دامىكۇ يېزىسى

ئورنى Wikipedia
دامىكۇ يېزىسى

达玛沟乡.Damiku town

چىرا ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە چىرا ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 17 دانە
نوپۇس 20 مىڭ
يەر مەيدانى ؟
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت چىرا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

دامىكۇ يېزىسى چىرا ناھىيىسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، مەمۇرىي رايون تەۋەلىكى ۋە كۆلىمى 420 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇمۇمىي ئاھالىسى 4923 ئائىلە، 19310 ئادەم. ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلار ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %99.8 نى ئىگىلەيدۇ. يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچى 5683 ئادەم، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغىنى تېرىلغۇ يەر ئېتىز كۆلىمى يىلغىچە 2.54 مو.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

دامىكۇ يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653225202. يېزا تەۋەلىكىدە 17 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار:

  • داشكۆل كەنتى،
  • چوقا باش كەنتى،
  • قاشتوغراق كەنتى،
  • ئىلەكئۆستەڭ كەنتى،
  • گۈلتېرىغان كەنتى،
  • چوڭكۆل كەنتى،
  • شورخانا كەنتى،
  • پاچىكەت كەنتى،
  • پۇناق كەنتى،
  • مالقالغان كەنتى،
  • يېڭىئۆستەڭ كەنتى،
  • زىندانكۆل كەنتى،
  • تۈگمەن كەنتى،
  • ئۇقالقاش كەنتى،
  • پۇناق ئورمان كەنتى،
  • قاقشال كەنتى،
  • ئاچما كەنتى ۋە 59 كەنت گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار بار.

يەر شەكلى[تەھرىرلەش]

دامىكۇ يېزىسىنىڭ يەر شەكلى تۈزلەڭلىك. جەنۇبىي تەرىپى قۇملۇق ئوتلاق تۈزلەڭلىكى، شىمالىي تەرىپىدىكى جاڭگال قاقاسلىق، قۇمساڭ تۇپراققا كىرىدۇ. تەبىئىي ئوتلاق، ياۋا توغراق، يۇلغۇن يېشىللىق 366 مىڭ مو، دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان ئورمان بىنا قىلىشقا باب كېلىدىغان بوز يەرلىرى بار. دامىكۇ يېزىسى مول ھوسۇل، پۇناق، كاتىيا، كالمان قاتارلىق تۆت سۇ ئامبىرى بار بۇلۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى مول. بۇلار ئىچىدە مول ھوسۇل سۇ ئامبىرى سۇ مىقدارى ئەڭ كۆپ، قىش پەسلىدىكى سۇ ساقلىنىشى 9 مىليون كۇب مېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3600 مو. سۇ ئامبىرى ئەتراپىنى قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، يۇقىرى ئېقىنى بولسا تەبىئىي ئوتلاق، سۇ ۋە چۆپلىرى مول، مەنزىرىسى يېقىملىق.

بايلىقى[تەھرىرلەش]

تەبىئىي سۇ ئامبىرى، بۇلاق كۆزى سۈيى سۈزۈك، كۈندىلىك ئۆتۈش مىقدارى 82 كۇب مېتىر بۇلۇپ، ئەۋزەل ساياھەت بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ئەتراپىدىكى چۆل-جەزىرىلەردە يەنە تەبىئىي ياۋا توشقان زەدىكى، ئوت-چۆپ قاتارلىق قىممەتلىك جۇڭيى دورىلىرى بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دامىكۇ يېزىسىدا يەنە جەنۇبى ۋە شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن ئىككى تەبىئىي ئازگال بار، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە سۇ ئۈزلۈكسىز ئېقىپ تۇردىغان بۇلۇپ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ ئاساس شەرتى.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

دامىكۇ يېزىسى ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 58539.69 مو (بۇنىڭ ئىچىدە يېزا تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 58539.69 مو). ئالدىنقى يىلدىكى پىلانلىق زىرائەت تېرىش كۆلىمى 58539.69 مو، ئەمەلىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 58539.69 مو. ئاشلىق زىرائىتى تېرلغۇ يەر كۆلىمى 47029 مو. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي 22109 مو، تەكرار تېرىلغان قوناق 24920 مو؛ ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 7990 مو؛ بېدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1600 مو؛ باشقا زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 3520.69 مو.

2002-يىلى بۇغداي بىرلىك مەھسۇلاتى 464.9 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8069500 كىلوگرام؛ قوناق بىرلىك مەھسۇلاتى 401.9 كىلوگرام، ( ئېڭىز تېرىلغۇ كۆلىمىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 100155277كىلوگرام؛ كېۋەز بىرلىك مەھسۇلاتى 93.2 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 435000 كىلوگرام؛ مېۋە-چېۋە بىرلىك مەھسۇلاتى 593.65 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 570500 كىلوگرام؛ بىر يىلدا 1000 پىلە قۇرتى بېقىش، بىرلىك مەھسۇلاتى 9.09 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 9091.5 كىلوگرام.