خىتاينىڭ ساختا ئېلخەت سۇيىقەستى

ئورنى Wikipedia

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا چىداپ تۇرالمىغان كومىنىست خىتاي، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا جاسۇس سوقۇشقا ئورۇنۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا كۆرەش قىلىۋاتقان تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئاكتىپ سىياسىي شەخىسلەرگە قارىتا قارىلاش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق رەزىل ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.

يۇقارقى ھۇجۇملاردىن سىرىت خىتاي كومىنىستلىرى توردا جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنىمۇ كۈچەيتىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ياكى ئاكتىپ سىياسىي شەخىسلەرنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا ئوخشۇتۇپ ساختا ئېلخەت ئادرىسى ئېلىپ تەشكىلات ۋە شەخىسلەر نامىدىن باشقىلارغا ساختا ئېلخەت، ۋىرۇسلۇق ئۇلانما ۋە ۋىرۇسلۇق ھۆججەت ئەۋەتىش بىلەن بىرگە، ئۇچۇر توپلاش ۋە ئېلخەت مەخپى نۇمۇرلىرىنى ئوغۇرلاشتىن ئىبارەت بولماقتا.

شۇڭا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەشكىلات ۋە ئاكتىپ سىياسىي شەخىسلەردىن تويۇقسىز تاپشۇرۇپ ئالغان ئېلخەت، ئېلخەت ئىچىدىكى ئۇلانما ۋە قىستۇرما ھۆججەتلەرنى ئاچماسلىقىنى، مۇمكىن بولسا ئېلخەت كەلگەن تەشكىلات ۋە شەخىسلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئېچىپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئالاقىدار تۆۋەندىكى ساختا ئېلخەت ئادرىسلىرىنى ئاچقان:

ئاكادېمىيە نامىدا ئېلىنغان ئىككى ساختا ئېلخەت ئادرىسى:

ئاكادېمىيەنىڭ ئېلخەت ئادرىسى uyghuracademy@gmail.comئىدى، ئۇنىڭغا ئوخشۇتۇپ خىتايلار تۆۋەندىكىدەك ئېلخەتنى ئاچقان:

uyghurakademy@gmail.com

يۇقارىدا ئاكادېمىيەنىڭ ئېلخەت ئادرىسىدىكى c ھەرىپى k گە ئۆزگەرتىۋىتىلگەن.

ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىقامەت، ۋەتەنداشلىق، دىپلوم تەڭلىكى ۋە باشقا رەسمىيەتلىرىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئاچقان يەنە بىر ئېلخەت ئادرىسى uygurakademisi@gmail.comئىدى، ئۇنىڭغا ئوخشۇتۇپ خىتايلار تۆۋەندىكىدەك ئېلخەتنى ئاچقان:

uygurakademici@gmail.com

يۇقارىدا ئاكادېمىيەنىڭ ئېلخەت ئادرىسىدىكى s ھەرىپى c گە ئۆزگەرتىۋىتىلگەن.

ئەسكەرتىش: 23-دېكابىر ئاكادېمىيە تەرىپىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئىقامەت، ۋەتەنداشلىق، دىپلوم تەڭلىكى ۋە باشقا رەسمىيەتلىرىگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇش ئېلخەت ئادرىسىنىڭ ساختىسى (uygurakademici@gmail.com) غا جەدىۋەل ئەۋەتىپ قالغانلار ئاكادېمىيە بىلەن ئالاقە قىلىشلىرىنى ۋە توغرا بولغانuygurakademisi@gmail.com غا ئەۋەتىپ بېرىشلىرىنى سورايمىز.

يەنە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى سابىق پەخىرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىerkinsidiq@gmail.com ئىدى. ئۇنىڭغا ئوخشۇتۇپ خىتايلار تۆۋەندىكىدەك ئېلخەتنى ئاچقان:

erkinsdiq@gmail.com

يۇقارىدا دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىدىكى sidiqنى sdiq كە ئۆزگەرتىۋەتكەن.

يەنە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ ئېلخەت ئادرىسى alim1962@hotmail.com ئىدى. ئۇنىڭغا ئوخشۇتۇپ خىتايلار تۆۋەندىكىدەك ئېلخەتنى ئاچقان:

alimcan1962@hotmail.com

يۇقارىدا پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىدىغاcan نى قوشۇپ قويۇلغان.

يۇقارقىلار ئاكادېمىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلىنغان ساختا ئېلخەتلەر، بۇنىڭدىن سىرىت باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپ سىياسىي شەخىسلەرنىڭ ئېلخەت ئادرىسلىرىغا ئوخشۇتۇپ ساختا ئېلخەتلەر ئېلىنىپ خىتاي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن باشقىلارغا ساختا ئېلخەت، ۋىرۇسلۇق ئۇلانما ۋە ۋىرۇسلۇق ھۆججەت ئەۋەتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ھۇشيار ۋە ئېھتىياتچان بولۇشلىرىنى ئەسكەرتىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

2019-يىلى 27-دېكابىر، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى