خەلقىمىزدە سىرچىلىق

ئورنى Wikipedia

   بىناكارلىقىمىزدىكى ھەر خىل كاھىشلار، ئويمىلار، تۈۋرۈكلەر، رېشاتكىلار، مېۋە –  چېۋە شەكلى چۈشۈرۈلگەن قاپارتما ئويمىلار ۋە باشقا ئۆي جاھازىلىرىمىز سىرچىلىرىمىزنىڭ كارامىتىدىن تولىمۇ چىرايلىق تۈس ئالغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.

  خەلقىمىزدە سىرچىلىق ئوبدانلا كامال تاپقان كونا ھۈنەر. ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى سىر تېشى(بۇ تاش قاراڭغۇ تاغ ئېتىكىدىكى لاداق سايلىرىدا كۆپ بولۇپ، ئاتچىلار<كىراكەشلەر> ھەر قېتىملىق سەپىرىدىن يانغاندا ئۇنى ئالغاچ كېلىپ ساتىدۇ)، زىغىر يېغى، گۈڭگۈرت، باش پىياز، داشاڭ ۋە ھەر خىل رەڭلەر بولۇپ، زۆرۈر  بولغاندا چەت ئەلنىڭ تاشرەڭ دېگەن ماتېرىيالى ئىشلىتىلىدۇ.

  سىر ياساش ئۇسۇلى: خۇرۇچ سىر تېشىنى سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، زىغىر يېغى، گۈڭگۈرت، باش پىياز، داشاڭلارنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇس ئوتتا ئۇزاق قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ، ئاندىن قايسى رەڭدىكى سىر لازىم بولسا، تەييارلانغان خۇرۇچقا شۇ رەڭ ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك سىر ھازىرلىنىدۇ، تەييارلانغان سىر بىلەن سىر ئارىلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تۈر(رەڭلەر) تەييارلىنىدۇ. دىيارىمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتى بولغان گىلدىن قىزىل، ئاتباغرى رەڭلەر ياسىلىدۇ.

  خەلقىمىزدىكى ئەنئەنىۋى سىرچىلىق 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ يېڭى زامان سەنئىتىگە يېڭىچە تۈس بەرگەن. سىرچىلىقىمىز ئۆزىمىزگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، سىر تەييارلاشتىن تارتىپ، سىرلاشقىچە بولغان جەريان يەرلىك خاسلىقىمىز بويىچە جارى قىلدۇرۇلغان. ئالتۇن ھەل تەييارلاش ۋە ھەل بېرىش سەنئىتىمۇ سىرچىلىقىمىزنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى.[1]

  1. ئاپتۇر:بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 08- 15 12:19 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-08/15/content_102898.htm؛