خەنجۇڭ شەھىرى

ئورنى Wikipedia

خەنجۇڭ(خەنزۇچە: 漢中) شەنشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇنەن، نەنجېڭ دەپ ئاتالغان، يېغىلىق دەۋرىدە خەنجۇڭ ئايمىقى بولۇپ تەسىس قىلىنغان .

خەنجۇڭ شەھىرى ھەققىدە [تەھرىرلەش]

خەنجۇڭ شىياشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇنەن، نەنجېڭ دەپ ئاتالغان، يېغىلىق دەۋرىدە خەنجۇڭ ئايمىقى بولۇپ تەسىس قىلىنغان، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جيادىڭ يىللىرى شىڭيۈەن شەھىرى بىنا قىلىنغان.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى[تەھرىرلەش]

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ليۇ باڭنىڭ خەنتەي سۇپىسى، يىنما(ئات سۇغىرىش) كۆلى، سانغۇنغا تاۋاپ سۇپىسى ھەمدە ۋېي يەننىڭ قەبرىسى، جىڭمىڭ ئىبادەتخانا مۇنارى، ۋۇخۇ قەبرىسى، ۋۇخۇ ئىبادەتخانىسى، جاڭ چيەننىڭ قەبرىسى، جاڭ لياڭنىڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار. باۋشۇ يولىدىكى تاش قوۋۇق ھەمدە قەدىمىي قىيا تاش ئويمىسى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى. خەن، ۋېي سۇلالىلىرىدىن بۇيان بۇ قەدىمىي تاش ئويمىلار ئىنتايىن ئەتىۋارلىق بولۇپ كەلگەن، ھازىر مۇزېيغا يۆتكەپ كېلىنىپ ساقلانماقتا.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]