دورامچىلىق مەسخىرىگە قويىدۇ
دورامچىلىق مەسخىرىگە قويىدۇ
قەدىمكى زاماندا بىر تۇل خوتۇن ۋە ئۇنىڭ پازىل ئىسىملىك بىر ئوغلى ياشىغان ئىكەن. بىر كۈنى بۇ تۇل خوتۇن ئوغلىغا:
_ بالام، سەنمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدىڭ. ئۆزىمىز يوقسۇل بولغاچقا، سېنى مەدرىستە ئوقۇتالمىدىم، داداڭ رەھمەتلىك تەقۋادار كىشى ئىدى. سەن تېخى نادان، ئوقۇشنىمۇ بىلمەيسەن. ئۆگىتەي دېسەم مەنمۇ بىلمەيمەن. ئەمدى مۇنداق يۈرۈۋەرمەي، ئەتە جامائەت بىلەن جۈمە نامىزىغا بارغىن، دىلىڭ يورۇپ ئۆگىنىپ قالساڭ ئەجەب ئەمەس، _ دەپتۇ. پازىل:
_ ئانا، مەن زادىلا بىلمىسەم قانداق ئوقۇيمەن؟ _ دەپ سوراپتۇ.
_ بالام، _ دەپتۇ ئانىسى، _ يېنىڭدىكى جامائەت قانداق قىلسا سەنمۇ شۇنداق قىلساڭ بولىدۇ.
ئەتىسى پازىل تاھارەت ئېلىپ جۈمە نامىزىغا بېرىپتۇ. ئۇ ئەيمەنگەن ھالدا مەسچىتكە كىرىپ، سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا ئىمام نامازنى باشلاپتۇ. پازىل كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ يېنىدىكى كىشىلەرنى دوراشقا باشلاپتۇ. بىرىنچى رەكەت ناماز ئوقۇلۇپ، ئىككىنچى رەكەتكە ئېڭىشكەندە، پازىلنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان بىر رىياكار ھارامزادە ئۇنىڭ كاسىسىنى چىمدىپتۇ. پازىل دەرھال ئۇنى دوراپ، ئالدىدىكى سەجدىگە باش قويۇۋاتقان سەللىلىك كىشىنىڭ كاسىسىنى چىمدىپ قويۇپتۇ. بۇ ئىشتىن غەزەپلەنگەن سەللىلىك كىشى پازىلنىڭ مەيدىسىگە بىرنى تېپىپتۇ. بارلىق ئىخلاس - ئېتىقادى بىلەن باشقىلارنى دوراۋاتقان پازىل «بۇ ئىشمۇ نامازنىڭ بىر ھەرىكىتى بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ، ئارقىسىدىكى كىشىنىڭ ماڭلىيىغا «گاچ» قىلىپ بىرنى تېپىپتۇ.
ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر پازىلنى تۇتۇپ خاتىپنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپتۇ ۋە نامازدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەلۇم قىپتۇ.
_ كاسامنى چىمدىپ، نامىزىمنى بۇزدى، _ دەپتۇ بىرىنچى كىشى.
_ سەجدىگە ئېڭىشىۋاتسام، پېشانەمنى يېرىۋەتتى، _ دەپتۇ ئىككىنچى كىشى.
خاتىپ سەۋەبىنى سوراپتۇ. پازىل ئانىسىنىڭ نەسىھەتىدىن تارتىپ ناماز ئادا بولغانغا قەدەر يۈز بەرگەن ئىشلارنى قالدۇرماي سۆزلەپ بېرىپتۇ. خاتىپ بالىنىڭ ساددا ۋە راستچىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى قويۇپ بېرىپتۇ، ئەمما ھېلىقى رىياكار ھارامزادىنى تۇتۇپ، قىرىق دەررە ئۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن پازىل، بىلمىگەن ئىشنى قارىسىغا قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ۋە باشقىلارنى دوراپ ئەگەشسە يامان كىشىلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ، كىشىلەر ئالدىدا كۈلكىگە قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئىجتىھات بىلەن ئوقۇشقا بەل باغلاپتۇ. ئۇ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پات پۇرسەتتە شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئۆلىمالىرىدىن بولۇپ قاپتۇ .
ھېكمەت:
ئاتا - بوۋىلار شۇنداق ئېيتقان. قارىغۇلارچە دورامچىلىق كىشىنى مەسخىرىگە قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر نەرسىنى دوراشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ تېگى ماھىيىتىنى چۈشىنىش كېرەك. مۇبادا سەن ئەسلىي ماھىيتى بىلەن ئەمەس، بەلكى شەكلەن دوراشنى ئاساس قىلساڭ، ھېكايەتتىكى پازىل كەبى ئەھۋالغا دۇچار بولىسەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەندە سەمىمىيلىك بولمىسا، ھەر قانداق چارە قىلغىنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئەسلا ئېرىشەلمەيسەن(1).
(«بوۋام ئېيتقان ھېكمەتلەر»، 10 – 12 - بەتلەر)
____________________________
(1) ئابدۇرېشىت موللاق ئېيتىپ بەرگەن، سىيىت ئېلى توپلىغان. «قەشقەر خەلق چۆچەكلىرى»نىڭ 1993 - يىلدىكى نەشرىدىن ئېلىندى.