خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى

ئورنى Wikipedia

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى توغرىسىدا


خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تارىخى: 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ھازىرقى زامان پۇتبول تەنھەرىكىتىنىڭ كۈنسىرى ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە كەينى-كەينىدىن پۇتبولچىلار جەمئىيتى قۇرۇلۇشقا باشلىدى. 1904-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، فىرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىرلەشمىسىنىڭ باش شىتابىدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (FIFA) نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ئەڭ دەسلەپتە 7 دۆلەت پۇتبولچىلار جەمئىيتى ئەزا بولدى. 5-ئاينىڭ 23-كۈنى فىرانسىيلىك روبېرىت گېرىن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى باش رەئىسلىكىگە سايلاندى. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 110 يىلغا يېقىن تەرەققىيات داۋامىدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاللىقاچان دۇنيادا تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان يەككە تۈردىكى تەنتەربىيە ھەركىتى تەشكىلاتىغا ئايلاندى.



دۇنيا لوڭقىسى ئاتىسى: خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان دەسلەپتە پەقەت 7 ئەزاسى (فىرانسىيە، بېلگىيە، دانىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، شېۋىتسارىيە، شېۋىتسىيە) لا بولۇپ، 1910-يىلىغا كەلگەندە جەنۇبىي ئافرىقا تۇنجى ياۋروپا دۆلىتىگە تەۋە بولمىغان دۆلەت سالاھىيتىدە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەقىقىي قۇدرەت تېپىشىنى تىلغا ئالساق، بىر ئادەمنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. جۇلىس رېمىت (Jules Rimet)، بۇ فىرانسىيلىك ئادەم خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تارىخىدا بۈيۈك «رېمىت دەۋرى» نى ياراتتى. 1921-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، 48 ياشلىق رېمىت خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك باش رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۋاتقان مەزگىلىدە مۇھىم ئىككى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بىرى، رېمىت ئۆزىنىڭ دېپلۇماتىيە ئىقتىدارىغا تايىنىپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ كۆلىمىنى ۋە تەسىرىنى زورايتتى. ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن تارتىپ، تاكى 1954-يىلى ۋەزىپىدىن بوشانغۇچە FIFA نىڭ ئەزالىرى ئەسلدىكى 20 دۆلەتتىن 85 دۆلەتكە تەرەققىي قىلدى، ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، 1946-يىلى رېمىت بۈيۈك بېرتانىيە ئارىلىدىكى تۆت پۇتبولچىلار جەمئىيتى (ئېنگىلانىد، شوتلاندىيە، ۋېلىش، شىمالىي ئېرلاندىيە) نىڭ ئەزا بولۇشىنى قولغا كەلتۈردى، ھازىرقى زامان پۇتبول ھەركىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ تۆت پۇتبولچىلار جەمىئىيتى تاكى ھازىرغىچە ئۆزئالدىغا مۇستەقىل ھالدا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بىرى، رېمىت دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. 1930-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئۇرۇگىۋايدا باشلىنىش يوپۇقى ئېچىلىپ، دۇنيا پۇتبولىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى، شۇنىڭ بىلەن رېمىتمۇ «دۇنيا لوڭقىسى ئاتىسى» دېگەن نامغا ئىگە بولدى، ئەڭ دەسلەپتە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ نامى ئۇنىڭ ئىسىمى بىلەن ئاتالدى. 1956-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىگە كەلگەندە رېمىت پارىژدا 83 يېشىدا ۋاپات بولدى.


«دۇنيا لوڭقىسى ئاتىسى» رېمىت



رېمىت لوڭقىسى


ھاۋېلانگ دەۋرى: 1950-يىلى، 34 ياشلىق بىرازىلىيلىك ھاۋېلانگ (Havelange) مالاكانا تەنتەربىيە سارىيىدا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۆردى ھەمدە بىرازىلىينىڭ 2:1 نەتىنجە بىلەن ئۇرۇگىۋايغا ئۇتتۇرۇۋەتكەنلىكىدىن ئىنتايىن قايغۇردى. 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھاۋېلانگ بىرازىلىيە پۇتبولچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلاندى، ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە بىرازىلىيە ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «رېمىت لوڭقىسى» نى مەڭگۈلۈك ساقلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھاۋېلانگ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تارىخىدىكى 7-باش رەئىسگە ئايلاندى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ يېڭى بىر دەۋىر پەردىسىنى ئاچتى. 24 يىل ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا، ھاۋېلانگ 7 نۇقتىنى نۇقتىلىق ھالقا قىلغان ئاساستا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئومۇمىيۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ باردى. FIFA مۇ يالغۇز ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن كىرگەن كىرىمگە تايىنىپلا ئۆزىنى قامداپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلاتتىن سودا خارەكتىرى كۈچلۈك بولغان تاۋارلاشتۇرۇش ئورگىنىغا ئۆزگەردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پۇتبول يالغۇز بىر تەنھەرىكەت تۈرىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ «ياللىغۇچى خوجايىن»غا ئايلىنىپ، 450 مىليۇندىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا سىڭىپ كىرمەكتە، پۇتبول كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىپلا قالماستىن، يەنە غايەت زور بايلىق ياراتماقتا. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ھاۋېلانگ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنى نوقۇل ھالدىكى بىر كەسپىي ئورگاندىن ئۈنۈم ۋە مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر گورۇھقا ئايلاندۇردى، شۇنداقلا پۇتبولنى يېڭى بىر يولغا باشلاپ كىردى. 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى پارىژدا چاقىرىلغان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 51-قېتىملىق يىغىنىدا شېۋىتسارىيەلىك بۇرات ھاۋېلانگقا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 8-رەئىسى بولدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇرات خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئوخشىمىغان خىزمەتلىرىدە 23 يىل مەشغۇل بولغان ئىدى. بۇرات ھوقۇق تۇتقان 15 يىل جەريانىدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزا تەشكىلاتلىرىنىڭ سانى 204 كە كۆپەيدى.



خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تارىخىدىكى رەئىسلەر: (رەسىمى تېپىلمىدى). 1. روبېرىت گېرىن، فىرانسىيەلىك، 1904-يىلىدىن 1906-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.


(رەسىمى تېپىلمىدى). 2. داننىل بورىل ۋۇف، ئېنگىلاندلىق، 1906-يىلىدىن 1918-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.



3. جۇلىس رېمىت، فىرانسىيەلىك، 1918-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.


(رەسىمى تېپىلمىدى). 4. رودىلوف ھېتلېيئېس، بېلگىيەلىك، 1954-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.


(رەسىمى تېپىلمىدى). 5. ھاس دېرۇل، ئېنگىلاندلىق، 1955-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.



6. سىتانلىي روس، ئېنگىلاندلىق، 1961-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.



7. ھاۋېلانگ، بىرازىلىيەلىك، 1974-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.



8. بۇرات، شېۋىتسارىيەلىك، 1998-يىلىدىن ھازىرغىچە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.


دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى: قايسى دۆلەتنىڭ پۇتبول سەۋىيسى دۇنيادا ھەممىدىن كۈچلۈك؟ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى دەل مۇشۇ مەسىلە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان. 1921-يىلى، فىرانسىيەلىك رېمىت خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن، ئۇ بىر دۇنياۋى خارەكتىرلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش شۇنداقلا ئەمەلىي كۈچى ئەڭ ياخشى دۆلەت كوماندىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى. 1928-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنىدا بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 5 كە قارشى 25 بېلەت بىلەن ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاخىرى ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇسابىقە مەيدانغا كەلدى. 1929-يىلى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ئۇرۇگىۋايغا بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ بىر تەرەپتىن ئۇرۇگىۋاينىڭ پۇتبولدا ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك جەنۇبىي ئامىرىكا دۆلىتى ئىكەنلىكى ۋە ئىككى قېتىم ئولمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دەل ئۇرۇگىۋاينىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقىدىن، ئۇرۇگىۋاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە مەيدانى ياسىتىش بىلەن بىرگە بارلىق مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ ساياھەت ھەققى، ياتاق-تاماق راسخوتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىدىن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ دۆلەتكە مايىل بولغانىدى. ھەر قانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس. بۈيۈك دېپرېسسىيە (1929-1939-يىللىرى غەربتە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي چېكىنىش) نىڭ تەسىرىدە، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇگىۋايغا بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئانچە يۇقىرى بولمىدى، رېمىت ھەر قانچە ۋائىزلىق (مەسلىھەتخانلىق) قىلسمۇ، ئەمما ئاران 4 ياۋروپا دۆلىتىنىڭ ئۇرۇگىۋايغا كوماندا باشلاپ بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئەڭ ئاخىردا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پەقەت 13 دۆلەت (بۇنىڭ ئىچىدە 8 جەنۇبىي ئامىرىكا دۆلىتى ) ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، گەرچە بىرمۇ ئاسىيا ۋە ئافرىقا دۆلىتى قاتناشمىغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا لوڭقىسى رېمىتنىڭ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى ئاساسىدا ئاخىرقى ھېساپتا يەنىلا روياپقا چىقتى. «دۇنيا لوڭقىسى ئاتىسى» نىڭ ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشتى.


تەرەققىياتنىڭ قۇدرەت تېپىشى: دۇنيا لوڭقىسى 1930-يىلى ئوڭۇشلۇق ۋۇجۇدقا چىققاندىن كېيىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يەنە 1934-يىلى ۋە 1938-يىلىمۇ ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزدى. 1938-يىلى بولسا رېمىتنىڭ يۇرتى فىرانسىيە ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، تىزىملاتقانلارمۇ 35 دۆلەتكە يەتتى. تاللاش مۇسابىقىسى ئارقىلىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشنى بەلگىلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئاخىردا 14 دۆلەت بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنى بىلەن ساھىبىخان دۆلەتنىڭ بىۋاستە قاتنىشىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. دۇنيا لوڭقىسىمۇ بارغانسىرى ئەزىزلەشتى. شۇنىڭدىن كېيىنلا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ساپمۇ-ساق 12 يىل ئۈزۈلۈپ قالدى. 1950-يىلى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسىرى زورايدى، تاكى 2010-يىلىغىچە جەمئىي 19 نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم، تەسىر كۈچى ئەڭ يۇقىرى يەككە تۈردىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئايلاندى. 2010-يىلىغىچە جەمئىي 8 دۆلەت دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرۈشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقتى. 1970-يىلى بىرازىلىيە 3-قېتىم رېمىت لوڭقىسىغا ئېرىشتى ۋە بۇ لوڭقىنى دۆلىتىدە مەڭگۈلۈك ساقلاش شەرىپىگە ئېرىشتى. 1974-يىلىدىن باشلاپ، ھازىرقى ئىلاھىيەت لوڭقىسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.


ئىلاھىيەت لوڭقىسى



سىز بىلەمسىز؟ ★ بىرازىلىيە بولسا ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن 19 قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەممىسىگە تولۇق قاتناشقان بىردىنبىر دۆلەت. پېلى بولسا ئۈچ قېتىم رېمىت لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بىردىنبىر پۇتبولچى.

★ 1934-يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولسا تارىختا ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيۇن كوماندا قاتناشمىغان بىردىنبىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى.

★ 1938-يىلى، تۇنجى ئاسيا قىتئەسىدىن كەلگەن كوماندا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى، ئۇلار بولسا گوللاندىيەگە قاراشلىق شەرقىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى.

★ 1950-يىلىدىن باشلاپ «دۇنيا لوڭقىسى ئاتىسى» نىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش مەقسىتىدە، دۇنيا لوڭقىسىغا «رېمىت لوڭقىسى» دەپ نام بېرىلدى.

★ 1962-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قارار ماقۇللاپ، پۇتبولچىلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ باشقا دۆلەتكە ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىشىنى مەنئىي قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى.

★ 1966-يىلى، ئېنگىلانىد دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ قۇت بەلگىسى ئىشلەتتى، ئوبراز ۋەكىلى بولسا بىر توپ تېپىۋاتقان شىر بولۇپ، «كۈچ-قۇدىرەت» دېگەن نام بىلەن ئاتالدى.

★ 1970-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا ئادىل رىقابەت مۇكاپاتى تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلدى؛ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا يەنە تۇنجى قېتىم ئادەم ئالماشتۇرۇش، قىزىل ۋە سېرىق كارتا تۈزۈمى ئورنىتىلدى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى 1:4 نەتىنجە بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى ئادەم ئالماشتۇرۇش بارلىققا كەلدى. سالۋادور كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسى بولسا دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا تۇنجى سېرىق كارتا جازاسى بېرىلگەن پۇتبولچى بولۇپ قالدى.

★ 1974-يىلى، «رېمىت لوڭقىسى» نىڭ بىرازىلىيەگە مەڭگۈلۈك ساقلاشقا بېرىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يېڭىدىن «ئىلاھىيەت لوڭقىسى» نى ياساپ تاكى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەيلى نەتىنجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ لوڭقىنىڭ ھېچقانداق دۆلەت كوماندىسىغا مەڭگۈلۈك ساقلاشقا بېرىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ «ئىلاھىيەت لوڭقىسى» نىڭ مەڭگۈ قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرىدىغان لوڭقا بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.

★ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن ساھىبىخان دۆلەتلەر: 1930-يىلى ئۇرۇگىۋاي، 1934-يىلى ئىتالىيە، 1966-يىلى ئېنگىلاند، 1974-يىلى فېدىراتىپ گېرمانىيە، 1978-يىلى ئارگىنتىنا، 1998-يىلى فىرانسىيە. دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئۇدا 2 نۆۋەت چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن دۆلەت ئىككى بولۇپ، 1934-يىلى ۋە 1938-يىلى ئىتالىيە ئۇدا 2 نۆۋەت چېمپىيۇن بولغان. بىرازىلىيە بولسا 1958-يىلى ۋە 1962-يىلى ئۇدا 2 نۆۋەت چېمپىيۇن بولغان.