خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قىلغان ۋەھشىيلىكىرى ھەققدىكى ئىتىراپلىرى

ئورنى Wikipedia

بىر نەچچە خىتاي ئەسكىرى «زىمىستان تورى»غا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە شاھىت بولغان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئەسلەپ بەردى: ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ تۇتۇش، تىبەت راھىبلارنى قىرغىن قىلىش، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارنى «تاللاپ» قۇتقۇزۇش قاتالىقلار.

شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، ئەسكەرلەر «قىرغۇچى قورال»غا ئايلىنىدۇ

«ئۇ 2013- يىلى ياز ئىدى، بىز بىر ئۆلكىنىڭ تاغلىق رايونىدا يۈزدىن ئارتۇق شىنجاڭلىق پۇقرانى مەخپىي ئۆلتۈردۇق.» دېدى سەپتىن چېكىنگەن بىر ھەربىي «زىمىستان» تورىغا. ئۇ ۋە بۇ يازمىدىكى باشقىلار بىردەك ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلدى، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ئىنتايىن خەتەرلىك بولغاچقا، ئۇلار ۋەزىپە ئىجرا قىلغان كونكرېت ئورۇننى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ كىشىلەر قارىماققا ئۇيغۇرغا ئوخشايتتى، بالىلارمۇ بار ئىدى. يۇقىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بۇيرۇقى بولسا بۇ تىنچلىق ساقلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوقتى، بىز 95 تىپلىق ئاپتومات بىلەن سىردۇق، يەنە ئادەمسىز ئايروپىلان قوماندانلىق قىلاتتى، ئۇلار نەگە قاچسۇن بەرىبىر ئۆلەتتى.»

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ قېتىملىق ھەرىكەت ئىنتايىن قاتتىق قامال قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارغا مانىۋېرغا بارىدىغانلىقى ئېيىتلغان، كېيىن ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا بارىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ بىر مەيدان قاباھەتلىك چۈش بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشنى بەك ئويلايدىكەن.

«بىر نەچچە يىل بۇرۇن، بىزنىڭ كوماندىر شىنجاڭدىكى بىر كەنتكە كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن.» دېدى سەپتىن قايتقان فۇجيەنلىك بىر ئەسكەر، «كوماندىردىن ئاڭلىشىمچە، كۈندۈزدە قىسىمدىكىلەر پۇقراچە كىيىنىپ ئۇ يەردىكى خىتايلارغا گېزىت بىلەن ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىسىنى توسىۋېتىشنى، كەچتە ئۇخلىغاندا ئىشكنى قۇلۇپلاشنى، ھەر قانداق ئاۋازنى ئاڭلىسۇن سىرتقا چىقماسلىقنى، سىرتقا قارىماسلىقنى، ئۆيدە توك ياقماسلىقنى ئۇقتۇرغان.»

«ئۇ يەردىكى خىتايلار كەچتە پاڭ! پاڭ! قىلغان ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان، ئەتتىگەندە بىر قارىسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى غايىب بولغان. كوماندىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەتتا قان ئىزلىرىمۇ پاكىز تازىلىۋېتىلگەن.»

تىبەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى، كىم كۆپ ئادەم ئۆلتۈرسە تۆھپىسى چوڭ بولىدۇ

ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بىر شەندۇڭلۇق ئەسكەر 2011- يىلى تىبەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىقا ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «رەھبەرلەر لامالارنىڭ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىنى بىزنىڭ باستۇرۇشقا بارىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى، راست - يالغانلىقىنى بىزمۇ بىلمەيمىز، لېكىن بارمىساق بولمايدۇ، بارمىساق بۇيرۇققا قارشى چىققان بولىمىز. بىز تىبەتلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلدىغانلىقىنى بىلىمىز، لېكىن دۆلەت دىنغا ئىشىنىشكە رۇخسەت قىلمايدۇ.»

«بارغىچە ماشىنا پۈتۈنلەي يېپىق ئىدى، ئازراق يورۇقمۇ چۈشمەيتتى. بارغان ۋاقتىمىزدا يەنە كۆز ماسكىسى تاقاتتى، بىزگە گەپ ئاڭلىمىغان لامالار تۇرىدىغان جايغا بارىدىغانلىقىمىز ئېيتىلدى. بىز بېرىپ ئۇلارنى قورشىۋالدۇق، ھېچكىمنى چىقارمىدۇق، قارشىلىق قىلغانلارنى ئۆلتۈردۇق، نۇرغۇن كىشى ئۆلدى. كىم كۆپ راھىب ئۆلتۈرسە شۇنىڭغا بىرىنچى دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى، ئۇنىڭدىن ئازراقلارغا ئىككىنچى دەرىجىلىك، قالغانلارغىمۇ مۇشۇ بويىچە.»

شەرقىي شىماللىق سەپتىن چېكىنگەن بىر ئەسكەر ئۆزىنىڭ بىر سەپدېشىنىڭ لخاسادىكى بىر قېتىملىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىكى «ئۆلتۈرۈلۈش» ۋەقەسىنى سۆزلەپ بەردى.

«2008- يىلى، بىز لخاسادىكى زوراۋانلىقنى باستۇرۇشقا باردۇق، ئۇ يارىلاندى، ئارمىيە داۋالىنىشقا يول قويمىغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلار بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىپ بىردەك تىبەتلەرنى ئۆلتۈرۈشكە بارغان، ئەگەر بامىسا ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلەتتى. پۇقرالار قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ ماي قاچىلانغان پوتۇلكىلارغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ ئەسكەرلەرگە ئاتتى، نۇرغۇن ئەسكەر كۆيۈپ يارىلاندى.» ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدېشىمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. «بەزىلەرنىڭ كۆيۈك يارىسى 90 پىرسەنتكە يېتىدىغان بولۇپ، داۋالايدىغان ئىش بولسا دۆلەت ئاز پۇل خەجلىمەيتتى، ھۆكۈمەت داۋالىمىدى، بىۋاستە ئائىلىسىگە جەسەت كۈلىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇردى.»

ئۇ مۇنداق دېدى: «دوختۇرخان ئۇلارغا كۆيۈكنى داۋالايدىغان دورا بەرمىدى. بىز ئۇ سەپدېشىمىزنىڭ كارۋاتتا يېتىپ گەپ قىلىۋاتقاندا خېلى سەگەك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق، كېيىن دوختۇر ئاسما ئوكۇلغا بىر نەرسە قوشتى، ئۇ ئاستا - ئاستا گەپ قىلىشتىن توختىتدى.»

زىمىستان تورى