دوكتورئەيساجان ئابىدىن

ئورنى Wikipedia

دوكتورئەيساجان ئابىدىن

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)


ئەركىن سىدىق


ئىنىمىز ئەيساجان ئابىدىن 1983-يىلى كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاۋات يېزىسىدا تاماملاپ، تولۇق ئوتتۇرىنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېسابلاش ماتېماتىكا تولۇق كۇرۇس كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 2006-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

ئەيساجان كەلگۈسىدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ ھەر ئىككىسىدە كەسپىي دەرسلەرنى پۇختا ئىگىلىگەندىن سىرت، يەنە ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكىمۇ باشلايدۇ. دەسلەپتە ئىنگلىز تىلى كۇرسىدا ئوقۇپ ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئۆزلىكىدىن ھەرخىل ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ ئۆگىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتلىك 4- ۋە 6-دەرىجىلىك ئىمتىھانلاردىن ئۆتىدۇ ۋە 2004-يىلى IELTS ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. شۇنداقلا شۇ يىلدىن باشلاپ ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرىدا قوشۇمچە دەرس ئۆتۈشكە باشلايدۇ.

ئەيساجان 2005-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بىر يىل بۇرۇن شىۋېتسىيەدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان چالمېرس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Chalmers University of Technology)نىڭ ئىنژېنېرلىق ماتېماتىكا كەسپىگە ماگىستىرلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. بىراق ۋىزىغا ئېرىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۇ يىلى ئوقۇشقا بارالماي، قايتا ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق 2006-يىلى تولۇق كۇرسنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاندىن چالمېرسقا ئوقۇشقا كېلىدۇ.

ئۇ ئادەتتە ئىككى يىلدا تاماملىنىدىغان ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى 10 ئاي ئىچىدە ھەممە پەنلەردە تولۇق نومۇر بىلەن تاماملايدۇ. بۇ جەرياندا ئەيساجان بىر تەرەپتىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە 4-5 سائەت گېزىت تارقىتىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك ئەتىگىنى ئۆتۈلگەن دەرسلەرگە قاتنىشالماي، كەچلىكلىرى ئۆزى ئۆگىنىدۇ. بۇ 10 ئاي ئەيساجانغا نىسبەتەن ھەم جاپالىق، ھەم نەتىجىلىك ۋاقىت بولىدۇ. ئۇ ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇنلا دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئەيساجان 2007-يىلى 6-ئايدا شىۋېتسىيەدىكى لىنشۆپىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (Linköping University)نىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا بەش يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇشقا كىردى ۋە كۋانت مەخپىي شىفىر بىخەتەرلىكى (Quantum Cryptography)گە ئائىت تېمىنى تەتقىقات يۆنىلىشى قىلىپ تاللىدى. ئەيساجان 2010-يىلىى ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئۇچۇر كودلاشتۇرۇش (Information Coding) بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ كىرىپ، شۇ بۆلۈمدە 2013-يىلى 5-ئايدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىدى.

ئۇ دوكتورلۇق تەتقىقات تېمىسىنى ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئوقۇغان ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە مۇناسىۋەتسىز بىر ساھەدە تاللىغانلىقى تۈپەيلىدىن، تەتقىقاتىغا ئائىت ئاساسىي بىلىملەرنى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئىگىلەشكە توغرا كېلەتتى. بىراق ئەيساجان تەتقىقاتىغا ئائىت ئاساسىي بىلىملەرنى تېزدىن ئىگىلەپلا قالماي، بىر كۋانت مەخپىي شىفىر ھاسىل قىلىش كېلىشىمىدىكى يوچۇقنى بايقاپ، تۇنجى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدا ئېرىشكەن بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۆز ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، مەلۇم دەرىجىدە غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئەيساجان دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان مەۋسۈمدىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن ئۆز ئوقۇشىنى ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈپ، تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان سىزىقلىق ئالگېبرا، ماتېماتىكا ئانالىزى، مەخپىي شىفىر ئىلمى ۋە كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى قاتارلىق دەرىسلەرگە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.

2014-يىلى 2-ئايدا چالمېرسنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتىغا بىر يىللىق دوكتور ئاشتىلىققا كىرىپ، شەخسىي مەخپىيەتلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستىكى بىئوئىستاتىستىكىلىق كىملىكنى ئىسپاتلاش (privacy-preserving biometric authentication) ۋە باشقا بىرقانچە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئائىت تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ بۇ جەريانلاردا ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىلمىي دوكلات بەردى.

ئەيساجان ھازىر شىۋېتسىيەدىكى ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى بىر شىركەتتە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ئائىت تېخنىكىغا مەسئۇل خادىم بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ پات ئارىدا بېلگىيەدىكى لۇۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (KU Leuven) دۇنياغا داڭلىق كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى ۋە سانائەت مەخپىي شىفىر ئىلمى (Computer Security and Industrial Cryptography) تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشقا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.

ئەيساجانغا كىچىكىدىن تەسىر قىلغان مۇھىم نەرسە ئاتا-ئانىسىنىڭ بارلىقىنى پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ئاتىۋەتكەنلىكى، بولۇپمۇ ئەيساجان كىچىك ۋاقتىدا دادىسى بەخىتكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مېھرىبان ئانىسىنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە پىسەنت قىلماي، ئۆزى يالغۇز دېھقانچىلىققا تايىنىپ، پەرزەنتلىرىنى ياخشىراق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقانلىقى ۋە ئۇلارنى يېقىندىن قوللاپ، ئوقۇشتا ياخشى نەتىجە قازىنىپ، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنىنى تېپىشىغا مەدەت بەرگەنلىكىدۇر. ئەيساجان شۇ ۋەجىدىن ئۇلۇغ ئانىسىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، يەنە ئاكا-ھەدىلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ياخشى ئوقۇپ، ئۆزىگە ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ھەر دائىم يېقىندىن يار-يۆلەكتە بولۇپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

ئەيساجاننىڭ ياشلارغا بولغان يۈرەك سۆزى مۇنداق: «ئىنساننىڭ ھاياتى تولىمۇ قىسقا. بۇ قىسقا ھاياتتا ھەربىر ئىنسان نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن ساغلاملا بولىدىكەن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەرلىك ۋاقىت بار. شۇڭلاشقا، ئىشىنىمەنكى، ھەر دائىم ئۈمىدۋار بولۇپ، ئوڭۇشسىزلىقلارغا تىز پۈكمەي، تەن-سالامەتلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئۈزلۈكسىز توغرا يولدا، توغرا نىيەتتە تىرىشىدىغانلا بولساق، ھەممىمىز ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ۋە غايىلىرىمىزنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز».

ئىنىمىز ئەيساجاننىڭ بىر شەخسىي تور بېتى بار بولۇپ، ئۇنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

https://sites.google.com/site/aysajan/

ئىنىمىز ئەيساجان 2003-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن باشلاپلا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ MIT تەييارلاپ تارقاتقان ئىنتېرنېت ماتېماتىكا دەرسلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم قازانغان. بۇنداق دەرسلەر ئىنگلىزچە «OpenCourseWare, OCW» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىدىمۇ بۇ قورالدىن كۆپ پايدىلىنىپ، ياخشى ئۈنۈملەرگە ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرمۇ بىرەر يېڭى نەرسىنى ئۆگەنمەكچى بولغاندا، ئىنگلىزچە «Coursera» دەپ ئاتىلىدىغان ھەقسىز ئىنتېرنېت دەرسلىرىنى تېپىپ ئاڭلايدۇ. ئىنىمىز ئەيساجان ھازىر ۋەتەندە ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئۇكىلارغا بۇ ئىككى تور بەتنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تور ئادرېسلىرى:

http://ocw.mit.edu/courses/audio-video-courses/


https://www.coursera.org/courses


2015- يىلى 5 ئاينىڭ 1- كۈنى.


دوكتور ئەيساجان ئابىدىن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى (ئىنگلىزچە):

Refereed Conference/Journal Papers:

[1] On the Leakage of Information in Biometric Authentication

Elena Pagnin, Christos Dimitrakakis, Aysajan Abidin and Aikaterini Mitrokotsa

In Proceedings of INDOCRYPT 2014, LNCS 8885, pp. 265-280, Springer, 2014.

[2] Security aspects of privacy-preserving biometric authentication based on ideal lattices and ring-LWE

Aysajan Abidin and Aikaterini Mitrokotsa

In Proceedings of IEEE WIFS, pp. 1653-1658, 2014.

[3] Security of a Privacy-Preserving Biometric Authentication Protocol Revisited

Aysajan Abidin, Kanta Matsuura, and Aikaterini Mitrokotsa

In Proceedings of CANS 2014, LNCS 8813, pp. 290-304, Springer, 2014.

[4] Attacks on Privacy-Preserving Biometric Authentication

Aysajan Abidin, Elena Pagnin, and Aikaterini Mitrokotsa

In Proceedings of NordSec 2014, LNCS 8788, pp. 293–294, Springer, 2014.

[5] A Privacy-preserving Biometric Authentication Protocol Revisited

Aysajan Abidin and Aikaterini Mitrokotsa

In Proceedings of YACC 2014, Porquerolles island, France, June 2014.

[6] Direct Proof of Security of Wegman-Carter Authentication with Partially Known Key

Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson

Quantum Information Processing, 13(10): 2155-2170, 2013

QOI: 10.1007/s11128-013-0641-6

[7] On security of universal hash function based multiple authentication

Aysajan Abidin

In Proceedings of ICICS 2012, LNCS 7618, pp. 303-310, Springer, 2012.

[8] New Universal Hash Functions

Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson

In Proceedings of WEWoRC 2011, LNCS 7242, pp. 99-108, Springer, 2012

[9] Quantum Cryptography and Authentication with Low Key-Consumption

A. Abidin, C. Pacher, T. Lorünser, J.-Å. Larsson and M. Peev

Proc. of SPIE Vol. 8189. (2011)

[10] Vulnerability of "A novel protocol-authentication algorithm ruling out a man-in-the-middle attack in Quantum Cryptography

Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson

International Journal of Quantum Information, Vol. 7, No. 5 (2009) 10471052.

[11] Special properties of Strongly Universal-2 hash functions important in Quantum Cryptography

Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson

AIP Conf. Proc., Vol. 1101, pp. 289-293, 2009.

Submitted Papers:

[12] Secure Privacy-Preserving Biometric Authentication

Aysajan Abidin, Jonas Magazinius, and Aikaterini Mitrokotsa

Preprints:

[13] Attacks on quantum key distribution protocols that employ non-ITS authentication

C. Pacher, Aysajan Abidin, T. Lorünser, M. Peev, R. Ursin, A. Zeilinger and J.-Å. Larsson

arxiv.org/abs/1209.0365

[14] Security of Authentication with a Fixed Key in Quantum Key Distribution

Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson

arxiv.org/abs/1109.5168

[15] Lifetime of Authentication Using Encrypted Tags When the Encryption Key is Partially Known

Aysajan Abidin and Jan-Åke Larsson

Theses:

PhD Dissertation: Authentication in Quantum Key Distribution: Security Proof and Universal Hash Functions

(Department of Electrical Engineering, Linköping University, 2013)

Licentiate Thesis: Weaknesses of Authentication in Quantum Cryptography and Strongly Universal Hash Functions

(Department of Mathematics, Linköping University, 2010)

Master Thesis: Finite Element Simulations of Stochastic Patial Differential Equations (Solver)

(Department of Mathematical Sciences, Chalmers University of Technology, 2007)


مەنبە:

http://www.meripet.com/2015/20150501_chetel_uyghur10.htm

مەنبە: ئىستىقلال خەۋەرلىرى تورى