Jump to content

خەلق ئويغانغاندا ۋە قوشيۈزلۈكنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باسقاندا

ئورنى Wikipedia

خەلق ئويغانغاندا ۋە قوشيۈزلۈكنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم باسقاندا

قۇياشنى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس. ھەقىقەتنى باتىل بىلەن قاماللاش مۇددەتلىكتۇركى، ئەسلا بىۋەقت ئەمەستۇر. تەنقىتلىرىمىزدە «مەجرۇھ زېھنىيەت» ئىگىلىرىنىڭ قاشاڭلىقى ۋە خاراكتېرسىزلىقلىرى خۇسۇسىدا كۆپ توختىلىپ ئۆتتۇق. ئۈممەت تەركىبىدىكى توپنىڭ، خەلقنىڭ ئازغۇنلۇق ئۈستىگە بىرلىككە كەلمەيدىغانلىقىنى ئۇرغىلىدۇق. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۈممەتلىك سۈپىتىنىڭ خاتالىق ئۈستىگە، ئاينىش ئۈستىگە بىرلىككە كەلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاتتۇق. خەلقنىڭ سەگەكلىكى، ئۆزىنى تونۇشى، شۇنداقلا تەرەپ تەرەپتىن ھەر ساھە سەرخىللارنىڭ ئاقارتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مېۋىسى كۈنىمىزدە روي بېرىپ تۇرۇپتۇ. ئەڭ قارشى تۇرۇپ كەلگەن توپلار ئىچىدىمۇ، خەلقنىڭ ساداسىدىن ئىلھاملىنىپ، توغرىلىققا قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىغىمۇ شاھىت بولدۇق. مىللەتنىڭ ئىستىقلال ۋە ئىستىقبال يولىنى كەسكەنلەرگە «ئاللاھ بالاسىنى بەرسۇن!» جاۋابىغا قارشى تۇرۇپ تىل سالغان، ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان، ئۇلارنىڭ ھەققانىي مەيدانىنى ئاتالمىش «پىتنە، زېھىننى مەشغۇل قىلىش، مىللەتنى بۆلۈش، خىتايغا ئىشلىگەنلىك، خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغانلىق، پىتنە ئوتىغا بېنزىن چېچىش» قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن نائەھلىلىك قىلغان كاززاپلارنىڭ خۇپسەنلىكلىرىگىمۇ، دىن ۋە ئايەت تونىغا ئورىنىۋېلىش، سۈپەتسىز ۋە بۇرمىلانغان چالا - چالپاق مۇلاھىزىلەرنىڭ كەينىگە ئۆتىۋېلىش ئارقىلىق خەلقنى چالغىتىشقا ئۇرۇنغان مەجروھ زېھنىيەتلەرنىڭ ئۆزى تەۋەلەنگەن توپى ئارىسىدا ئاق كەپتەرلەر ئارىسىدىكى تاپ يەيدىغان قاغا - قۇزغۇنلاردەك يالغۇز قېلىۋاتقانلىقىغىمۇ شاھىت بولماقتىمىز. مانا مۇشۇنداق قاغا - قۇزغۇنلارنىڭ بۇ دەرىجىدە رەسۋا ھالىتى بىلەن ئەپتى - بەشىرىسىنىڭ ئېچىلىشى بىز ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ھادىسە بولسىمۇ، قانۇنىيەت ئېتىبارى بىلەن ھەقىقەت كەلگەندە باتىلنىڭ تىكىۋېىتىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىلىرىدىندۇر. شۇنداقلا خەلق ئويغانغاندا ھەر ئىشقا كىچىكىپ مەيدان ئىپادىلەيدىغانلارنىڭ تۇشمۇتۇشتىن ئۆچرەتتە تۇرىدىغانلىقىنىڭمۇ بېشارەتلىرىدىندۇر. كېچىكسىمۇ ئۆز ئىددالىرىنىڭ تەلەپ ۋە تەقەززاسىنى تونۇپ يېتىپ سۈكۈتنى بۇزغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ دەۋاسىنىڭ ئارقىسىدا تۇرالايدىغانلىقىنى، خەلق تەرەپتە ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلىگەن ھەر بىر توپ ياكى جامائەت ئەھلىگە مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ ھىدايىتىنى ئارتتۇرسۇن! شۇنداقلا پىتنە ماركىلىق بۇلىماقتا ئېغىزلىنىپ چوڭ بولغان بىر تۈركۈم ئالا قاغىلارغا، بولۇپمۇ ئىندىجىنىس جىنايىتى سادىر قىلغانلارنىڭ تەرىپىنى ئاقلاپ، ئۇلارغا چىۋىن قوندۇرماسلىق ئۈچۈن ھەر پەدىگە سەكرەپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقانلارغا خەلقنىڭ ئورتاق لەنىتى ۋە ھەققانىي جاۋابلىرىدىن بىرى بولغان «ئاللاھ بالايىڭنى بەرسۇن!» بەددۇئاسى ۋە لەنىتى تېگىشلىك بولسۇن! ۋەسسالام!


---

ئەكبەر مۇھەممەد

سىزنىڭ بۇ كىشى بىلەن شەخسى ئۆچ ئاداۋىتىڭىز بارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم ئۆلىمالارنى چىشلەپ يازغان نەرسىللىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ تىغ ئۇچى مۇشۇ ئادەمگە قارىتىپ يېزىلغانىكەن.


ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

ئەكبەر مۇھەممەد كە:

سىز دەۋاتقان «بۇ كىشى» ئاتلىق كىشى بىلەن ئىشىم يوقلۇقى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئايان. سىز ئۇ كىشىگە ۋاكالىتەن تومۇر تۇتقىلى كىرگەنلەردىن بىرى بولسىڭىز سىزگىمۇ جاۋاب شۇ:

بىرىنچى: تەنقىدتە شەخسكە ھۇجۇم قىلىندى دېيىش ئۈچۈن شەخىسنىڭ شەخسىيىتىگە تەۋە خۇسۇسىيىتى تارتىپ چىقىرىلغان بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى تەنقىد زېھنىيەتكە، زېھنىيەتتىن ئېقىپ چۈشكەن ماغزاپ ئىدىيەلەرگە، تۇتۇملارغا بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق بىر زېھنىيەت ۋە تۇتۇملارنىڭ بارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قەلىمىدىن تۆكۈلگەن نەرسىلەردۇر. سەھىپىدە شۇ پىكىرلەر مەنبەسى بىلەن پاكىت ئورنىدا مىخلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭ شەخسىيەت ياكى يەنە بىر نەرسە بىلەن ئالاقىسى يوق.

ئىككىنچى: «ئۆلىمالارنى چىشلەپ تارتىش» دېگىنىڭىز قىپقىزىل كاززاپ گەپ بولۇپتۇ. تەنقىدتە ياخشىنى ياخشى، ياماننى يامان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش چىشلەپ تارتىش بولمايدۇ. ھەر ساھەگە تەنقىد قىلىنىۋاتقاندا شۇ ساھەنىڭ كەسپىي ئەخلاقى، مىزانى مەركەزگە ئېلىنىپ تۇرۇپ تەنقىدلىنىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ مىزانىغا ئۆزى دەسسىگەننى پاكىتى ۋە داۋلىسى بىلەن تەنقىدلەشنى «چىشلەپ تارتىش» دەپ ئاتاش ئۇچىغا چىققان بىشەملىك، ئۇششۇغلۇقنىڭ ئالامىتى.

ئۈچىنچى: تەنقىدلەردە ھەقىقىي ئالىم - ئۆلىمالىرىمىز ھەققىدىكى، شۇنداقلا ھەققانىي مەيداندا تۇرغانلارنى ئىجابىي مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ھەققىدىكى يازمىلارنى، ماقالىلەرنى قاراپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ مۇئەييەن بىر توپقا قىلىنغان تەنقىدنى «ئۆلىمالارنى چىشلەپ تارتىش» دەپ چۈشسىڭىز بۇ چاپانچىلىق، شۇنداقلا ئوقۇرمەننى قاراباستۇرۇش جۈملىسىدىن بولىدۇ.

تۆتىنچى: قەلەم ئۇچىنى «تىغ ئۇچى»، تەنقىدنى «چىشلەپ تارتىش»دەپ قالپاق كەيگۈزۈپ ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋېلىپ ئارقىدىن يۈكلەنسىڭىز بۇنىڭدا كۆتۈرمىكەشلىك ۋە رېئاللىقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش خاھىشى ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ.

بەشىنچى: پىكىر ۋە زېھنىيەتكە ھەمدە ئۇنىڭ تۇتۇملىرىغا تېگىشلىك جاۋابنى ئەگەر قارشى تەرەپ قايىل بولمىسا چاپارمەنلىرىنى ئەۋەتىپ قويماي ئۆزى كىرىپ چۈشەندۈرۈش بېرىشى كېرەك. شۇنداقلا پېشانىسىگە سۈرۈۋالغان داغنى ئۆزى ۋاقتىدا ئادالاپ، ئىندىجىنىس جىنايىتىنى سادىر قىلغانلارغا قىلىنغان ھەققانىي پىكىرلەرگە ئارتۇقچە يۈكلىنىپ نادانلىق قىلغىنىنى تەن ئېلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا، سەپداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋۇ ئىزاھاتقا قارىتا يۈكلىنىشلىرىنى، تۆھمەتلىرىنى تەكرارلاپ ئۆز مەيدانىنى شەرھىلەپ بېرىشى زۆرۈر. ئۇنداقمۇ قىلمىسا، ئىندىجىنىسچىلار توپىغا چىۋىن قوندۇرماسلىقتەك ئاۋۇ لەنەتگەردە تۇتۇمىغا داۋام قىلىۋەرسە، بىزمۇ يوللۇق تەنقىدىمىزنى بېرىش ئارقىلىق سۇيۇقلاندۇرغۇچى قوشيۈزلۈكلەرگە بولغان قارىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشىمىز زۆرۈر بولۇپ قېلىۋېرىدۇر.

ئالتىنچى: ئەگەر سىز «بۇ كىشى» دەپ ئاتاۋاتقان كىشىنىڭ ئائىلە سىرتىدىكى باللىرىدىن بىرەسى بولمىسىڭىز، ئاۋۋال ھەر ئىشنى ئۆزىنىڭ ماقامىدا ۋە ئاتىقىدا ئاتاپ تۇرۇپ، ئوقۇرمەننى قاراباستۇرۇش تىپىدىكى گەپچىلىكنى يىغىشتۇرۇپراق پىكىر قىلغايسىز. ناۋادا سىزمۇ مەزكۇر «كىشىگە» ئوخشاش قاراشتا بولسىڭىز دەۋاتقانلىرىڭىز خەلقنىڭ قارىشىسدىكى ئىندىجىنس توپىنىڭ غالتەكچىسى قاتارىدىكى دۇمباقچىلىقتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. ئەگەر سىز خەلقنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلغۇچى ۋە ئىندىجىسنىلىقنى جىنسىيىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشنى توغرا كۆرگۈچىلەردىن بولسىڭىز سىزمۇ پىكرىڭىزنى يېزىپ بايان قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىمۇ سەھىپىگە مىخلاپ تۇرۇپ تېگىشلىك جاۋابىمىزنى بەرگەيمىز.


ئەكبەر مۇھەممەد

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان

شىكەر يالىتىلغان بومبىلارنى ماڭا ئېتىپ ئۈلگۈرۈپسىز سىزنىڭ نىمىلەرنى يېزىۋاتقانلىقىڭىزنى چالا قويماي ئوقۇۋاتقان بىرى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىندىجىنىسقا قارشى ئىدىيە مازغاپلىرىغا قارىتىپ يېزىۋاتامسىز ۋە ياكى مۇشۇ باھانىدە شەخىسكە نەشتەر سانجىۋاتامسىز ئۆزىڭىزگە ھەممىدىن بەك ئايان زىلراق تۇمۇرىڭىزغا تەككۈزۈپ قويغان چېغىم ئائىلە سىرتى دىگەندەك ئەخلاقسىز گەپلەرنى قىلىشتىن ئۇيالماپسىز دىگەنلىرىڭىزگە ئۆزىڭىز ئەمەل قىلىدىغان بىرى بولسىڭىز پوسمىڭىزنى ئالدىڭىز ئېلىپ قويۇپ قايتا بىر ئويلاپ باققايسىز.


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى