داموللا

ئورنى Wikipedia

ئادەتتە سۆزلىنىدىغان ”داموللا“ دېگەن سۆز، ھەرگىزمۇ ئەبجەش سۆز بولماستىن، ئۇنى ”چوڭ موللا“ دەپ چۈشىنىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. موللا دېگەن سۆز ئەرەبچىدىكى مەۋلا دېگەن سۆزدىن كىرگەن بولۇپ، ئۇستاز، خوجا، ئەپەندى دېگەن مەنىدە. دا دېگەن سۆز پارسچىدىكى دەھ دېگەن سۆزدىن كىرگەن بولۇپ، ئون دېگەن مەنىدە. داموللا ”ئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگىلىگەن، ئون خىل ئىلىمگە توشقان زات“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. باشتا ”دەھ مەۋلا“ دەپ سۆز ياسالغان، پارىسچىدا ”دەھ“ سۆزى ”دە“،”مەۋلا“ سۆزى ”مولا“ يېزىلغاچقا، ”دە مولا“ يېزىلىپ، ئۇيغۇرچىغا ”دا موللا“ دەپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن.