خىلاپلىق جاۋابكارلىقى

ئورنى Wikipedia
7- باب خىلاپلىق جاۋابكارلىقى
  107- ماددا بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلمىسا، توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىش، تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىش ياكى زىياننى تۆلەش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  108- ماددا بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە ياكى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىسە، قارشى تەرەپ ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  109- ماددا بىر تەرەپ مال پۇلىنى تۆلىمىگەن ياكى ھەق بەرمىگەن بولسا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن مال پۇلىنى تۆلەشنى ياكى ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  110- ماددا بىر تەرەپ پۇلدىن باشقا قەرزنى تۆلىمىسە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، قارشى تەرەپ توختامنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:
  (1) قانۇن جەھەتتە ياكى ئەمەلىيەتتە ئادا قىلغىلى بولمىسا؛
  (2) قەرز نىشانى مەجبۇرىي ئادا قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمىسە ياكى ئادا قىلىش خىراجىتى زىيادە يۇقىرى بولسا؛
  (3) ھەقدار مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلمىسا.
  111- ماددا سۈپىتى پۈتۈشكىنىدەك بولمىغانلىرىدا، ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك. خىلاپلىق جاۋابكارلىقى پۈتۈشەلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشەلمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى نىشاننىڭ خاراكتېرى ۋە زىياننىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ، قارشى تەرەپتىن زېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتا ئىشلەپ بېرىش، قايتۇرۇپ بېرىش، مال پۇلىنى ياكى ھەقنى كېمەيتىپ بېرىش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى مۇۋاپىق تاللاپ تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  112- ماددا بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلمىسا، مەجبۇرىيەت ئادا قىلغان تولۇقلاش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىنمۇ قارشى تەرەپكە يەنە باشقا زىيان سالسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
  113- ماددا بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلماسلىق تۈپەيلىدىن قارشى تەرەپكە زىيان سالغان بولسا، تۆلەم سوممىسى توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيانغا، جۈملىدىن توختامنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئېرىشكىلى بولىدىغان مەنپەئەتكە تەڭ بولۇشى لازىم، لېكىن توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ توختام تۈزگەندە مۆلچەرلىگەن ياكى مۆلچەرلەشكە تېگىشلىك بولغان، توختامغا خىلاپلىق قىلىشتىن كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان زىيىنىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
  ئىستېمالچىلارنى تاۋار ياكى مۇلازىملىق بىلەن تەمىن ئېتىشتە ئالدامچىلىق قىلغان تىجارەتچى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، زىياننى تۆلەپ بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  114- ماددا ئالاقىدارلاردىن بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغاندا، خىلاپلىق ئەھۋالىغا قاراپ قارشى تەرەپكە مەلۇم مىقداردا خىلاپلىق پۇلى تۆلەشنى پۈتۈشسە بولىدۇ، خىلاپلىق تۈپەيلىدىن كۆرۈلگەن زىياننى سوممىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى پۈتۈشسىمۇ بولىدۇ.
  پۈتۈشكەن خىلاپلىق پۇلى زىياندىن تۆۋەن بولسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن ئۇنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ پۈتۈشكەن خىلاپلىق پۇلى زىياندىن زىيادە يۇقىرى بولسا، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن ئۇنى مۇۋاپىق ئازايتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
  ئالاقىدارلار قەرز تۆلەشنى كېچىكتۈرگەندە خىلاپلىق پۇلى بېرىشنى پۈتۈشكەن بولسا، خىلاپلىق قىلغۇچى خىلاپلىق پۇلىنى تۆلىگەندىن كېيىن قەرزنىمۇ تۆلىشى لازىم.
  115- ماددا ئالاقىدارلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى» بويىچە، ھەقدارلىق كېپىلى سۈپىتىدە بىر تەرەپنىڭ قارشى تەرەپكە زاكالەت بېرىشىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. قەرزدار قەرز تۆلىگەندىن كېيىن، زاكالەتنى مال پۇلىغا ھېسابلىشى ياكى قايتۇرۇۋېلىشى لازىم. پۈتۈشكەن قەرزنى تۆلىمىگەن زاكالەت بەرگۈچىدە زاكالەتنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ پۈتۈشكەن قەرزنى تۆلىمىگەن زاكالەت ئالغۇچى زاكالەتنى ئىككى ھەسسە بويىچە قايتۇرۇشى كېرەك.
  116- ماددا ئالاقىدارلار خىلاپلىق پۇلىنىمۇ، زاكالەتنىمۇ پۈتۈشكەن بولسا، بىر تەرەپ خىلاپلىق قىلغان چاغدا، قارشى تەرەپ خىلاپلىق پۇلى ياكى زاكالەتكە دائىر ماددىلارنى تاللاپ تەتبىقلىسا بولىدۇ.
  117- ماددا يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال تۈپەيلىدىن توختامنى ئىجرا قىلمىغانلار يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن، جاۋابكارلىقتىن قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئالاقىدارلار ئىجرانى كېچىكتۈرۈپ قويغاندىن كېيىن يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
  بۇ قانۇندا دېيىلگەن يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال مۆلچەرلىگىلى، ساقلانغىلى ۋە تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئوبيېكتىپ ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.
  118- ماددا بىر تەرەپ يەڭگىلى بولمايدىغان ئەھۋال تۈپەيلىدىن توختامنى ئادا قىلالمىسا، قارشى تەرەپكە يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياننى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئىسپات بېرىشى لازىم.
  119- ماددا بىر تەرەپ خىلاپلىق قىلسا، قارشى تەرەپ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. مۇۋاپىق تەدبىر قوللانمىغانلىقتىن زىيان چوڭىيىپ كەتسە، شۇ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
  ئالاقىدارلارنىڭ زىيان چوڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قىلغان مۇۋاپىق چىقىمىنى خىلاپلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  120- ماددا ئىككىلا تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
  121- ماددا بىر تەرەپ ئۈچىنچى كىشىنىڭ سەۋەبىدىن خىلاپلىق قىلغان بولسا، قارشى تەرەپ ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ئالاقىدار بىر تەرەپ بىلەن ئۈچىنچى كىشى ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرا قانۇندىكى بەلگىلىمە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ھەل قىلىنىدۇ.
  122- ماددا بىر تەرەپنىڭ خىلاپلىق قىلمىشى قارشى تەرەپنىڭ جىسمانىيەت ۋە مال- مۈلۈك قارشى تەرەپنىڭ جىسمانىيەت ۋە مال- مۈلۈك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئۇنىڭدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ياكى باشقا قانۇنلار بويىچە ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشنى تاللىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.