خۇ جۈن

ئورنى Wikipedia

خۇ جۈن (خەنزۇچە: 胡軍) 1968-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان، جۇڭگونىڭ ئىچكىردىكى ئەر ئارتىسى. 1987-يىلى ئىمتىھان بېرىپ مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا كىرگەن، 1991-يىلى بېيجىڭ خەلق سەنئەت تىياتىرخانىسىدا خىزمەتكە چۈشكەن، دراما ئويناش بىلەن شۇغۇللانغان.

شەخس ئانكىتى[تەھرىرلەش]

خۇ جۈن سەنئەت ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئائىلىسىدىكى بىردىنبىر ئوغۇل، ئاتىسى كىچىكىدىن باشلاپ ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويغاچقا دادىسى تەرىپىدىن چوڭ بولغان. 1987-يىلى خۇ جۈن مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتكەن، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ماھارەت كۆرسىتىش سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى بولغان، خۇ جۈن ئىمتىھاندا ئىتالىيە ئەسلى تېكىست «قۇياشىم» ناملىق ناخشىنى ئېيتقان. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خۇ جۈن بېيجىڭ خەلق سەنئەت تىياتىرىخانىسىغا تەقسىم قىلىنىپ، دراما ئارتىسى بولغان.

سەنئەت ھاياتى[تەھرىرلەش]

1990-يىلى كىنو «بۆرە بىلەن پەرىشتە» دە رول ئالغان، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى كىنو فىلىم ئەسەرلىرى. 1995-يىلى ھەمراھى لۇ فاڭبىلەن بىللە دىراما «ھەربىي پويىز»دا باش رول ئالغان. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى مەزكۇر كومىتېتنىڭ بىرىنچى ئەر باش پىرسۇناژ درامىسى. 2002-يىلىغىچە ئۇ نۇرغۇن كىنو-فىلىملەردە كۆپ قوشۇمچە روللارنى ئالغان.

2002-يىلى گۇەن جىنپېڭ رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو «لەنيۈ»دە باش رول ئالغان. 7-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى ئالتۇن سېرىس مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى ھەمدە 38-نۆۋەتلىك ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى قاتارىغا كىرگەن. 2003-يىلى جاڭ جىجوڭ ئىشلىگەن فىلىم قەدىمكى كىيىم پالۋانلىق تىياتىرى « 8 بۆلەكلىك پەلەك ئەجدىھاسى»دا باش رول ئالغان، ئۇ تۇنجى ئەر باش پىرسۇناژ پالۋان چىياۋ فېڭنىڭ رولىنى ئالغان، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئالغان قەھرىماننىڭ رولى.

2005-يىلى، چېن داۋمىڭ، لىيۇ جىيالىن بىلەن رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «باھار سۈيى شەرققە قاراپ ئاقتى»دا ۋاپاسىز جاڭ جوڭلياڭنىڭ رولىنى ئالغان.

2006-يىلى، كىنو «قىزىقىش بىلەن مۈشۈكنى ئۆلتۈرۈش»تە رول ئالغان. تېلىۋىزىيە- تىياتىرى «بوران-چاپقۇن»دا شياڭ يۈنىڭ رولىنى ئالغان. 2007-يىلى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش كونسېرتى» بىلەن چېن داۋمىڭ رېژىسسورلۇق قىلغان «جاپالىق كۈنلەردە ئۆزىگە مەدەت بېرىش تە فۇ چەينىڭ رولىنى ئالغان.

2008-يىلى، فىلىم «چىبى»دە جاۋ يۈننىڭ رولىنى ئالغان، نامزات كۆرسىتىش 38-نۆۋەتلىك ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ دەن زېڭ رېژىسسورلۇق قىلغان تارىخىي دراما «جۇ يۈەنجاڭ»دا بىرىنچى نومۇرلۇق جۇ يۈەنجاڭنىڭ رولىنى ئالغان.

2009-يىلى، چېن سېن رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو «10-ئايدا شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىش» فىلىمىدە چامباشلىق ماھارىتى ئۈستۈن بىر قاتىل، كىنو ئىچىدە بىردىنبىر «سەلبىي» پىرسۇناژنىڭ رولىنى ئالغان.

2010– يىلى كىنو «ئۇچقۇر ئوق»تا جاڭ چوقۇرىنىڭ رولىنى ئالغان. جوۋ يۈن رېژىسسورلۇق قىلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئالتۇن تويدىكى بوران-چاپقۇنلۇق مۇھەببەت»، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش رولىنى قايتىپ كەلگەن پىدائىيلار ئارمىيەسى قەھرىمانلار «كۆڭلى تۈز»؛ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يىللار»دا باش رول ئالغان.

نىكاھ-مۇھەببىتى[تەھرىرلەش]

1999-يىلى خۇ جۈن بىلەن لۇ فاڭ خىزمەتداش مۇناسىۋىتىدە ئىتالىيەگە تىياتىر بايرىمىغا قاتناشقان، خۇ جۈن رىمدا لۇ فاڭغا تىزلىنىپ تۇرۇپ توي تەكلىپى قويغان.

1999-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى خىزمەتدىشى لۇفاڭ بىلەن توي قىلغان.

2001-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇ جۇ ئىسىملىك بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان.

2008-يىلى يەنە بىر پەرزەنتلىك بولۇپ، بىر قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ. بالىلىرىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىس.

ئەسەرلىرى [تەھرىرلەش]

كىنو ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

  • «تېمۇرچىن رىۋايىتى»
  • «قاھىرە خىتابنامىسى»
  • «ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى»
  • «بوران-چاپقۇن»
  • «ئېتىلغان ئوق»
  • «ئۆكتەبىردىكى قورغان»
  • «مېنىڭ تاڭ سۇلالىسىدىكى ئاكا-ئۇكىلىرىم»
  • «خۇا مۇلەن»
  • «دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى»
  • «ماشىنا پالۋىنى»

تېلىۋىزىيە تىياتىر ئەسىرى[تەھرىرلەش]

  • «جىمجىت ماكان»
  • «تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن يۇشۇرنۇش»
  • «كىچىك ئاشىق-مەشۇقلار»
  • «يېڭى يىلپىز»
  • «ئوت گۈل خۇددى كېپىنەك گۈلگە ئوخشايدۇ»
  • «چوڭ قۇرۇقلۇق ئارال»
  • «جيەنيۈەندىكى بوران-چاپقۇن»
  • «يالغۇز قەھرىمان»
  • «ياشلىقتىكى 40 يىل»

ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى [تەھرىرلەش]

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە شياڭگاڭ بۇددا دىنى مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئاپەت دۇئا قانۇنى جەمئىيىتى يىغىنىغا قاتناشقان.

2012-يىلى، دېسنىي شىركىتىنى كارتون فىلىم «تەڭداشسىز بۇزغۇنچىلىق» بېيجىڭدا تۇنجى خەير-ساخاۋەت كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشقان؛

4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە خۇ جۈن يىغىن رىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ب د ت نىڭ دوستلۇق كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان «دۇنيا تېنچلىقى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىق» چولپان خەير-ساخاۋەت ناخشا ئېيتىش كىچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.

شان-شەرەپلىرى [تەھرىرلەش]

كىنو-تېلېۋىزىيە تۈرى[تەھرىرلەش]

2016-يىلى 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2008-يىلى 45-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2006-يىلى 25-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2004-يىلى 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2002-يىلى 2-نۆۋەتلىك خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2002-يىلى 2-نۆۋەتلىك خەنزۇ تاراتقۇ مۇكاپاتىدا شياڭگاڭ رايونىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2002-يىلى 21-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2002-يىلى 7-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى ئالتۇن سېرىس مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2001-يىلى 38-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1997-يىلى ئىتالىيە TAORMTMA كىنو فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

ئۇنىۋېرسال تۈر[تەھرىرلەش]

2012-يىلى دۇنيا تىنچلىقى تىنچلىق ئەلچىسى بولغان.

2011-يىلى جۇڭگو 2010-يىللىق مودا مۇراسىم تەسىردە رول ئېلىش ماھارىتى ئۈلگىسى بولغان.

2010-يىللىق جۇڭگو يىللىق مودا مۇراسىمدىكى ئەر چولپان.

2007-يىلى 2006-يىللىق كىنو كۆڭۈل ئېچىش مۇراسىمىدا ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2007-يىلى «جەلىبكار جۇڭگو»دا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]