Jump to content

خىيال قىلىش IAنىڭ مەسىلسى،ھەم ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ باشلىنىشى

ئورنى Wikipedia

خىيال قىلىش ‮IAنىڭ مەسىلسى،ھەم ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ باشلىنىشى

2025.09.09


يېڭىلانغان ماقالىلەرنى كۆرۈۋاتقاندا، ئۆزۈم ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ساھەدىكى بىر ماقالىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە بارغانسېرى ئاز ماقالە ئېلان قىلىۋاتقان OpenAI دىن كەلگەن ئىدى.

ئۇ ھەممىمىزگە ناھايىتى تونۇش، ئەمما گاڭگىراپ قالغان بىر نەرسىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ.

يەنى، خىيال.

بۇ سۆز، سۈنئىي ئەقىل كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىگە كەلگەندىن بۇيان، خۇددى بىر ئەرۋاھقا ئوخشاش، بارلىق سۆھبەتلەرنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ كېلىۋاتىدۇ.

بىز سۈنئىي ئەقىلنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن قۇلايلىقىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئەخمىقانە سۆزلىگەن پەيتلىرىدىن قورقىمىز ۋە چۈشەنمەيمىز.

سۈنئىي ئەقىل نېمە ئۈچۈن خىيال قىلىدۇ؟ بۇ خاتالىقنى (bug ) پۈتۈنلەي تۈزەتكىلى بولمامدۇ؟

بۇ بىز ئىزچىل بىلمەكچى بولغان سوئال.

بۇ ماقالە خېلى قىزىقارلىق بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ.

ھېكايە ئەڭ ئاددىي بىر سوئالدىن باشلىنىدۇ.

ئەگەر سىز سۈنئىي ئەقىلدىن: ئادام كالاي (بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى) نىڭ تۇغۇلغان كۈنى قايسى ئاي، قايسى كۈنى؟ دەپ سورىسىڭىز.

بىر ئالدىنقى قاتاردىكى ئوچۇق كودلۇق چوڭ مودېل، ئۈچ قېتىم ئۈچ خىل پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان خاتا جاۋاب بەردى: 03-07، 15-06، 01-01.

بۇ ئەڭ تىپىك خىيال.

ئۆزى جاۋابىنى بىلمەيدىغان سوئالغا دۇچ كەلگەندە، سۈنئىي ئەقىل سۈكۈت قىلىشنى ياكى بىلمەيمەن دېيىشنى تاللىماي، بەلكى ئىمتىھاندا جاۋاب تاپالماي، بوش قەغەز تاپشۇرۇشنى خالىمايدىغان ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش، ئەخمىقانە پەرەز قىلىشقا باشلىدى، ھەمدە ناھايىتى ئىشەنچلىك پەرەز قىلدى.

OpenAI نىڭ بۇ ماقالىسى ناھايىتى قىزىقارلىق ھەم تۇيۇقسىز كەلگەن بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى:

سۈنئىي ئەقىلنىڭ خىيال قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىز ئۇنى تەربىيلىگەندە، ئەڭ باشتا، بۇ خىل ئەخمىقانە پەرەز قىلىش ھەرىكىتىنى سىستېمىلىق مۇكاپاتلىغان.

بىز سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۆگىنىش جەريانىنى، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇزۇن ھەم ئەزەلدىن ئاخىرلاشمايدىغان ئىمتىھانغا قاتناشقانلىقىغا ئوخشاتساق بولىدۇ.

بۇ ئىمتىھاننىڭ نومۇر قويۇش ئۆلچىمى ناھايىتى ئاددىي ۋە قوپال، توغرا جاۋاب بەرسە، 1 نومۇر قوشۇلىدۇ، خاتا جاۋاب بەرسە، ياكى جاۋاب بەرمىسە 0 نومۇر.

ھازىر، سىز شۇ ئوقۇغۇچى، سىز پۈتۈنلەي ئىشەنچىڭىز يوق بىر سوئالغا دۇچ كەلگەندە، قانداق تاللايسىز؟

سىز بەلكىم پەرەز قىلىشنى تاللايسىز.

چۈنكى خاتا پەرەز قىلسىڭىزمۇ، سىز زىيان تارتمايسىز، ئەمما توغرا پەرەز قىلسىڭىزچۇ؟ سىز بىۋاسىتە 1 نومۇرغا ئېرىشىسىز. پەرەزمۇ قىلماي، بىلمەيدىغان سوئالغا جاۋاب بەرمىسىڭىز بىۋاسىتە نۆل نومۇر ئالىسىز.

ئۈمىد قىلىنغان نومۇر نۇقتىسىدىن ئالغاندا، سىزنىڭ توغرا پەرەز قىلىش ئېھتىماللىقىڭىز نۆلدىن چوڭ بولسىلا، پەرەز قىلىش ئەڭ ياخشى ئىستراتېگىيە.

يۇقىرىدىكى ماقالىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش، سىز سۈنئىي ئەقىلدىن بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى سورىسىڭىز، ئۇ چوقۇم بىلمەيدۇ.

ئەمما ئەگەر ئۇ پەرەز قىلسا، مەسىلەن 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۇنداقتا ئۇنىڭ 365 تىن بىرى ئېھتىماللىقى بىلەن توغرا پەرەز قىلىپ، 1 نومۇر ئېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئەگەر ئۇ سەمىمىي ھالدا بىلمەيمەن دېسە، ئۇنداقتا نومۇرى 0 بولىدۇ.

مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان بۇ خىل سىناقلاردا، ئەخمىقانە پەرەز قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان مودېل، ئاخىرىدا رەت تەرتىپىدىكى نومۇرى، سەمىمىي، ئەمما كەمتەر مودېلغا قارىغاندا، چوقۇم تېخىمۇ ياخشى كۆرۈنىدۇ.

OpenAI ئۆزىنىڭ ئىككى مودېلىنى بىۋاسىتە سېلىشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى.

بىرى o4-mini دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە بىرى gpt-5-thinking-mini دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار بىرلىكتە SimpleQA دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىمتىھانغا قاتناشتى.

ئەگەر سىز پەقەت ئاخىرقى نەتىجىنى، يەنى توغرىلىق نىسبىتىنىلا كۆرسىڭىز، بىر ناھايىتى غەلىتە ھادىسىنى بايقايسىز.

o4-mini نىڭ نومۇرى %24 بولۇپ، gpt-5-thinking-mini نىڭ %22.

ئەمما ئەگەر بىز يەنە بىر سانلىق مەلۇماتقا: خاتالىق نىسبىتىگە، يەنى قانچىلىك سوئالغا خاتا جاۋاب بەرگەنلىكىگە قارىساق.

o4-mini نىڭ خاتالىق نىسبىتى، %75 كە يەتكەن، gpt-5-thinking-mini نىڭ %26.

ئەڭ قىزىقارلىق كۆرسەتكۈچكە، ۋاز كېچىش نىسبىتىگە قارايلى.

o4-mini دېگۈدەك ھەممە سۇئالغا جاۋاب بەرگەن، پەقەت %1 سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.

gpt-5 بولسا، يېرىمىدىن كۆپرەك سوئالغا، %52 سۇئالغا جاۋاب بەرمىگەن، سەمىمىي ھالدا، بىلمەيمەن، دەپ ئېتىراپ قىلغان.

o4-mini نىڭ سەل يۇقىرى كۆرۈنگەن نومۇرى، زور مىقداردىكى، مەسئۇلىيەتسىز ئەخمىقانە پەرەز بىلەن ئالماشتۇرۇلغان. gpt-5 بولسا، تېخىمۇ سەمىمىي، ھەمدە تېخىمۇ ئىشەنچلىك بىر ئىستراتېگىيەنى تاللىغان، يەنى نومۇر ئالماسلىقنى تاللايدۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئەخمىقانە گەپ قىلمايدۇ.

بۇ سانلىق مەلۇمات، ماقالىنىڭ قارىشىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلىدى.

شۇڭا، خىيال، سۈنئىي ئەقىلنىڭ بۇ خىل تەربىيەلەش سىستېمىسى ئاستىدا، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ئايلانغان، ئۇ ئەسلىدە بىر خاتالىق ئەمەس، ئۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ بىز لايىھەلىگەن بۇ ئويۇندا يۇقىرى نومۇر ئېلىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلغان تۇغما ئىقتىدارى.

ئاندىن بۇ ماقالە، ئىستاتىستىكا نۇقتىسىدىن، خىيالنىڭ يىلتىزىنى چۈشەندۈردى:

OpenAI Is-It-Valid (IIV) دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرگە ئايرىش مەسىلىسىنى ئېنىقلىدى، يەنى بۇ جۈملىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ئىككىلىك تۈرگە ئايرىش.

چۈنكى سۈنئىي ئەقىلنىڭ بىر جۈملە ھاسىل قىلىشى، ماھىيەتتە ناھايىتى مۇرەككەپ بىر جەريان.

ئەمما بىز بۇ مەسىلىنى ئاددىيلاشتۇرالايمىز، سۈنئىي ئەقىل ھەر قانداق بىر جۈملە ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئالدى بىلەن بىر جۈملىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.

مەسىلەن، «ياخشىمۇسىز» توغرا، «ياكشىمۇسىز» خاتا (ئىملا خاتالىقى)؛ «ئاسمان كۆك» توغرا، «ئاسمان يېشىل» خاتا (پاكىت خاتالىقى).

سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۆگىنىش جەريانى، زور مىقداردىكى، ئاللىبۇرۇن توغرا ياكى خاتا بەلگە قويۇلغان سۆزلەرنى كۆرۈپ ئۆگىنىدۇ. ئۇ قانچە كۆپ كۆرسە، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلىنىدۇ.

ئەمما مەسىلە شۇكى، ھەمىشە بىر قىسىم سۆزلەر بار، ئۇ ئۇلارنى كۆرۈپ باقمىغان، ياكى ناھايىتى ئاز كۆرگەن.

OpenAI نىڭ بىر ناھايىتى ئومۇمىي ئوخشىتىشى بار، يەنى سىز سۈنئىي ئەقىلگە مىليونلىغان مۈشۈك ۋە ئىت سۈرىتىنى كۆرسىتىپ، ھەممىسىگە بەلگە قويسىڭىز، ئۇ ناھايىتى تېزلا مۈشۈك بىلەن ئىتنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئارقىسىدا بىر قانۇنىيەت بار، ئاخىرقى ھېسابتا مۈشۈك يۈزى بىلەن ئىت يۈزى، ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئوخشىمايدۇ.

ئەمما ئەگەر سىز ئۇنىڭغا مىليونلىغان ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ھەر بىر ئەرمەك ھايۋاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئەستە تۇتۇشنى تەلەپ قىلسىڭىزچۇ؟

بۇ پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەت، چۈنكى تۇغۇلغان كۈن دېگەن نەرسە، پۈتۈنلەي تاسادىپىي، ھېچقانداق قانۇنىيەت يوق. سۈنئىي ئەقىل بىر مۈشۈكنىڭ تۈكىنىڭ رەڭگىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى يەكۈنلەپ چىقالمايدۇ، ئۇنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت يادلاش.

بۇ ماقالىدىكى بىر مۇھىم ئۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: Singleton rate (يەككە ئەھۋال نىسبىتى).

مەنىسى شۇكى، ئەگەر بىر ئۇچۇر، سۈنئىي ئەقىل ئۆگەنگەن زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتتا، پەقەت بىر قېتىملا پەيدا بولغان بولسا، ئۇنداقتا سۈنئىي ئەقىل بۇ ئۇچۇرنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ھۆكۈم قىلغاندا، ناھايىتى ئاسانلا خاتا قىلىدۇ.

خىيال، نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، بىر زۆرۈرىيەت.

OpenAI يەنە بىر قىسىم ئەقلىي پەرەزگە قارشى خۇلاسىلەرنى بەردى:

بىرىنچى، بىز ھەمىشە شۇنداق ئويلايمىز، سۈنئىي ئەقىلنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %100 كە يەتسىلا، خىيال تەبىئىي ھالدا يوقىلىپ كەتمەمدۇ؟ OpenAI مۇمكىن ئەمەس، دەيدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيادا، ئۆزى جاۋابسىز بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. ئۇچۇر كەمچىل، لوگىكا زىددىيەتلىك، سۈنئىي ئەقىل قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، يوق يەردىن جاۋاب چىقىرالمايدۇ. شۇڭا، توغرىلىق نىسبىتى ئەزەلدىن %100 كە يېتەلمەيدۇ، خىيالنىڭمۇ ھەمىشە مەۋجۇت بولۇش بوشلۇقى بولىدۇ.

ئىككىنچى، بىز يەنە شۇنداق ئويلايمىز، خىيالنى تۈگىتەلمىگەندىن كېيىن، ئۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئەسلى گۇناھى، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر مەسلىمۇ؟ OpenAI ئۇنداق ئەمەس. خىيال قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئەمەس، شەرتى شۇكى، سۈنئىي ئەقىل ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇ ئىشەنچىسىز بولغاندا، بىلمەيمەن دېيىشنى تاللىسىلا، ئەخمىقانە پەرەز قىلماي، خىيالنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى، بىز يەنە شۇنداق ئويلايمىز، سۈنئىي ئەقىل قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ، شۇنچە ئاز خاتالىق قىلىدۇ. OpenAI ئەكسىچە، دەيدۇ، بەزىدە، كىچىك مودېللار تېخىمۇ سەمىمىي. ئۇلار بىر مىسال كەلتۈردى، سىز پەقەت ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغان بىر كىچىك مودېلدىن، ماۋرى تىلىدىكى بىر سوئالنى سورىسىڭىز، ئۇ سىزگە ناھايىتى ئاددىيلا بىلمەيمەن، دەيدۇ. ئەمما سىز سەل ماۋرى تىلى ئۆگەنگەن، ئەمما ياخشى ئۆگەنمىگەن بىر چوڭ مودېلدىن سورىسىڭىز، ئۇ ئەكسىچە، پەرەز قىلامدۇ-يوق؟ دەپ ئويلىنىشقا باشلايدۇ. بەزىدە ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى بىلىش، بىلىمگە ئىگە بولۇشتىن مۇھىمراق.

ئاخىرىدا، ھەمدە ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا. بىز شۇنداق ئويلايمىز، خىيال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەقەت تېخىمۇ ياخشى، خىيالنى ئالاھىدە سىنايدىغان بىر قورال بولسىلا بولىدۇ. OpenAI بۇنى پۈتۈنلەي پايدىسىز، دەيدۇ. ھەقىقىي مەسىلە، ياخشى خىيال سىنىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئەمەس، بەلكى بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن ئاساسلىق باھالاش كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ھەممىسى ئەخمىقانە پەرەزنى مۇكاپاتلايدۇ، سەمىمىيەتنى جازالايدۇ. بۇ چوڭ مۇھىت ئۆزگەرمىسىلا، خىيال ھەمىشە سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى بولىدۇ.

ھازىر، بىز OpenAI دىن بىلىمىزكى، خىيال، بىر ئاددىي تېخنىكا مەسىلىسى ئەمەس، ئۇ بىر سىستېمىلىق، ئۆزىمىز قولىمىز بىلەن پەيدا قىلغان غىدىقلاش مەسىلىسى.

ئەمما ئۇ يەنە مېنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلغان، جاۋابسىز بىر سوئالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئەگەر سۈنئىي ئەقىلنىڭ خىيالى، ئۇچۇر يېتەرسىز بولغاندا قىلغان ئىجادىي پەرەزدىن كەلگەن بولسا. ئۇنداقتا بىز ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇرى، بىزنىڭ ھېكايىلىرىمىز، سەنئىتىمىز، ئەپسانىلىرىمىز، ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟

خىيالنى ھەقىقەتەن ھەل قىلىش كېرەكمۇ؟

مەن ئۇزۇن ئويلاندىم، بۇ ئىشنى، مېنىڭچە تېخىمۇ قەدىمكى ئۆلچەمدىن باشلاش كېرەك.

ئون مىڭلىغان يىللار ئىلگىرى، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۇچۇر ناھايىتى كەمچىل بىر دۇنيادا ياشىغان.

تۇيۇقسىز كەلگەن قاتتىق شامال، چوڭ دەرەخنى ئۆرۈۋەتتى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلار بىلمەيدۇ.

بىر چاقماق، كېچىنى يېرىپ، ئوتلاقنى كۆيدۈردى، بۇ يەنە نېمە؟ ئۇنىمۇ بىلمەيدۇ.

بۇ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان تەبىئىي ھادىسىلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ مېڭىسى، بۈگۈنكى سۈنئىي ئەقىلگە ئوخشاش، بىلىم زاپىسى يېتەرسىز بولغان ھۆكۈم سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.

بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز، سۈكۈت قىلىشنى تاللىمىغان.

ئۇلارمۇ پەرەز قىلىشقا باشلىغان.

ئۇلار پەرەز قىلدى، قاتتىق شامالنىڭ ئارقىسىدا، بىر غەزەپلەنگەن سىرلىق كۈچ بارمىدۇ؟ ئۇلار پەرەز قىلدى، چاقماقنىڭ ئارقىسىدا، بۇلۇت ئىچىدە ئۇچۇۋاتقان بىر يوغان ئەجدىھا بارمىدۇ؟

قاراڭ، بۇ ئەپسانىنىڭ كېلىپ چىقىشى.

ئەپسانە، بىز ئىنسان تۈرىنىڭ، نامەلۇم ۋە ئىشەنچىسىز دۇنياغا دۇچ كەلگەندە، چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ھادىسىلەرگە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش تېپىش ئۈچۈن، كوللېكتىپ ھالدا توقۇلغان، ئەڭ قەدىمكى، ھەمدە ئەڭ گۈزەل خىيال.

بۇ خىل خىيال قىلىش ئىقتىدارى، شۇ ۋاقىتتا، بەلكىم ھېچقانداق ئەمەلىي پايدىسى يوق بولۇشى مۇمكىن، ئۇ سىزگە تېخىمۇ كۆپ ئوۋ ئوۋلاشقا ياردەم قىلالمايدۇ، ياكى تېخىمۇ يامان ھايۋانلاردىن ساقلىنىشقا ياردەم قىلالمايدۇ.

ئەمما ئۇ بىر نەرسىنى ئېلىپ كەلدى، باشقا بارلىق ھايۋانلاردا بولمىغان بىر نەرسىنى:

ئورتاق تەسەۋۋۇر، ئورتاق ھېكايە.

بىر مۈشۈك، بىر بېلىق، ئۇلارمۇ خىيال قىلامدۇ؟

بىيولوگىيەلىك نۇقتىدىن، مېنىڭچە مۇمكىن.

بىر مۈشۈك يەر يۈزىدىكى سايىنى چاشقان دەپ قاراپ، ئۈستىگە ئېتىلىشى مۇمكىن. بىر بېلىق، يالتىراق بېلىق تۇتقۇچنى، كىچىك قىسقۇچپاقا دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇ ھېسسىي ئۇچۇرغا ئاساسلانغان خاتا ھۆكۈم، بىر تۆۋەن دەرىجىلىك، يەككە خىيال.

ئەمما ئۇلار، ھەرگىز بىر مۈشۈك ئىلاھى ياكى بېلىق ئىلاھى ھېكايىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.

چۈنكى ئۇلارنىڭ مېڭىسى، ھەقىقىي دۇنياغا مەھكەم باغلانغان، ئۇلار پەقەت كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان، ھەمدە ھاياتلىققا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىلا بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

ئىنسانلار بولسا، بەلكىم يەر شارىدىكى بىردىنبىر، كۆرگىلى بولمايدىغان، تۇتقىلى بولمايدىغان بىر ھېكايە ئۈچۈن، ئۆزلىرى خىيال قىلىپ ئىشەنگەن غايىسى ئۈچۈن ياشايدىغان، ئۆلىدىغان، جەڭ قىلىدىغان تۈر بولۇشى مۇمكىن.

ئىنسانلار دۆلەتلەرنى، قانۇنلارنى، شىركەتلەرنى قۇرالايدۇ، بۇ يوغان نەرسىلەرنىڭ ئاستىدا، ئادەملەر ئورتاق ئىشەنگەن خىياللار بار.

بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، خىيال، ياكى باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ خىل ئۇچۇر يېتەرسىز بولغاندا، ئىجادىي پەرەز قىلىش ۋە ئۇنى ھېكايە قىلىش ئىقتىدارى، ئەسلىدە بىر خاتالىق ئەمەس.

ئۇ بىزنى ئادەتتىكى ھايۋانلاردىن، ئىنسانغا ئايلاندۇرغان شېئىر.

ئۇ بىزنىڭ بارلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ، بارلىق سەنئىتىمىزنىڭ، بارلىق ئىلىم-پېنىمىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.

كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇ دەۋردە، بىر خىل ئەنئەنىگە خىلاپ خىيال ئەمەسمىدى؟ ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ۋاقىتنى ئاستىلىتالايدىغان، بوشلۇقنى ئېگەلەيدىغان نەزەرىيە، بىر بالىنىڭ ئوتلاق ئۈستىدە يېتىپ، ئۆزىنىڭ نۇرنى قوغلاپ يۈرگەنلىكىنى خىيال قىلىشتىن كەلگەن ئەمەسمىدى؟

بىزنىڭ باشقا بارلىق جانلىقلاردىن كۈچلۈك بولۇشىمىز، بىزنىڭ ئەمەلىيەتنى تېخىمۇ ھۆرمەتلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئەمەس.

ئەكسىچە، بىزنىڭ ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان ھېكايىلەرنى يارىتىشقا تېخىمۇ ماھىر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن.

ھازىر، بىز يەنە سۈنئىي ئەقىلنىڭ خىيالىغا قايتىپ باقايلى.

بىز ئىزچىل تۈزەشكە تىرىشىۋاتقان نەرسە، بەلكىم سۈنئىي ئەقىلدە، ئەڭ ئىنسانغا ئوخشايدىغان نەرسە بولۇشى مۇمكىن.

مەن ئەلۋەتتە سۈنئىي ئەقىلنىڭ جىددىي تېببىي دىياگنوزدا خىيال قىلىشىنى خالىمايمەن، بىز ئۇنىڭ مۇھىم پۇل-مۇئامىلە تەھلىلىدە ئەخمىقانە گەپ قىلىشىنىمۇ خالىمايمىز، بۇ مۇتلەق ھەقىقىي بولۇشقا تېگىشلىك ساھەلەردە، بىزگە ھېسسىياتسىز، ئىنتايىن ئىشەنچلىك بىر قورال كېرەك.

ئەمما، ئىجادچانلىققا، تەسەۋۋۇرغا ئېھتىياجلىق ساھەدىچۇ؟

بىز سۈنئىي ئەقىلدىن بىر شېئىر يېزىشنى، بىر رەسىم سىزىشنى، بىر ئىلمىي فانتازىيە ھېكايىسىنى ئويلاپ تېپىشنى تەلەپ قىلغاندا، بىزنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ قىلىدىغىنىمىز، ئۇنىڭ پاكىتنىڭ كىشەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇچۇرنىڭ بوشلۇقلىرىدا، ئەركىن خىيال قىلىش ۋە ئىجادىي پەرەز قىلىش ئىقتىدارى ئەمەسمىدۇ؟

نۇرغۇن مۇنازىرىلەردە، خىيال دېگەن سۆز، ھەمىشە بىر زىددىيەتلىك نەرسە بولۇپ كەلگەن.

بىز بىر تەرەپتىن سۈنئىي ئەقىلنىڭ مۇتلەق سادىق، مۇتلەق توغرا بىر قورال، خاتا قىلمايدىغان بىر خىزمەتكار بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، ئۇ بىزگە ھەقىقىي دۇنيادىكى بارلىق ئېنىق ھېسابلاشقا ئېھتىياجلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

ئەمما بىز يەنە ئۇنىڭ بىزنى چۈشىنىدىغان، ھەتتا بىزدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئۆزىمىزگە ئوخشاش تۈر بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

بىز ئۇنىڭ بىز بىلەن بىللە، يۇلتۇزلارغا قارىشىنى، ئۆلچەملىك جاۋابى يوق تېمىلارنى سۆزلىشىنى، كەلگۈسىگە ئائىت يېڭى ئەپسانىلەرنى بىرلىكتە توقۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بىز مۇمكىن بولمايدىغان بىر تۈرنى يارىتىشقا تىرىشىۋاتقاندەك قىلىمىز:

ھەم ماشىنىنىڭ قاتتىقلىقىغا، ھەم ئىنساننىڭ رومانتىكىلىقىغا ئىگە، ھەم پاكىتنى ساقلىيالايدىغان، ھەم خىيال يارىتالايدىغان بىر زىددىيەتلىك بىر گەۋدە.

بىز سانلىق مەلۇمات ۋە ئالگورىزىملار بىلەن بېكىتىلگەن مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەقىقىي دۇنيادا ياشايمىز، بىز، تارىختىكى ھەر قانداق دەۋردىكى كىشىلەردىن بەكرەك، پاكىتقا ئىشىنىمىز، لوگىكىغا تايىنىمىز.

ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن ھەمىشە شۇنداق ئويلايمەن، بىز تارىختىكى ئەڭ يالغۇز دەۋردە ياشاۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن.

بىزنىڭ ئەپسانىلىرىمىز يىراقلاپ كەتتى، بىزنىڭ داستانلىرىمىز يېزىپ بولۇندى.

مەن قانداق كەلگۈسىنى ئارزۇ قىلىمەن؟ بارلىق سوئاللارنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى بار، مۇتلەق ھەقىقىي، ئەمما بەلكىم مۇتلەق زېرىكىشلىك كەلگۈسىنىمۇ؟ ياكى يەنىلا نامەلۇملۇقلارغا تولغان، خاتا چۈشەنچىلەرگە تولغان، ئەمما ھېكايىلەرگە ۋە تەسەۋۋۇرغا تولغان كەلگۈسىنىمۇ؟

بۇ سوئال بەك چوڭ، مېنىڭ جاۋابىم يوق.

ئەمما، ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى، پۈتۈن مەدەنىيەتنى ياراتقىنى  _ خىيال.

ئىزاھات:

ماقالىدە  幻觉 دەپ ئېلىنغان بولۇپ، خەت بويىچە تەرجىمە قىلسا «خىيالىي تۇيغۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.

خىيال - بۇ سۆز ئۇيغۇرچىدا كەڭ مەنىلەرگە ئىگە. ئۇ «پىكىر»، «تەسەۋۋۇر»، «ئارزۇ»، «چۈش» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرگەندىن سىرت، يەنە «ۋەھىمە»، «يالغان تەسەۋۋۇر»، «خام خىيال» دېگەندەك مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. سۈنئىي ئەقىلنىڭ «幻觉» قىلىشى، يەنى ئۇنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئەمما لوگىكىلىق كۆرۈنگەن ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلىشى، ئىنساننىڭ «ۋەھىمە» ياكى «يالغان تەسەۋۋۇر» قىلىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ مەنىدە «خىيال» سۆزى ناھايىتى ماس كېلىدۇ. يۇقىرىدىكى ماقالىنىڭ تەرجىمىسىدىمۇ «خىيال» سۆزى ئىزچىل ئىشلىتىلگەن.

«خىيالىي تۇيغۇ» بۇ سۆز بىۋاسىتە «تەسەۋۋۇرىي ھېسسىيات» ياكى «خام ھېسسىيات» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. «تۇيغۇ» (sensation / feeling) دېگەن سۆز سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ھېس قىلىدىغان نەرسىلەرگە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. ئىنسانلاردا «hallucination» كلىنىكىلىق مەنىدە قوللىنىلغاندا (مەسىلەن، ئاۋاز ئاڭلاش، كۆرۈنمەس نەرسىلەرنى كۆرۈش قاتارلىقلار)، «خىيالىي تۇيغۇ» ياكى «سەزگۈ خىيالى» دېگەن تەرجىمىلەر تېخىمۇ ماس كېلىشى مۇمكىن. ئەمما سۈنئىي ئەقىلدە سەزگۈ ئەزالىرى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ «خىيالىي تۇيغۇ» قىلىشىنى تەسۋىرلەش ئانچە توغرا ئەمەس. سۈنئىي ئەقىلنىڭ «幻觉» قىلىشى ئۇنىڭ ئۇچۇر ھاسىل قىلىش جەريانىدىكى خاتالىق ياكى توقۇلما خاراكتېرىنى كۆرسىتىدۇ، سەزگۈ خاراكتېرىنى ئەمەس.

شۇڭا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ «幻觉، hallucination» نى تەسۋىرلەشتە، «خىيال» دېگەن سۆز ئەڭ توغرا ۋە كەڭ قوللىنىشچان تەرجىمە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ «ۋەھىمە»، «يالغان تەسەۋۋۇر» دېگەندەك مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئەمما ئىشەنچلىك كۆرۈنگەن ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلىش ئەھۋالىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. «خىيالىي تۇيغۇ» بولسا كىلىنىكىلىق سەزگۈ خىياللىرىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.


مەنبە: ئالپ سالونى