خەلقىمىزدە لوك ۋە قۇلۇپسازلىق

ئورنى Wikipedia

     ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان، ئىشىك – دەرۋازىلارغا لوك سېلىش ئارقىلىق ئۆيىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇلار لوك ياساشتا چىلان، ياڭاق، ئامۇت، ئۈجمە قاتارلىق ئاسان قۇرت يېمەيدىغان، ئاسان چىرىمەيدىغان دەرەخلەرنىڭ ياغىچىنى ماتېرىيال قىلغان. ئالىملار خەلقىمىزنىڭ لوك ياساش دەۋرىنى ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىپ، شەھەر – قەلئە ياراتقان دەۋردىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. 18 – ئەسىرگە كەلگەندە، ياۋروپادا باشلانغان سانائەت ئىنقىلابى ئۈستۈنلۈك ئىگىلىگەندە، ئەنگلىيىلىك بىر تۆمۈرچى تۆمۈردىن بىر قۇلۇپ ياسىغان بولۇپ، ئۇنى ‹‹لوك›› دەپ ئاتىغان (‹‹لوك›› ئاتالغۇسىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەتقىق قىلىش لازىم). ئۇزاق ئۆتمەي ئۇيغۇرلار تۆمۈردىن لوكنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىغا ئوخشايدىغان ئۈچ تىللىق، ئىككى تىللىق، ئېچىش مەخپىيىتى بار قۇلۇپ ياساپ، ئۇنى ‹‹شەددە قۇلۇپ›› دەپ ئاتىغان. لوكنىڭ چوڭلۇقى ئادەتتە cm 15×15×30  ئەتراپىدا بولۇپ (لوك ئورنىتىلىدىغان ئىشىك – دەرۋازىلارنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ، ئۆلچەمدە ئۆزگىرىشمۇ بولغان)، ياسىغان لوكنىڭ قورساق قىسمىغا ئاچقۇچ تۆشۈكچىسى ئويۇپ، لوكنىڭ قورساق قىسمىغا ئاچقۇچ چۈشىدىغان تۆشۈكلۈك لوكۋاسى ئورنىتىلغان. ئاچقۇچنى سېلىش ئارقىلىق لوكنىڭ سول تەرىپىدىكى ئوچۇق تۆشۈكنىڭ سىرتىغا ۋە لوكنىڭ ئىچىگە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىشىك تاقىلىدىغان – ئېچىلىدىغان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاچقۇچىمۇ ياغاچتىن ياسالغان. ئاچقۇچ پەردىسى(چىشلىرى) قانچە كۆپ، ئورۇنلىشىشى قانچە مۇرەككەپ بولسا، لوك شۇنچە بىخەتەر بولغان. لوك تاق قاناتلىق ۋە قوش قاناتلىق ئىشىكلەرنى پەقەت سىرتتىن تاقاشقا ماس بولۇپ، تاق قاناتلىق ئىشىكلەردە، لوك ئىشىكنىڭ ئېچىلىش تەرىپىدىكى تامنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلىپ، تامدىن ئاچقۇچ سېلىش ئۈچۈن لوكنىڭ ئاچقۇچ تۆشۈكچىسى بار جايىغا ئۇدۇل قىلىپ تۆشۈك(قۇلۇپنى تاقاش – ئېچىشتا قول سالىدىغان تۆشۈك) قويۇلغان. قوش قاناتلىق دەرۋازىلارغا لوك ئۇيۇل ھالەتتە ياسىلىپ، ئىشىكنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىدىكى لوكنىڭ تۆشۈكچىسىگە ئاچقۇچ سېلىپ، لوكنىڭ ۋاسىسى قارشى تەرەپتىكى ئۇدۇل تۆشۈككە كىرگۈزۈۋېتىلسىلا، ئىشىك مەھكەم تاقىلىپ ئاچقىلى بولمايدىغان بولىدۇ.

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەڭ مۇرەككەپ لوكنىڭ لوكۋاسى ئۈچ ۋە بەش تىللىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاچقۇسىمۇ ئۈچ ۋە بەش تىللىق ئىكەن. لوك ئاچقۇسى بەش تىلغا ئۇدۇل سالغاندىمۇ ئېچىلمايدىغان بىر سىر بولغان. لوك ياسىغۇچىلار لوكنىڭ مەلۇم يېرىگە قوۋۇز تىلىغا ئوخشاش بىر تىل بېكىتىپ، ئۇنى باسقاندا لوك ئىچىدىكى يوشۇرۇن تاقاق ئېچىلىدىغان قىلغان. ھازىر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ كەشپىياتى بولغان لوك چەت يېزا – قىشلاقلاردا، مۇزېيلاردا ساقلانماقتا. نەچچە ئەۋلاد قۇلۇپسازلىق بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان قۇلۇپلار شەددە قۇلۇپ دەپ ئاتالغان. دېمەك، ئەينى ۋاقتىدىكى قۇلۇپسازلىرىمىز غەيرىي – غەيرىي قۇلۇپلارنى ياساپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆيىنى بىخەتەر ساقلاش ئېھتىياجىنى قامداپ كەلگەن. [1]

  1. ئاپتۇر: بۇمەريەم شېرىپ خۇشتار؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 05- 30 10:21 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-05/30/content_76256.htm؛