دانىشمەنلەر ئۆلۈم ھەققىدە
دانىشمەنلەر ئۆلۈم ھەققىدە
1
بارچە مەۋجۇداتنى بىر قاراڭغۇ تۈن كۈتىدۇ.
- كۋنت گوراتسىي فلاك
2
ئۆمۈر بۇيى نېمىنىدۇر، كىمنىدۇر كۈتىسەن، ئاخىرى بولسا ئايان.
- ئىگور سىۋولوب
3
ھەممە بىر - بىرىنى ئاختۇرار، تاپماس،
ھەممىمىزنى ئاخىر ئۆلۈم تاپىدۇ.
- مىراك ئىھراب
4
مەرمەر تاش ئاستىدىمۇ ياكى ئادەتتىكى تۇپراق ئاستىدىمۇ، بەرىبىر چېرىپ كېتىسەن.
- دېنى دىدرو
5
ئۆلۈم ھەققىدە پەقەت جەسەتلەر بىلىپ بىر نەرسە دېيىشى مۇمكىن.
- لېشېك كۇمار
6
ئىنسانىي چۈشەنچىلەر بويىچە ئېيتقاندا، ئۆلۈمنىڭ بىر ياخشى تەرىپىمۇ بار: ئۇ قېرىلىققا چەك قويىدۇ. مۈكچىيىپ، ئېرىپ-چىرىپ يۈرۈشتىن بۇرۇن كەلگەن ئۆلۈم بەك قېرىپ كەتكەندە كەلگەن ئۆلۈمدىن ياخشىراقتۇر.
- جان دې لابريوئېر
7
ئىنساننىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر نەچچە قېتىم ئۆلگەن دەپ خىيال قىلىش ۋە ئۇ ئۆلگەندە قانداق جاي بوشاپ، ئورنى نەقەدەر بىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش كېرەك: بۇ سىناقتىن كۆپىنچە ئادەملەر ئۆتەلمەيدۇ.
- پېر بۇئاست
8
ئەگەر بىز ئۆلۈمنى پۈتۈن جەريانى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلالىغىنىمىزدا، شۇ ھامان ئۆلۈپ قالغان بولاتتۇق.
- دېنى دې رۇجمان
ئەگەر ئۆلگەنلەر تېرىلىپ كېلىدىغان ئىش بولسا، تېرىكلەر ھەرگىزمۇ ياشىيالمىغان بولاتتى.
- مىراك ئىھراب
10
ئۆلۈم — ئۆلۈمدىن قورقۇشنىڭ خاتىمىسىدۇر.
— مىراك ئىھراب
11
ئۆلۈمدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن چەتنەپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
— ئالبېر كاميو
12
ئۆلۈم— ئازچىلىقتىن ئايرىلىپ، كۆپچىلىككە قوشۇلۇشتۇر.
— پېترانىي ئاربىتر گاي
13
بۈگۈن ئۆلۈش— قورقۇنچلۇق. قاچاندۇر، قەيەردىدۇر ئۆلۈشكە... چىدىماي ئامال يوق.
— ۋىلادىمىر دال
14
پەيلاسۇپلار ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، ئەمما سۈۋەرەكتىن قورقىدۇ.
— مىراك ئىھراب
15
ھېچكىم ئۆزىنىڭ جىنازىسىغا كېچىكمەيدۇ.
— مىراك ئىھراب
ھاياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن يەردە، ئۆلۈمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟
— كۇڭزى
17
ھېچقاچان ئەتە كەلمەيدۇ، بۈگۈن سوزۇلۇپ داۋام قىلىدۇ. ئۆلۈم كېلەچەكتە ئەمەس، داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنگە چەك قويىدۇ. ئۆلۈم كېلەچەكتە يۈز مەرمەيدۇ، قاچانلا بولسۇن بۈگۈن يۈز بېرىدۇ.
— پېرل باك
18
ھەركىم يەككە ئۆزى ئۆلىدۇ.
— ھانس فاللادا
19
كۆڭۈللۈك ياخشىغان كۈندىن كېيىن خاتىرجەم ئۇخلايدىغان تۈن كەلگەندەك پايدىلىق ياشىغان ھاياتنىڭ كەينىدىن خاتىرجەم ئۆلۈم كېلىدۇ.
— لېئوناردو داۋىنچى
20
قەبرىستان— تىركلەر ۋە ئۆلگەنلەر ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان جايدۇر.
— مارىيە رومانۇشكو
21
بىز تىرىك ئىكەنمىز، دېمەك ئۆلۈم تېخى يوقتۇر، بىز ھامان يوق بولىمىز. شۇنداق قىلىپ ئۆلۈمنىڭ تىرىكلەرگىمۇ، ئۆلۈكلەرگىمۇ ئالاقىسى قالمايدۇ.
— ئېپىكۇر
22
ئۆلۈم قاچاندۇر بىر كۈنى كېلىدۇ، ئەمما بىز ئۇنى ئۆمۈر بۇيى كۈتىمىز: ئۆلۈمدىن قورقۇش ئۆلۈمنىڭ ئۆزىدىنمۇ قورقۇنچلىقتۇر.
— جان دې لابرىئويېر
23
ھاياتتا خۇشاللىقسىز ياشىغان ئادەم قايغۇرماستىن ئۆلىدۇ.
— بلېز پاسكال
جىمجىتلىقنى ئىزدىمەڭلار، ئۇ سىلەرنى ئۆزى ئىزدەپ تاپىدۇ.
— ۋالېنتىن دومىل
25
قۇياشقىمۇ، ئۆلۈمگىمۇ تىك قاراش مۇمكىن ئەمەس.
— فرانسۇئا دې لاروشفوكو
26
مەڭگۈلۈكنىڭ بىرىنچى شەرتى — ئۆلۈم.
— ستانىسلاۋ ئېجى لاتس
27
ئۆلۈپ كەتكەنلەر قېرىمايدۇ.
— ۋالېنتىن دومىل
28
بىز تېخى ئۆلۈپ كۆرمىدۇق. شۇڭا ئۆلۈمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمىز. بىلمىگەن نەرسىدىن قورقۇش مەنتىقىسىزلىكتۇر.
— سوقرات
29
ئۆلۈم كەلدى ۋە دېدى: «قېنى ماڭايلى، نەرسە-كېرەكلىرىڭنى ئېلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق!»
— لېئونىد كراينېۋ رىتوۋ
30
ئۆلۈمنىڭ قولىغا تىرىپ چۈشمەيمەن.
— جاڭگۇلى گۋىلاۋا
31
ئۆلۈم— جىمجىتلىق. ئەمما ئۆلۈم ھەققىدىكى پىكىرلەر بىزگە جىمجىت ياشاش ئىمكانى بەرمەيدۇ.
— چېزارې پاۋېزې
32
ئۆلۈمنى قارشى ئېلىشقا تەييارلىنىشىمىز ئۈچۈن ئۇ ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.
— كوزما پرۇتكوۋ
33
بىز ئۆلۈمنى ئالدىمىزدا، دەپ ئويلايمىز. ئەمما ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئارقىمىزدا قالغان بولىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن، قايتىلانمايدىغان يىللار ئاللىقاچان ئۆلۈمگە مەنسۇب بولغان.
— سېنېكا
34
دۇنياغا كېلىشنىڭ يولى بىر، ئەمما كېتىشنىڭ يولى ھەرخىلدۇر.
— مارك ئېھراب
35
ئىجات قىلىش، يارىتىش— ئۆلۈمنى يېڭىش دېمەكتۇر.
— رومېن روللان
36
ئۆلۈمدىن دەھشەتلىك ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، ئەمما ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ ئىمكانى يوق.
— لېرمىنتوف