خەتنە قىلىش ئادىتى

ئورنى Wikipedia

      خەتنە قىلىش — ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغان مىللەتلەرنىڭ ئوغۇل بالىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئوپېراتسىيە مۇراسىمى .  خەتنە مۇراسىمى ئادەتتە ئوغۇل بالىلار بەش ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان ئارلىقتا ئۆتكۈزۈلىدۇ . دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا خەتنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى خەتنىسى بولىدىغان بالا چىرايلىق يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ ، ئات مىنىپ قانغۇچە ئوينايدۇ  ھەم ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ئۆزىنىڭ خەتنە مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرىدۇ . ئۇرۇق – تۇغقانلار بولسا ئۇنىڭ مىنگەن ئېتىغا تۈرلۈك رەڭلەردىكى لاتىلارنى ئېسىپ قويىدۇ . خەتنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى ئادەملەر خۇددى ھېيىت بولغاندەك ئۆگزىگە چىقىپ ناغرا – سۇناي چېلىشىدۇ ، ئۇرۇق – تۇغقانلار ۋە قوشنىلار سوۋغىلارنى ئېلىپ مۇبارەكلەيدۇ . خەتنە مۇراسىمىدىن كېيىن ، بالا بىر نەچچە كۈن يېتىپ ئارام ئالىدۇ ۋە ئالاھىدە كۈتۈلىدۇ . دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بۇ ئادەت تا ھازىرغىچە بار . يېقىنقى 10– 20 يىلدىن بۇيان شەھەرلەردىكى خەتنە مۇراسىمىنىڭ دىنىي ئەھمىيىتى بارا – بارا سۇسلىشىپ كەتتى ، ئۇ ھازىر مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان بىر خىل مۇراسىمغا ئايلىنىپ قالدى .