خىتاي ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم يىپ ئۇچىلار

ئورنى Wikipedia

ھەقىقەتنى بىلىشنى خالىسىڭىز دەل بۇ يەردە. بۇ ماقالىدە خىتاي(كومپارتىيىسى)نىڭ قەستەن كېچىكتۈرۈش، يۇقۇمنى يوشۇرۇش ۋە يالغان ئۇچۇر تارقىتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىغا دائىر ۋاقت جەدۋىلى ئارقىلىق، دۇنيا خەلقىنىڭ چوقۇم خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىملىق ۋابانىڭ تارقىلىشىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەكلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.

ئاپتور: ماسسىمو ئىنچروۋىگنى (Massimo Introvigne)

زىمىستان تورى، 2020.03.30

بۇ ماقالىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىدىكى قىسمەن مەزمۇن «كۈندىلىك سىملىق تور بېكىتى» تەھرىرلىگەن ۋاقىت جەدۋىلىدىن ئېلىندى، بۇنىڭدىن باشقا، بىز باشقا بىر قىسىم پائالىيەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلىنىشلىرىنى قوشتۇق.

2019-11-17: ۋۇخەندە تۇنجى قېتىم ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى بايقالغان ۋە دەلىللەنگەن.

2019-12-10: ۋۇخەندىكى ياۋايى ھايۋان ساتىدىغان خۇانەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىدىكى 57 ياشلىق يايمىچى ۋېي گۈيشيەندە ئالدى بىلەن ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا دىئاگنوز قويۇلغان.

2019-12-26: ۋۇخەندىكى بىمارلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى خىتاينىڭ بىر قانچە گېن تەرتىپلەش شىركەتلىرىگە ئەۋەتىلىدۇ، ئۇلار ھەر خىل يېڭى ۋىرۇسلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئىگىلىنىشچە، بۇ شىركەتلەردىن كەم دېگەندە بىرى سىناقنى توختىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەۋرىشكىسىنى يوقىتىشقا بۇيرۇلغان.

2019-12-27: خۇبېي ئۆلكىلىك خىتاي ۋە غەرب تېبابىتى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جاڭ جىشيەن خىتاي سەھىيە تارماقلىرىغا دوكلات بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ تۇيۇقسىز قوزغالغان كېسەللىكنى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

2019-12-31: خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىلىگە ۋۇخەننىڭ يەرلىك «يېڭى ئۆپكە ياللۇغى» نى دوكلات قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىنتېرنېت تەكشۈرۈش ئۆرگىنى «ۋۇخەندىكى نامەلۇم سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ئۆپكە ياللۇغى»، «سارس ئۆزگىرىشى» ۋە «ۋۇخەن ياۋا ھايۋانلار بازىرى» قاتارلىق سۆزلەرنى ئىزدەشنى توسۇشقا باشلايدۇ.

2020-1-1: سەككىز دوختۇر ۋۇخەن ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىش ئاگاھلاندۇرۇشىنى ياڭراتتى، ئۇلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن «يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى» ئۈچۈن قولغا ئېلىندى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغان دوكتور لى ۋېنلىياڭمۇ بار (1986-2020). ئۇ يەنە كەچۈرۈم سوراش خېتىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

2020-1-1: خۇبېي ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى 26-دېكابىر ئالاقىلاشقان بارلىق گېن تەرتىپلەش شىركەتلىرىگە ۋۇخەن ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشنى توختىتىش ۋە قوبۇل قىلىنغان ئەۋىرشكىلەرنى يوقىتىشنى بۇيرۇدى (بۇ 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ).

2020-1-1: ھۆكۈمەت ۋۇخەن ياۋايى ھايۋانلار بازىرىنى تاقىدى، لېكىن ئۇ ھايۋانلار ۋە قەپەسلەردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرمىدى، بازار خىزمەتچىلىرىدىن قان ئالمىدى، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرمىدى.

2020-1-3: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىنى چەكلىدى.

2020-1-5: شاڭخەي ئاممىۋى سەھىيە كىلىنىكا مەركىزىنىڭ پروفېسسورى جاڭ يوڭجېن خىتاي دائىرىلىرىنى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ گېن تەرتىپى بىلەن تەمىنلىدى.

2020-1-5: ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كۈندىلىك يېڭىلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىشنى توختاتتى.

2020-1-9: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋۇخەن يۇقۇمى باياناتى ئېلان قىلىپ، بىر خىل يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2020-1-10: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داڭلىق تېببىي مۇتەخەسسىسى ۋاڭ گۇاڭفا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا مۇنداق دېدى: «ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى "كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئەھۋالدا" ۋە كۆپىنچىسى "يېنىك كېسەللىك ئالامەتلىرى"» (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ۋاڭ گۇاڭفا ئۆزى 11 كۈندىن كېيىن ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان).

2020-1-11: پروفېسسور جاڭ يوڭجېن ئورگانلارغا تەمىنلىگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى گېن تەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى تورغا يوللاپ، خەلقئارا داۋالاش جەمئىيىتىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنىدۇ، ئۇئىشلەۋاتقان شاڭخەي تەجرىبىخانىسىنى شاڭخەي شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتى تاقاپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇ سانلىق مەلۇماتلارنى يوللىغاندىن كېيىن (بۇ سەۋەبلىك جازالانغان) ئاندىن دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى ۋۇخەن ۋىرۇسى گېن تەرتىپى ئۇچۇرلىرىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى (ئەينى ۋاقتتا ئاللىبۇرۇن توردىن تاپقىلى بولاتتى).

2020-1-12: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى تۇنجى قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ۋىرۇس تەرتىپى ئۇچۇرلىرىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇچۇرلار 5-يانۋاردىلا مەۋجۇت ئىدى.

2020-1-14: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (خىتاي دائىرىلىرى ئەمەس) ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2020-1-14: ۋۇخەن جىنيەنتەن دوختۇرخانىسىدا يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلماقچى بولغان مۇخبىرلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى، ئۇلارنىڭ كامېراسى ۋە يانفونلىرى مۇسادىرە قىلىندى.

2020-1-15 : خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى جىددىي ئەھۋاللار مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دوكتور لى چۈننىڭ باياناتى ئارقىلىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا جاۋاب بېرىپ، ۋۇخەندە ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئىنساندىن ئىنسانغا تارقىلىش خەۋىپىنىڭ «تۆۋەن» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2020-1-17: ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتى 5- يانۋاردىن باشلاپ توختىتىلغان ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى كۈندىلىك يېڭىلاشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

2020-1-18: ۋۇخەن شەھىرى يۇقۇم پارتلىغانلىقىغا قارىماستىن, تۈمەن ئائىلىلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇردى، 40 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە جەم بولدى، بۇ ئارقىلىق كۆرگەزمە قىلىنغان تاماق تۈرى ئەڭ كۆپ زىياپەت دەپ جېننىس ۇنيا رېكورتىغا ئىلتىماس قىلالايتتى. ۋۇخەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېڭى يىلنىڭ 1- كۈنىدىن 15 كۈنىگىچە پۇقرالارنىڭ باغچىنى ھەقسىز زىيارەت قىلىش ئۈچۈن 200 مىڭ بېلەت تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2020-1-20: نوپۇزلۇق SARS مۇتەخەسسىسى ئاكادېمىك جوڭ نەنشەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى جەزمەن ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدۇ. مەسئۇل ئورگان ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىمىدى، سەل قاراش ئەھۋالى بار.»

2020-1-20: ۋۇخەن شەھەر باشلىقى جوۋ شيەنۋاڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما ئۆزىنىڭ پەقەت «بېيجىڭ بەلگىلىمىسى» گە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2020-1-23: ۋۇخەن شەھىرى شەھەرنى تاقاش توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتتى، ئەمما تەخمىنەن 5 مىليون ئادەم ۋىرۇس تەكشۈرۈشى قىلماستىن ۋۇخەندىن ئايرىلدى.

2020-2-6: پرېزىدېنت شى جىنپىڭ شەخسەن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق خەۋەرلەرنى توردىن تەكشۈرۈشنى ۋە ئۈندىداردا دائىرىلەرنى تەنقىد قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

2020-2-6: «پۇقراۋى مۇخبىر» ئادۋوكات چېن چيۇشىنىڭ ۋۇخەندىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلارنىڭ قىستا - قىستاڭ بولۇپ كەتكەنلىكى، سانسىزلىغان ئائىلىلەرنىڭ ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن سىن كۆرۈنۈشى توردىن غايىب بولدى.

2020-2-7: ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن (بۇ سەۋەبتىن تۇتۇپ تۇتۇلغان) دوختۇر لى ۋەنلىياڭ ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلدى. ئارقىدىنلا، ئۇ خىرىستىيان دىنىغا ئائىت پاراڭلىشىش ئۆيىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغان- قىلمىغانلىقى توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلەر مەيدانغا كەلدى.

2020-2-9: يەنە بىر «پۇقراۋى مۇخبىر» فاڭ بىن رۇخسەتسىز ھالدا يۇقۇم ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك سىن يوللىغاندىن كېيىن ۋۇخەندە غايىب بولدى.

2020-2-15: شى جىنپىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلارغا قارىتا ئىنتېرنېت تورىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى بۇيرۇدى.

2020-2-15: شى جىنپىڭنى يۇقۇمنى يوشۇرۇغانلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارە كەچۈرۈم سوراشقا چاقىرغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شۈ جىيوڭ قولغا ئېلىندى.

2020-2-16: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شۈ جاڭرۇن ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى مەغلۇبىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى». ئارقىدىن ئۇ رەسمىي نەزەربەند قىلىندى ۋە تور ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلدى.

2020-2-16: گۇاڭجۇدىكى جەنۇبىي خىتاي سانائەت ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ دوكتورى شياۋبو تاۋ ۋە ۋۇخەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى لېي شياۋ خەلقئارا ئىلمىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تور بېكىتى(Research Gate)دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنىڭ ۋۇخەندىكى ئىككى تەجرىبىخانىدىكى شەپەرەڭلەر(ياۋا شەپەرەڭ ئەمەس) بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەتقىقات ماقالىسى ناھايتى تېزلا مەزكۇر توردىن «غايىب بولدى».

2020-2-19: خىتاي «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ ئۈچ مۇخبىرىنى قوغلاپ چىقاردى، ئۇلار ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن.

2020-2-26:خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئالتە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىدىغان، شى جىنپىڭنىڭ «چوڭ دۆلەتنىڭ مۇنەۋۋەر رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن» ۋۇخەن ۋىرۇسىنى قانداق مەغلۇب قىلغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر كىتاب نەشىر قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

2020-3-8: ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى باش ئەلچىخانىلىرى سىرتقا قارىتا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا بارلىققا كەلمىگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق تاپشۇرۇۋالغان.

2020-3-12: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئوچۇق- ئاشكارە ھالدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ۋۇخەن ياكى بەلكى خىتاي ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۆكتەبىردە ۋۇخەن ھەربىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇنى ئامېرىكىدىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

2020-3-14: جۇڭگولۇق باي رېن جىچياڭ ماقالە ئىلان قىلىپ شى جىنپىڭنىڭ ۋۇخەن ئۆپكە ياللۇغى كرىزىسىغا قايتۇرغان ئىنكاسىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭدا «ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى».

2020-يىلى 18-مارت: خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۈچ چوڭ ئاخبارات ۋاستىسى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە «ۋال كوچىسى گېزىتى» دىن 13 مۇخبىرنىڭ چېگرادىن قوغلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2020-3-19: ۋۇخەن جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى دوكتور لى ۋېنلىياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن «كەچۈرۈم سوردى»، ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ «نامۇۋاپىق» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە «يوللۇق نەسىھەت قىلمىغان» ئىككى ساقچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

2020-3-22: خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئىتالىيەلىك دورىگەرلىك مۇتەخەىسىسى جۇسەپپى رەمۇزى( Giuseppe Remuzzi)نىڭ باياناتىنى خاتا نەقىل كەلتۈرۈپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ خىتاي ئەمەسلىكى(ئامېرىكىمۇ ئەمەس)نى، ئەكىسچە ئىتالىيە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىستان ۋاقتى تەرجىمىسى

2020- يىلى 30- مارت