت گاۋ جىكەينىڭ زۇۋانىدىن چىقىپ ئۈلگۈردى. «ئۇيغۇر ئاپتونومىيەسىدە ياشاۋاتقان ئائىلەم» دېگەن سۆزدىن قارشىسىدىكىنىڭ شىنجاڭنى ئاللىبۇرۇن ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ مۇستەملىكىچىسى قويۇپ بەرگەن نام بىلەن ئاتاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلمىغان، توغرىسى ئۆز ئادەم ئىكەنلىكىنى سەزمىگەن گاۋ جىكەي، قارشىسىدىكىگە گويا بىر شەرقىي تۈركىستانلىققا، بىر شەرقىي تۈركىستانچىغا جاۋاب بېرىۋاتقان تەرزدە كەسكىن ۋە ئېنىق قىلىپ «ئۇيغۇرلار شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ بىر پارچىسى دەپ ئېتىراپ قىلسىلا مەن قېرىنداش بولىمەن. قېرىنداش بولۇشۇم ئۈچۈن سەن بۇنى قوبۇل قىلىشىڭ شەرت. قوبۇل قىلمىساڭ، سەن مېنىڭ قېرىندىشىم ئەمەس...» دەپ سىياسىي پىرىنسىپى بويىچە جاۋاب قايتۇرۇۋەردى ۋە ئۆز سۆزىنى «شىنجاڭنى بۆلۈپ چىقىش تەرەپدارى بولمىغانلارغا بىر ئىش بولمايدىغانلىقىنى، بىر ئىش بولغانلارنىڭ ئايرىلىپ چىقىمىز دەيدىغانلار، يەنى شىنجاڭنى شەرقىي تۈركىستانغا ئايلاندۇرماقچى بولغانلار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنداق بولۇشىنىڭ ھېچقاچان مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى» جار سېلىش بىلەن توختاتتى.
ئەلۋەتتە گاۋ جىكەينىڭ بۇ سۆزىمۇ خۇپسەنلىك ئۈستىگە خۇپسەنلىك ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ خۇپسەنلەرچە ئىددىئاسى لاگېرلارغا سولىۋېلىنغانلارنىڭ، ناھەق تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ ئومۇمىسىدا ئاشكارا ھالدا شەرقىي تۈركىستانچى بولغانلىقىنى ياكى شۇلارنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىك بولۇپ، بىز ئەمەلىيەتنىڭ رېئاللىقنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بەش قولدەك بىلىمىز. كۆپچىلىك تۇتۇلغان ۋە گاۋ جىكەي سانىنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان مىلىيونلارچە خەلقنىڭ سولىنىۋېلىشى قانداقتۇر شەرقىي تۈركىستانچىلىق مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن ئەمەس، پۈتۈنلەي ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى. ھەتتا بىلىمىزكى، سولىۋېلىنغانلار، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە خېلى سالماقتا ئىشچى – خىزمەتچىلەر، كادىر ۋە مەنسەپدارلار بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئومۇمەن ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدىيەسىنى ھىمايە قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەپ كەلگەن ۋە ھوقۇق تۇتقانلار ئىدى. شۇلارمۇ مەزكۇر تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ۋە كۆزدىن يوقىتىشلاردا ئامان قالغىنى يوق. شۇنداقتىمۇ سىياسىي مەيدان نۇقتىسىدىن گاۋ جىكەينىڭ مۇستەملىكىچى زېھنىيەتنى بازارغا سېلىپ تۇرۇپ ئۆكتەملەرچە قارشىسىدىكى ماڭقۇرتنى خۇددى تىبەت مۇستەقىلچىسى بىلەن بىر قاتاردا چاغلاپ كەسكىن جاۋاب قايتۇرۇشى، شەرقىي تۈركىستانچى ئەمەسلىكىنى قانچە ئىما قىلىدىغان سۆز ئىشلىتىشىگە قارىماي، قارشىسىدىكى شالغۇت زىيالىينىمۇ شەرقىي تۈركىستانچى قاتارىدا بىر تاياقتا ھەيدىشى تەبىئىي ھالدا ئاڭلىق كۆرۈرمەن ئۈچۈن خىتاينى بىئارام قىلدىغان، چىچاڭشىتىدىغان مەسىلىنىڭ شىنجاڭدىكى تەڭسىز قانۇن سىياسىتى ۋە ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىش مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئەسلىي مەسىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىقى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغان بولدى.
يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندىمۇ، گاۋ جىكەينىڭ يۇقىرىقى دوست – دۈشمەن ئايرىمىسىدىكى شەرتلەر نۆۋەتتە خىتايغا قۇچاق ئېچىپ قايتىۋاتقان، قايتىپلا قالماي يەنە خىيانەت تامغىسىنى پېشانىسىگە بېسىپ تۇرۇپ قايتىپ چىقىۋاتقان تەسلىمىيەتچى نائەھلىلەرنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش شىنجاڭغا قايتىشنىڭ بەدىلىنىڭ گاۋجىكەي ئېيتقاندەك «شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى»لىقىنى تەن ئېلىش، يەنى ۋەتەن سېتىش بەدىلىگە بېرىۋاتقان ۋە چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكە يېتەرلىك. شۇنداقتىمۇ مەزكۇر سۆھبەتتىكى ئەپسۇسلۇق نۇقتا، شەرقىي تۈركىستان تېمىسىنىڭ جىددىيىتى ئۇيغۇر سىياقىدىكى بىرىنىڭ ئېغىزىدىن ئەمەس، مۇستەملىكىچىنىڭ نەپرەتلىك تىلىدىن چىقىشى بولدى. ئىشنىڭ ئىجابىي تەرىپى بولسا، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاتالمىش ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دەۋاسىغا بۇراشقا ئۇيۇشتۇرۇلغان توپنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە بولۇشى، خىتاينى چىچاڭشىتىۋاتقان، ئۇنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى بولماستىن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەكس ئېتىشى بولغان بولدى.
3
مۇستەملىكىچى بىلەن ئۇچراشقاندا، ياكى ئۇ ئەڭ بىئارام بولىدىغان نۇقتىغا نەشتەر سانجىشقا يارايدىغان ۋەزىيەت يارىتىلغاندا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە كۆرۈلىدىغان ئەڭ ئېغىر ئىللەتنىڭ سىياسىي ھودۇقۇش بولۇشى دىققەت تارتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بۈگۈن ئۈچۈنلا ئەمەس، كېلەچەك ئۈچۈنمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ھالەتلەردىن بىرى. چۈنكى خىتاي مۇخاتەپ ئالمىغان چاغدىكى ھۆكىرەشلەر، بار كۈچى بىلەن تەلۋىلەرچە دۈشمەنگە نارازىلىق بىلدۈرۈشلەر، ئۆز ئارىمىزدا ئېچىلغان خىتاينىڭ قىلمىش – ئەتمىشىگە قارىتا زالنى باشقا كەيگىدەك دەرىجىدىكى ئىدىدىئا ۋە دەۋا – دەستۇرلار، دەلىل ۋە داۋلىي سۆزلەشلەر، خىتاي تەشۋىقاتىدىكى سەپسەتىلەرگە قارشى ئورۇنلۇق رەددىيەلەر نېمىشقىدرۇ خىتاي بىلەن روبىرولاشقاندا بىردىنلا خاسىيىتىنى يوقاتقان ۋۇكۇڭسۇننىڭ قىزىل قاپىقىدەك ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلار توپىغا خىتاب قىلغاندا ئېغىزدىن چىققان شۇنچە كەسكىن مەيدان ئايرىشلار، جىددىي شوئارلار خىتاينىڭ ئالدىغا كەلگەندە دۇدۇقلىنىپ چىقىدۇ. ھودۇقۇپ تۇرۇپ دېيىلىشكە، ئېتىلىشكە، قىلىنىشقا باشلايدۇ.
قۇلنىڭ خوجايىنىنى كۆرگەندە سەپراسقا كېلىشىنى، دەيدىغان سۆزىنى تاپالماي قويۇشىنى، خۇددى ئاخىرقى مانجۇ پادىشاھى فۇيى دەۋرىدىكى ئوردا ئاغۋاتلىرىدەك قۇللۇق دەۋرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسىمۇ شىم كاستۇم كىيىپ تۇرۇپ «ئالىيلىرى، قۇللىرىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتكەيلا» دەپ تېز چۆكۈپ ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلىغانغا ئوخشاش روھىي تېز چۆكۈشلەرنىڭ ئىپادىلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە كۆرۈنۈپ تۇرۇشى دەۋاچى تائىپىمىزنىڭ دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان، شۇنداقلا ۋەزىيەتتىكى روھىي ھالىتىنى قانداق تەڭشەش خۇسۇسىدا ئويلىنىپ قويۇشى مۇھىم بولغان تېما بولۇپ قالغاندەك.
گاۋ جىكەي سۆھبىتىدىكى ئۇيغۇر ئوبرازىنىڭ روھىي ھالىتى تىبەت پائالىيەتچىسىنىڭ روھىي ھالىتى ۋە سەۋىيە – ساپاسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پەرقنىڭ ئاسمان – زېمىنلىقىنى، نۆۋەتتە ئالغا سۈرۈلىۋاتقان تېمىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئەسلى تەلەپ تىبەت پائالىيەتچىسى ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئۈچۈنمۇ «سەن مۇستەملىكە قىلغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلساڭ قېرىنداش بولىمەن، بولمىسا سەن دۈشمىنىم ھېسابلىنىسەن» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىپادىسى ھىجىيىپ ئولتۇرۇش بولماسلىقى، كاللىدا دۈشمەن بىلەن مۇشۇنداق بىر دىيالوگ بولغاندا، نېمە دېيىشىم كېرەكتى»گە روھىي ۋە ئاغزاكى جاۋاب تەييارلىقى ئاللىبۇرۇن زېھىندە پۈتۈپ بولغان، قەغەزگە يېزىۋالمىغۇدەك دەرىجىدە دادىل ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇشىنى شەرت قىلاتتى. لېكىن كۆردۇقكى، تىبەت پائالىيەتچىسى سوئالنى جايىدا سوراشقا تەييارلىق قىلغىنى بىلەن قارشى تەرەپتىن قانداق جاۋاب قايتۇرۇلسا، نېمە دەپ ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ تەييارلىقى بولمىغان ياكى بۇ ھەقتە تەخمىنى بولسىمۇ ئويلىشىپ قويۇلمىغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىدە بولسا، يېزىۋېلىپ جۈملىلەرنى ئاران باغلاپ ئوقۇشنى مەشىق قىلغاندىن باشقا ھەقىقىي سوراشقا تېگىشلىك سوئالغىمۇ، جاۋابقىمۇ، قايتۇرما ئىنكاسقىمۇ تەييارلىق نۆل. بەلكى ھېچنىمىگە تەييارلىق قىلىنمىغان. ھەتتا خىتاي تەرەپتىن كۈتمىگەن جاۋاب چىققاندا، سىياسىي ئاڭدىن دەرس ئۆتىدىغان زىيالىي سۈپەتتە بولسىمۇ بىرىتانىيەنىڭ ئىچكۈيئوغۇل پۇقراسى سىياقىدا جاۋاب قايتۇرۇشقىمۇ جۈرئىتى يېتىشمىگەن، بەلكى يەنە شۇ تار دائىرىدە «ياق، مەن ئۇ گەپنى قىلمىدىم، دېمەكچى بولغىنىم ئائىلەم بىلەن ئالاقە قىلالمىدىم» دەۋاتىمەن، دېگەنگە ئوخشاش قارشى تەرەپنىڭ جاۋابىغا چۈشمەيدىغان گەپلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشتىن باشقا گەپ تاپالماي ئۈكلىگەن كاللىدەك ھىجىيىپ ئولتۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمىغان.
ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۇرغۇلانغانماقچى بولغان نۇقتا، قانداقتۇر مەزكۇر شالغۇت زىيالىينى تارازىغا سېلىپ ئولتۇرۇش، ئۇنى پىپەن قىلىش ئەمەس. چۈنكى دېيىلگەنلەر ئۇنىڭ ئەكس ئەتتۈرگەنلىرى قانداق بولسا، شۇنداقلىقىدىن خالاس. شۇڭا بۇ يەردە ئۇرغۇلانماقچى بولغىنى «كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدىغانلىقى»نى تەخمىن قىلىش، بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ كۈنى كېلىپ يۇقىرىقىدەك قوش يۈزلۈك شالغۇت زېھنىيەتلىكلەرگە ئەمەس، ھەقىقىي مۇستەقىلچى سىياسەتچىلىرىمىزنىڭمۇ بېشىغا كېلىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسلىتىشتۇر. شۇڭا بۇ ھەقتە چوقۇم ھەر سىياسىي دەۋاچىدا تەييارلىق پۇختا، كاللىسىدا سان بولۇشى، بەتلەنگەن قورالدەك پۇرسىتى كەلگەن ھامان دۈشمەننىڭ ئىدىيە ئاغمىچىلىقىغا تاراسلاپ ئاتقۇدەك دەرىجىدە ئىدىيەسىدە تەييارلىق بولۇشى مۇھىم.
بۈگۈن ئاپتونومچىغا، قوش يۈزلۈك پائالىيەتچىلەرگە، شۇنداقلا كۈنى كېلىپ نېمە ئىش بولغىنىدا نېمە دېيىشى ۋە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىغىچە ئالدىن سېنارىيەلەشتۈرۈپ ياساپ چىقىلغان دەۋاگەرلەرگە، سىياسىي ئانسامبىل ۋە ھەمداستىخانلىرىغا ئارا سىرا خىتاي تەرەپنىڭ كاناي – سۇنايلىرى بىلەن روبىرولىشىش پۇرسىتىنىڭ بولۇۋاتقىنى، كەلگۈسىدە بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ ھەقىقىي مۇستەقىلچىلەرگە، مىللەتنىڭ ئىرادىسىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلغۇچىلارغىمۇ نېسىپ بولۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايدۇ. بۇ ۋەجىدىن كۈتۈلمىگەن ۋەزىيەتتە كۈتۈلمىگەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈش كېرەك بولغاندا، مىللەتنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە يارىشا ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشمۇ دەۋا يولىدا دۇچ كېلىش مۇھىم بولغان سىناق ۋە ئۆتكەللەردىندۇر.
ئەسلەپ كۆرەيلۇق، بۇندىن ئون يىللار ئاۋۋال رابىيە خانىم خىتاي تىللىقلارنىڭ پروگراممىسىدا دىيالوگ قۇرۇش پۇرسىتى بولغاندا، تەلىپىڭلار نېمە، دېگەن سوئالغا ئىپادىلىگەن مەيدانى يەنە شۇ ھەق – ھوقۇق، ئاتالمىش ئالىي ئاپتونومىيەنى ئاپتونومىيە ئىسمىغا لايىق رەۋىشتە ئىشقا كىرىشتۈرۈپ بېرىش بولغانلىقىنى بىلىمىز. يەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قىلىۋاتقان دەۋانىڭ ئۈستەلگە كەلگەندە دەيدىغان تەلىپىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭدىكى بۇزۇق ئاپتونومىيەنىڭ ساق ئاپتونومىيەگە ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولغانلىقى شۇ چاغدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم. ئون يىللاردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بولسا، مەزكۇر خانىمنىڭ ئىزباسار خەلىپىلىرىدىن نۇرى تۈركەل چىقىپ ئىنگلىز تىللىقلار دۇنياسىغا بۇ نەغمىنى يېڭىدىن تەكرارلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ مۇستەقىللىق ئەمەسلىكىنى ئەزۋەيلەپ چىقتى. مۇنداقچە دېگەندە، نۇرى تۈركەل گاۋ جىكەيدەكلەرنىڭ غەربكە ساياھەتتىكى كاسايا ئوغرىسىدەك مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ رازى بولۇپ كېتىشىگە ئەسقاتىدىغان جاۋابنى تەييارلاپ سۆزلەپ ئولتۇردى. ئىلھام توختىنىڭ قىزىغا سوئال سورالغاندىمۇ جاۋاب يەنە شۇ ئالدىنئالا تەييارلانغان جاۋاب بولغاچقا، جاۋابتا مىللەتنىڭ ئاھۇ زارىغا دائىر ھېچنەرسە مەزمۇن قىلىنمىدى، بەلكى خىتاينىڭ غەربىدىكى بىر رايوندا قاماققا سولانغان دادىسىنىڭ گېپىنى قىلىشتەك ۋەقەنى كىچىكلىتىش، مەسىلىنىڭ سىياسىي تەرىپىنى يېپىپ تاشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھالبۇكى ئىلھام توختىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى پائالىيىتى مەزكۇر قىزىنىڭ ياكى ئائىلىسىنىڭ قانداقتۇر بىرەر تەھدىتى ياكى ناھەقچىلىكى ئۈچۈن بولمىغان ئىدى. ئۇنىڭ دەردى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇچراۋاتقان تەڭسىز ۋە خەتەر ئاستىدىكى ۋەزىيىتى ئۈچۈن سۆزلەش بولغانىدى. بىراق نەتىجىدە كۆرۈنگەن مەنزىرە نېمە بولدى؟ مەنزىرە شۇ بولدىكى، دادا خەلقىم دېدى. قىزى قوپۇپ دادام دېدى. دادا بولغۇچى «خەلقىم» دەپ تۇرۇپ ئىش قىلسا سولاقتا يېتىشىنى بىلىپ تۇرۇپ كېپىنىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ تۇرۇپ ئوتقا قولنى تىقىشتىن يانمايدىغانلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنسە، قىزى چىقىپ سولاقتا ياتقانلىقى ئىددىئا قىلىنىۋاتقان دادىسى ئۈچۈنلا سۆزلەش بىلەن كۇپايىلەندى. بۇ خىل شىنجاڭچە ئۇدۇم مەزكۇر ئېزىز ئىسا ئەلكۈننىڭ سوئالىدىمۇ كۈچىنى كۆرسەتكەن بولدى. قارشىسىدىكى خىتاي مۇستەملىكىچىسى «سەن شەرقىي تۈركىستانچى بولساڭ...» دەپ تۇرۇپ گەپ باشلاۋاتسا، قايتۇرۇلغان ئىنكاس «ياق، مەن ئانام بىلەن كۆرۈشەلمىدىم دەۋاتىمەن» دېيىش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ سىياسىي قىسمىدىن ئەگىشكە، يەنى خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەقچى زېھنىيەتلىك فاشىست مۇستەملىكىچى ئىكەنلىكى يېپىپ تاشلاشقا زورۇقۇلدى. ئۇنىڭدىنمۇ بىمەنە بولۇۋاتقىنى بولسا، سىياسىي ھودۇقۇش كېسىلى ئەنە شۇنداق ھەر نۆۋەتتە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرغانچە، ھەقنى دېمەسلىك، نېمىشقا دېمىگەنلىكنىڭ سەۋەبى سورالغاندا «ھېلىمۇ ئۇنداق دېگىنىگە مۇنداق دېدىغۇ ئەينا» دېگەنگە ئوخشاش لاتا غىلاپچە ئۆكتەملىكلەر دېۋەيلىنىپ ئۈلگۈردى. شۇنداق قىلىپ بۇ خىل مەسىلە بېسىقتۇرۇش تاكتىكىسىمۇ مەلۇم مەنىدە كۈچىنى كۆرسىتىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.
خاتىمە
سىياسىي دەۋانىڭ بۈگۈنكى ھالىتىگە كۆز تاشلىغۇدەك بولساق، نېمىشقىدۇر ئۆزىمىزنىڭ كېلىپ قالغان نۇقتىسىنى ئۆزىمىز دەڭسىيەلمەسلىكتەك بىر بىنورمال ھالەت كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە، سىياسىي دەۋادا نېمىگە قاراپ يۈزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمىز، بىز خالاپ خالىماي قايسى باسقۇچقا يېتىپ قالغىنىمىز، ھەتتا ئۆزىمىز ئۇقۇشمىغان ھالدا نېمىلەرگە دۇچ كېلىپ قېلىشىمىزنىڭ مۇمكىنلىكى قاتارلىقلار ئاز تولا بېشارەتلەر بىلەن بولسىمۇ بىزنى تەييارلىق كۆرۈشكە، بىزنى ئاڭلىق تۇرۇشقا سىگنال چېلىپ تۇرۇپتۇ.
لېكىن بىزنىڭ تەييارلىقلىرىمىزچۇ، بىز زادى بۇلارغا قانچىلىك تەييار؟ دېگەندە، بۇنىڭ جاۋابى شۇ كۈنلەردىكى ۋەزىيىتىمىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، تەييارلىقىمىزنىڭ ھالى بوش. ھەتتا بوشلا ئەمەس، قورقۇنۇچلۇق.
چۈنكى ھازىرقىدەك ئەھۋالدا، بولۇپمۇ سىياسىي كۈنتەرتىپىمىزنى سىياسىي بولمىغان ماجىرا ۋە ئۆزئارا تۇتۇشۇشلارغا سەرپ قىلىپ ئۆز كۈچىمىزنى ئۆزىمىز خورىتشقا جان ئېتىۋاتقاندا، ئەسلى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز بولغان، يوقىتىپ قويغان ئىشىمىزنى تېپىۋېلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىغان گاۋ جىكەي ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققىنىنىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت ئىدى. پۇرسەت چىڭ تۇتۇلماقتا يوق، مەزكۇر ھادىسە بىزدە سىياسىي بوران – چاپقۇن چىقىرىش تۈگۈل چاڭ – توزانمۇ چىقىرالمىدى. بولۇپمۇ سىياسىي دەۋادىكىلەر، مۇستەقىلچى گۇرۇپپىلاردا ھېچبىر كۈنتەرتىپ ياسالمىدى. بۇ ھەقتە كۆزگە چېلىققۇدەك بىرەر سىياسىي مىدىر – سىدىرلىقمۇ كۆرۈلمىدى. مانا بۇ قەيەردىن ئويلىسا، قەيەردىن قارىسا، كېلەچەككە بولغان تەييارلىقىمىزنىڭ ھالىنىڭ چاغلىقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ھالەت ھەقىقەتەن چۈچۈشكە تېگىشلىك قورقۇنۇچلۇق ھالەتتۇر.
بىزدىن باشقىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىساقلا بۇنى كۆرۈپ يەتمەكمۇ تەس ئەمەس. مەسىلەن، چەت ئەلدىكى تىبەت ۋە باشقا ئۆكتىچى خىتايلارنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا گاۋ جىكەي تىنماي تەھلىل قىلىندى ۋە قىلىنىۋاتىدۇ. سوئاللارغا بەرگەن ھەربىر جاۋابى نۇقتىمۇنۇقتا تەرجىمە قىلىنىپ دىكتاتورلۇق نۇقتىسىدىن شەرھلىنىۋاتىدۇ. ھەتتا ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ئازغۇن ۋالاقتەگكۈر يوتۇبېرلار ئايەت بۇرمىلاپ دەۋەت نامىدا دىندارلار توپىغا ۋاكسىنا ئەملەپ يۈرۈۋاتقان، «مۇستەملىكىدە قېلىشىمىز مۇتلەق يامان ئىش ئەمەس، بۇمۇ ئاللاھنىڭ ھېكمىتى» دېگەنگە ئوخشاش مۇناپىقانە سۆزلەرنى دىن نامىدىن بازارغا سېلىپ يۈرگەن، دىققەتلەر بولسا، ئاشۇ ۋالاقتەگكۈر تالىپچاقنىڭ جۆيلىرىمىگە تاقىلىپ يۈرگەن مۇشۇ ئاينىڭ شۇ كۈنلىرىدە، تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەرگە سەپداش خىتاي ۋە ئىنگلىز تىللىق يوتۇبېرلار ئۆز قاناللىرىدا گاۋ جىكەينىڭ فاشىست زېھنىيىتىنى پاش قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك دۆلەت زېھنىيىتىنىڭ ئىدىيەۋى فاشىستلىقلىرىنى سازايە قىلىش بىلەن مەشغۇل. تەرەپ تەرەپتىن نۆۋەتتىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارىلاش كويىدا. تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە گاۋ جىكەينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» ۋە تىبەتتىكى قىلمىشلارغا قارىتا بەرگەن جاۋابلاردىكى تۇتۇرۇقسىزلىقلىرىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى خۇپسەنلىك، ھارامزەدىلىك ۋە ساختىپەزلىك بىلەن سۈپەتلەپ تەنقىدلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئىستەكلىرىنىڭ نەقەدەر يوللۇقلۇقىنى پىروپاگاندا قىلىش بىلەن ئاۋارە. مىليون ئەگەشكۈچىسى بار خىتاي تىللىق يۇتۇبىرلارمۇ پۇرسەتنى كىچىك كۆرمەي تەرەپ تەرەپتىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ھەر ۋىدىيو ياكى تېۋىت ئاستىغا يۈزلەپ ئىنكاسلارنىڭ يېغىشىغا سەپەرۋەرلىك قىلىش بىلەن ئاكتىپ. مەزكۇر ئۆكتىچىلەرنىڭ پىكرىنى قوللىغان ئىنكاسلارنىڭ توپلىنىشى ھەمدە بۇنىڭ گاۋ جىكەي ھادىسىسىنىڭ نەچچە ھەپتىغىچە كۈنتەرتىپتە تۇرۇشىغا ھەسسە قوشۇشى قاتارلىقلارغا قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ تىلىمىزدىكى خەۋەر قاناللىرى ۋە ئاگېنتلىقلىرىمىزدىن تارتىپ، مۇستەقىلچى سىياسىي تەشكىلاتلار، يوتۇبېرلار (ئەمەلىيەتتىغۇ قايسى تىللىق بولسۇن، سىياسىي پىروپاگانداچىلىقتا تۈزۈكرەك يوتۇبېرچىمىز ئاپىرىدە بولغىنى يوق)غىچە ھەممە تەرەپنىڭ خۇددى گاۋ جىكەي ھادىسىسى دېگەن بىر ۋەقە بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە يەرشارىدا يۈز بېرىپ باقمىغاندەكلا بەس – مۇنازىرىسىز قېلىشى ھېلىھەم مۇستەملىكىچىگە قارىتا كوللېكتىپ سىياسىي ئويغاقلىق خۇسۇسىدا ھالىمىزنىڭ ھەقىقەتەن خاراب ھالەتتە، كېلەچەككە نىسبەتەن بەكمۇ قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە قىستاپ بارىدۇ.
رېئاللىق شۇكى، گاۋ جىكەي ھادىسىسى بىز خالايلى ياكى خالىمايلى، كۈنى كېلىپ دۈشمەن بىلەن كۈتمىگەن جايدا، كۈتۈلمىگەن ئورۇندا ئۈستەل ياكى جەڭگاھتا بولسۇن، روبىرولىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمىزنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ. شۇ قەدەر ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپمۇ ھېچقاچان يۈزىنى كۆرسەتمەستىن، تۈگەل خائىن – مۇناپىقلىرى بىلەنلا بىزنى پاراكەندە قىلىپ بارمىقىدا ئوينىتىپ كەلگەن، سايىسىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ بىزگە زەربە بېرىپ كەلگەن مۇستەملىكىچىلەرنى زۇۋان سۈرۈشكە، ئاستا – ئاستا بىز بىلەن روبىرولىشىشقا، بېكىنىۋالغان تۆشۈكىدە تۇرۇۋېلىپ زەھەر چاچىدىغان ھالىتىدىن بارا – بارا مۇخاتابى قىلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان بىر دۇنيانىڭ بېشارىتىنى كۆرۈپ يەتمەك زۆرۈر. لېكىن كۆرۈپ يېتىشلەر ھېچنىمىنى ھەل قىلمايدۇ. تەييارلىق بولۇش لازىم. دۈشمەن بىلەن روبىرولىشىشقا تەييارلىقىمىز بولمىسا، تاساددىپى پۇرسەتلەردە ئۇنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى خەلقىئالەمگە كۆرسىتىپ قويالمىساق، ھەتتا شۇنداق قىلالىغۇدەك پوتېنسىيالىمىز بارلىقىنى غايىبانە بولسىمۇ ئىپادىلەپ بولالمىساق، بىز زادى نېمە؟
خۇلاسە شۇكى، بۈگۈن شالغۇت تائىپىلەرگە قارىتىلغان «سەن شەرقىي تۈركىستانچى بولساڭ، بىلىپ قوي، سەن مېنىڭ دۈشمىنىم» دېگەن خىتابنىڭ ئەتە قوپۇپ مۇستەقىلچىلەرگىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئىدىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىددىئا قىلىۋاتقان نامزاتلار توپىغىمۇ دەيدىغانلىقى ۋاقىت مەسىلىسى خالاس. ھەم شۇنداق بولۇشىنىمۇ ھېچكىم رەت قىلالمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، شۇنى سوراپ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئەجەبا مۇستەملىكىچى خىتاي قارشىسىدىكى ئۇيغۇرغا، يەنە كېلىپ ھودۇقۇپ تەرلەپ ئولتۇرۇشتىن، تەھدىت سالسا جاۋاب بېرەلمەي ھىجىيىپ ئولتۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان تائىپىگە قارىتىپ «قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا» تەرزىدە سىياسىي ئولتىماتىمىنى دەۋالغان بولسا، بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشقا تېگىشلىك ھەقىقىي مۇخاتەبلەر بولغان مۇستەقىلچىلەرنىڭ تېگىشلىك ئىنكاسنى قايتۇرۇشى، ھەتتا ۋاقتى كەلسە قارشى تەرەپنى روبىرو ھالەتتە بەس مۇنازىرە قىلىدىغان شارائىتقا قىستاپ بەرمەكچى بولغان جاۋابنى مۇستەملىكىچىنىڭ چىرايىغا ئېتىپ تۇرۇپ بېرىشنىڭ غېمىغا چۈشىشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا يىلاننى تۈشۈكىدىن چىقىرىپ ئەپتى – بەشىرىسىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ قويۇشنىڭ تاكتىكىسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشى، ئويلىشى ۋە ئوينىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ سىياسىي پائالىيەت قىلغۇچىلار بۇنداق پۇرسەتتىكى كۈن تەرتىپلىرىدە بۇنچىلىك پىلان ۋە كويىغا چۈشۈشمىسە، ھېچبىر كۈتۈلگەن ياكى كۈتۈلمىگەن ۋە ياكى كۈتۈلمىسىمۇ بىردىنلا كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە سىياسىي مەيدان ئوقۇشلارغا قارىتا قايتۇرما زەربە بېرىشكە، ئىنكاس ۋە كۈنتەرتىپ ياساشقا باش قاتۇرغۇدەك دىت يېتىشمىسە، ئەجەبا بىز نېمىنىڭ سىياسىتىنى قىلىۋاتىمىز، نېمە ئۈچۈن ۋە كىم ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز؟
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-08-28
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى